ئىرېلاندىيە ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى ھەربىي ھالەت ئېلان قىلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىرېلاندىيە ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى ھەربىي ھالەت ئېلان قىلدى.
شىمالىي ئىرېلاندىيىدە ئەنگىلىيىلىك ئىككى نەپەر ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىغا چېتىشلىق، دەپ قارىلىپ 3 كىشى قولغا ئېلىندى.
شىمالىي ئىرېلاندىيە ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 21، 32 ۋە 41 ياشلىق 3 كىشى ئەنگىلىيىلىك ئىككى نەپەر ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىغا چېتىشلىق، دەپ قارىلىپ قولغا ئېلىنىپ سوراققا تارتىلغان.
ئۆتكەن ھەپتە شىمالىي ئىرېلاندىيىنىڭ پايتەختى بېلفاستتا ئەنگىلىيىنىڭ بىر قارارگاھىغا ھۇجۇم قىلىنىپ ئەنگىلىيىلىك 2 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەردىن بىرى ئەسلى «شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى»لىك چىڭگىز ئازىمكار ئىسىملىك بىر ئەنگىلىيە ئەسكىرى ئىدى.
ئەنگىلىيىلىك ئەسكەرلەرگە قىلىنغان بۇ ھۇجۇمنى ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن بىر گۇرۇپپا ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى.