يۈرەك كېسىلى بارلار ئەتىگەندە چېنىقمىغىنى ياخشى
ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى يۈرەك كېسىلى بار 4000 دىن كۆپ بىمارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ، بىر كۈندىكى 24 سائەتتە يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىدا مەلۇم بىر ۋاقىت رېتىمى بولىدىغانلىقىنى ، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دىن 9 غىچە بولغان ۋاقىت يۈرەك كېسىلى كۆپ قوزغىلىدىغان مەزگىلى ئىكەنلىكىنى ، يۈرەك سانچىقى ، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆپ ھاللاردا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 ئەتراپىدا كۆرىلىدىغانلىقىنى ،چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا قوزغىلىدىغان جانغا زامىن بولمايدىغان يۈرەك كېسىلىنىڭ كەچ سائەت 11 دا قوزغىلىدىغان يۈرەك كېسىلىدىن ئۈچ ھەسسىدىن كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان .
تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، يۈرەك كېسىلى بارلارنىڭ بىر كۈن ئىچىدە بەدىنىنىڭ يۈكىگە بولغان ئىنكاسى ئوخشاشمايدىكەن ، ئۇلارنىڭ ئەتىگەندە بەدەننىڭ يۈكىگە بولغان ئىنكاسى ئەڭ ناچار بولىدىكەن . ئەگەر ئۇلار بۇ چاغدا ئېغىرراق جىسمانىي ھەرىكەت ياكى قاتتىق ھەرىكەت قىلسا ، ھاياتىغا ئاسان خەۋپ يېتىدىكەن . شۇڭا يۈرەك كېسىلى بارلار چېنىقماقچى بولغاندا ئەڭ ياخشىسى يۈرەك كېسىلى كۆپ قوزغىلىدىغان مەزگىلنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ، چۈشتىن كېيىن ياكى كەچتە چېنىقىشى كېرەك ئىكەن .
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى