ئوباما ھۆكۈمىتى تېررورچىلارغا تۇتىدىغان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتتى
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ باراك ئوباما رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ھۆكۈمىتى، سابىق پرېزىدېنت گېئورگى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۆرەش قىلىشتا ئىشلەتكەن «دۈشمەن ئۇرۇشچى» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىشنى بىكار قىلدى.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى، سابىق پرېزىدېنت گېئورگى بۇش ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئورنىتىلغان قولغا ئېلىش شەرتلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ۋە پەقەتلا ‹ئەلقائىدە› بىلەن ‹تالىبان›غا «نۇقتىلىق» ياردەم بەرگەنلەرنى قولغا ئېلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىرلىك، مەزكۇر تەشكىلاتلارغا ياردەم قىلغان كىشىلەرنىڭ ياردەملىرىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا قولغا ئېلىنىشلىرىنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى، گۇانتانامودىكىلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن «دۈشمەن ئۇرۇشچى» ئاتالغۇسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئېرىك ھولدېر، تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر سىياسەتنى يولغا قويۇش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.