پاكىستان، سىياسىي كرىزىسنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشنى قارار قىلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: پاكىستاندا ھۆكۈمەت، ئۆكتىچى پارتىيىلەرنى دۆلەتتىكى سىياسىي كرىزىسقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
پاكىستان پرېزىدېنت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پاكىستان پرېزىدېنتى ئاسىف ئەلى زەردارى ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئەربابلىرى تۈنۈگۈنكى بىر يىغىندا، پاكىستاندىكى جىددىي ۋەزىيەتنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىش قارار قىلىنغان ئىكەن.
باياناتتا، دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشى ۋە سىياسىي ساھەدىكى جىددىچىلىكنىڭ نورمال ھالەتكە قايتىشى ئۈچۈن، بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنى كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلىش قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھۆكۈمەتنىڭ، بارلىق پۇقرالارنىڭ جان ۋە مال - مۈلۈك ئامانلىقىنى ھەر قانداق بەدەل كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر قانۇن - ئىنتىزام دائىرىسىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىئوتتۇرىغا قۇيۇلغان باياناتتا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشلارنى ئاساسىي قانۇن تەرىپىدىن كۆرسىتىلىپ بېرىلگەن دائىرە ئىچىدە ئېلىپ بارىدىغانلىقى بايان قىلىندى.
پاكىستاندا زەردارىنىڭ، بۇرۇنقى پرېزىدېنت پەرۋىز مۇشەررەف تەرىپىدىن قوغلانغان سوتچى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ۋەزىپىلىرىگە قايتۇرۇپ كېلىنىشىنى قۇبۇل قىلماسلىقى تۈپەيلى كېلىپ چىققان سىياسىي كرىزىس، ئۆتكەن ئايدا ئالىي سوتنىڭ ئۆكىتىچىلەر پارتىيىسى رەھبىرى ۋە سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شەرىف بىلەن بىر تۇققىنى شاھباز شەرىفنىڭ سايلامغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتنىڭ نامايىش قىلىشنى چەكلىشىگە قارىماي مۇلتان شەھىرىدە تەخمىنەن 100 ئادۋوكات ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىش قىلماقچى بولغانلىقى، لېكىن ساقچىلارنىڭ بۇ نامايىشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ۋە بىر قانچە كىشىنى قولغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.