ئازاپلارنى ئەسلىتىپ ماڭا،
كۆز ئالدىمدا ياش تۆكمە جېنىم.
ساداقىتىڭ بولسا مەن ئۈچۈن،
لىۋىمگە سۆي قايتا بىر قېتىم.
سۆيگۈمىزدىن روخلانسۇن يۈرەك.
ھىجران دىلدىن قوغلانسۈن يىراق.
چاقناپ تۇرسۇن ئۈمىت بىزلەردە،
زۇلمەتلەردە ياندۇرۇپ چىراق.
كۆز تىكەيلى گۈزەل ئەتىگە،
يىراق بولسۇن بىزدە ياتسىراش.
پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتتايلى بىز،
ۋاقىت ئۆتەر شۇنچە ئالدىراش.
ۋىسال بىلەن ئۆتسۇن ئۆمرىمىز،
مۇڭلانمىسۇن ئوتلۇك سۆيگۈمىز.
تەشۋىشلەردىن بولايلى ھۇششار،
قىيانلانسۇن دىلدىن ئىشقىمىز.
مېھرىمىزدىن نۇرلانسۇن ھايات،
بەختىمىزدىن زوقلانسۇن جاھان.
ساداقەتنى تىل تۇمار قىلىپ،
ياشايلى بىز قەدىرلەپ ھامان
ئاپتۇرى :بىلىقىزئەمەت(پاك ) ئىجادىيىتىدىن