ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 159 - كۆرۈرمىنى
abdul
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2105
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 746
شۆھرەت: 746 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7266 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 192(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 ئانا كۆڭلى  ( ھېكايە)

                            ئانا كۆڭلى
        (قازاقچىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى)

            سېرجان قابەت ئوغلى

  جامال ئانىنىڭ كېكىرتىكىدىن تاماق ئۆتمەي، تاماق يېسە قىزىل ئۆڭگەچنى ئاغرىتىپ تۇراتتى، بىراق ئۇ بۇنى جان بالىسىغا تۇيدۇرماي كەلدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتتى، بۇنىڭدىن ئەجەلنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى جامال ئانا بىلىپ تۇردى، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا مەرھۇم يولدىشىغا چاپلاشقان كېسەلمۇ دەسلەپتە مۇشۇنداق باشلانغانىدى، يولدىشى ئىككى ئايدىن كېيىن ، يالغۇز ئوغلىنىڭ توي ئىشىنى ئۆزىگە ئامانەت قىلىپ، كەلمەس سەپەرگە ئاتلانغانىدى.
   خۇدا بۇيرۇسا مەرھۇمنىڭ ئامانىتىنى ئورۇندايدىغان ۋاقىتقا ئاز قالدى،  بىر ھەپتىدىن  كېيىن يېزىغا كۆچۈپ بارىدۇ،كېلىن ئېلىپ كىرىدۇ، ئۇ يەردە ئاغرىپ يېتىپ قالسا، يالغۇز ئوغلى قانداق قىلىدۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىغان ئانا تېنىدىكى بار قۇۋۋەتنى يىغدى ۋە ئەتىگىنى سەھەر تۇرۇپ سۈت چاي قىلىپ ئوغلىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ يۈردى.
  ئانىسىنىڭ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە جۈدەپ قالغىنىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئاغرىپ قالدىمۇ؟ دەپ ئويلىغان جانات نەچچە رەت:
  ئانا، مىجەزىڭىز يوقمۇ؟ چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ كېلەيمۇ؟ جان ئامان بولسا قالغان ئىش ئاستا-ئاستا پۈتمەمدۇ؟ كېلىن كىرگۈزىمەن دەپ تەنساقلىقىڭىزدىن ئايرىلىپ قالماڭ، بولمىسا توينىڭ ۋاقتىنى كەينىگە سۈرسەكمۇ بولىدىغۇ؟- دېۋىدى، جامال ئانا:
_قوي بالام، نەدىكى گەپنى قىلىپ، كەلگۈلىۋاتقان كېلىننى كەينىگە ئىتتىرىدىغانغا ماڭا جىن چاپلاشمىدى، مېنىڭ دەردىم يوق.
شۇنداق قىلىپ جانات ئانىسىدىن خاتىرىجەم ھالدا، ئانىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىنچە كېرەكلىكلەرنى ئالغاچ، ئاچىسى جايىنا بىلەن كۆرۈشتى، ئاچىسى « ئانام ئاغرىپ قالدىمۇ؟ قايسى كۈنى كۆرگەن چۈشۈم يامان ئىدى، چۈشۈمدە ئانام ئاپئاق كۆينەك كىيىپ كېتىپ بارىمىش،دەريانىڭ قارشى تەرىپىگە قاراپ كېتىپ بارىمىش،  ئىككىمىز ئانا قايت! دەريا تېشىۋاتىدۇ، دەپ يىغلىساقمۇ ئانام ئاڭلىمۇغۇدەك، يەنە بىر تەرەپتە دادامنىڭ قول پۇلاڭلىتىپ تۇرغىنى كۆرۈنگۈدەك، شۇنىڭ بىلەن چۆچۈپ ئويغاندىم. بۇ ئاللانىڭ بەرگەن بىشارىتىمىدۇ؟ بۇنداق كۈندىن خۇدا ساقلىسۇن، ئانام بايقۇش بۇ دۇنيادا نېمە راھەت كۆردى، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، كۆرپە ياستۇقلارنى تىكىشىپ، توينىڭ تەييارلىقىغا ياردەملىشەي» دەپ، ئانىسى قېشىغا يۈرۈپ كەتتى.
