راستىنلا چىرايلىق مارجاندەك تەرمىلەر ئىكەن . سىزگە كۆپ رەھمەت! ساقلىۋالسام رۇخسەتمۇ-يا؟
تەرمىلەر
_ ھەقىقەت شۇنداق نەرسە ، ئۇ زۇلۇمغا زۇلۇم بىلەن ، گۈزەللىككە گۈزەللىك بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .
_ تىز پۈكمەسلىك ئۈچۈن جاسارەتمۇ ، غۇرۇرمۇ ، ئىتىقات - ئىمانمۇ بولىشى كېرەك .
_ مەيلى تۇرمۇش ، مەيلى ھايات ، مەيلى شەيئى ياكى ئادەم بولسۇن ، چۈشىنىش بولمىغاندا مەغلۇبىيەت بولىدۇ .
_ ئەخلاق ۋە ئىماندىن ئاجرىغان تەڭداشسىز گۈزەل قىزلارمۇ بەختسىز بولىدۇ .
_سىز باشقىلاردىن ، بىراۋنىڭ قوپال ، نەپسانىيەتچى ، ئەخلاقىنىڭ بۇزۇقلىغىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا سۈكۈت قىلىڭ . بۇ خىل كەيپىيات بەلكىم سىزگە پايدىلىق بوپ قالار .
_ ئەيش -ئىشرەت مۇزىكىللىرى ، چۈشكۈنلۈك مۇزىكىللىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .
_ شەھۋەتپەرەس شەرم - ھايا تونىنى كىيۋالغان تەقدىردىمۇ ، يەنىلا بۇزۇق ئەبلەختۇر .
_ سىز بىراۋنىڭ كۆز يېشىغا سەۋەپچى بولسىڭىز ، كەچۈرگۈسىز گۇنا ئۆتكۈزگەن بولىسىز .
_ سىز توغرا يولدىن ئازغاندا ، بوراندا قالغان قامغاقتەك ئۆزىڭىزنى ھەر يانغا ئۇرىسىز .
_ نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز كاللىسىدا ئۈزۈپ يۈرگەن يامان خىياللىرى تۈپەيلى ھالاك بولىدۇ .
_ جاسارەتنى ئاتا ئەقىدىسىدىن تاپقان ، مۇھەببەتنى ئانا سۆيگۈسىدىن سۇمۇرگەن پەرزەنتنىڭ باسقان يولى شەكسىزكى - پارلاقتۇر.
_ <<ئەرلىرى تەرپىدىن كەمسىتىلگەن ، خورلانغان ئاياللارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈش ھوقۇقى بار >>
(خاتىرەمدىن)