: DEWRANجۇلالايدۇ ۋىسال گۈلىمىز
كەتتىڭ شۇئان كۆزلىرىمدىن ئاقتى ياش،
قالدى ئالەم كۆزلىرىمگە كۆرۈنمەي.
ھەر دەقىقە تۇيۇلماقتا سوتكىدەك،
بار چېغىڭدا ئۆتكەن بىلەن بىلىنمەي.
قالدى ئالەم كۆزلىرىمگە كۆرۈنمەي،
نىگاھىمنى توستى ھىجران تاغلىرى.
سەن كېلىسەن بىركۈن چوقۇم، تىلالماس-
يۈرىكىمنى شۇندا ھىجران تىغلىرى.
ھەر دەقىقەڭ تۇيۇلسىمۇ سوتكىدەك،
تەلمۈرىمەن ۋىسالىڭغا سەۋرىدە.
سىنىلىدۇ چۈنكى سۆيگۈ-مۇھەببەت،
ئەلمىساقتىن ھىجران، ئازاب-جەۋرىدە.
بار چېغىڭدا يۈرگەن بىلەن بىلىنمەي،
ئۆتەر كۈنۈم ئەمدى يىلدەك تۇيۇلۇپ.
جۇلالايدۇ ئەتە ۋىسال گۈلىمىز،
شەبنەم كەبى يېشىمىزدا يۇيۇلۇپ.
( دەۋران نەزمىلىرى )