دىلخۇش
دىلخۇش كامال تاپار ئۇشبۇ ھاياتتا ،
كۈلۈپ تۇرۇپ يۈزلىنىدۇ ھاياتقا .
دىلخۇش قانات قاقار ئۇچار ھاياتتا ،
كۈلۈپ جەسسۇر قارايدۇ ھەم ماماتقا .
دىلخۇش ئويغاق ئېچىۋەتكەن كۆزىنى ،
ئۇتاپىدۇ چوقۇم يولنىڭ تۈزىنى .
دىلخۇش غالىپ تونىتىدۇ ئۆزىنى ،
دىلخۇش قەيسەر كۆتۈرىدۇ يۈزنى .
دىلخۇش ئىنسان ئۇندا ئىنسان خىسلىتى ،
ئەدەپ - ئەخلاق ئۇ دىلخۇشنىڭ زىننىتى .
ئادەملىكتە ئارتۇق دىلخۇش ھۆرمىتى ،
مەرىدلىك ،ۋاپا ،ئىلىم دىلخۇش قىممىتى .
دىلخۇش بەخىت ئۇ بەخىتنىڭ شاھىسى ،
دىلخۇش ئىشچان ئۇ بەخىتنىڭ تاجىسى .
دىلخۇش چاقچاق ئۇچاقچاقچى ۋارىسى ،
دىلخۇش بولۇش ھەر ئىنساننىڭ غايىسى .
دىلخۇش ئەقىل ئۇ ھاياتنى بۈلىدۇ ،
ئۇ ئۈمىدۋار كۈندە مىڭ رەت كۈلىدۇ .
دىلخۇش كۈشلۈك ئۇقۇدىرەتكە تولىدۇ ،
غەيرىتىدە تاغمۇ تالقان بولىدۇ .
دىلخۇش پۇرسەت ئۆتۈپ كىتەر يىنىڭدىن ،
دىلخۇش كەتسە روھ زىركەر تىنىڭدىن .
دىلخۇش بولسا ۈل ئىچىلار بىغىڭدىن ،
دىلخۇش ئۆتسۇن ھەرۋاقىت ھەرچىغىڭدىن .
دىلخۇش خەلقىم مىللىتىم دەپ ياشايدۇ ،
دىلخۇش ۋەتەن جەننىتىم دەپ ياشايدۇ .
دىلخۇش تۈگىسۇن ئىللىتىم دەپ ياشايدۇ ،
ئادىمىيلىك خىسلىتىم دەپ ياشايدۇ ،