   كەچكە يېقىن جايىنا ئانىسىنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى، قارىسا ئانىسى كېگىز ئۆينىڭ ئالدىدا قاراپ تۇرۇپتۇ.
_ ۋاي، قاغام، تېخى بىر ئاۋاز چىققاندەك زايە بولغانىدى، سەنكەنسەنغۇ؟ دەپ جايىنانىڭ پىشانىسىگە سۆيدى ئانا.
جايىنا ئانىنىڭ رەڭگى-رۇخسارىغا قاراپ:
خۇدايا توۋا ئانا سىزگە نېمە بولدى، ئاغرىپ قالمىغانسىز؟_ دەپ ئانىنى قۇچاقلاپ كۆز ياشلىرىنى تۆكتى.
_ قويشاڭچۇ بالام، «قورققانغا قوش كۆرۈنۈپتۇ» دېگەن شۇ، ئاغرىپ قالغىنىم يوق، ئۇزاق يولدىن ئاتلىق كېلىپ ھاردىڭ، ئۆيگە كىرىپ ئارام ئال_ دەپ ئانا جايىنانى ئۆيگە باشلىدى.
بىراق قىز ئۆيگە كىردى ۋە:
_ يوشۇرماڭ ئانا، كىچىككىنە ۋاقىتنىڭ ئىچىدە شۇنچىلىك جۈدىگەن بارمۇ؟ سىزنى ھازىرلا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىمەن، تېزراق تەييارلىنىڭ، ئۆز جېنىڭىزنى ئايىمايدىغان قانداق ئادەمسىز؟- دەپ يەنە يىغلاپ تۇرىۋىدى، جامال ئانا:
_ قوي بالام، داداڭ بۈگۈن ئۆلگىنى يوق، ئاناڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ، كۆز يېشىڭنى ئاناڭغا كۆرسەتمىسەڭچۇ؟ ئەجەل يېتىپ كەلگەن  بولسا ئامال يوق، ئامال بولغان بولسا مەرھۇن ئاتاڭ ئولتۇرماسمىدى بىز بىلەن؟
_ شۇ سىزنىڭ جۈدەپ قالغان ھالىڭىزنى كۆرۈپ............،«بىلىپ تۇرۇپ قاراپ ئولتۇر» دەمسىز؟ قورسىقىڭىزنى يېرىپ چىققان باللىرىڭىزغۇ بىز، ھەر قانچە قەرىزگە بوغۇلۇپ كەتسەكمۇ سىزنى داۋالاتمىساق، قانداق بالا بولدۇق؟؟ _ قىزىغا چاي تەييارلاۋاتقان جامال ئانا سىزرنى قىزىدىن يوشۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، سەۋىرچانلىق بىلنە سۆز باشلىدى:
_ قاغام بالام، سەندىن يوشۇرمايمەن، يوشۇرساممۇ سەن قىز قويمايسەن، بۇ كېسەل چاپلاشقىلى كۆپ بولمىدى، مەرھۇم ئاتاڭنىڭ كېسىلى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش، بۇ ئېيتىپ كەلگەن كېسەل، داداڭنى ساقايتىمىز دەپ، ئېلىپ بارمىغان شىپاخانا قالدىمۇ؟ بەرىبىر ئايرىلىپ ئاندىن تىندۇق، ئەمدى سەندىن ئۆتىنىدىغىنىم، كېلىن كىرىپ ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرغۇچە، ئاناڭنىڭ يۈرەك باغرىغا بۇ سىرنى ئېيىتقۇچى بولما.
_قويسىڭىزچۇ ئانا، مال-دۇنيا جان بولامدۇ؟ بالىلىق قەرزىمىز نەدە قالدى؟ بىزنىڭمۇ، جاناتنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلىق رىسقىمىز بار، ئىلىم-پەن تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، شىپا تېپىلار، ھازىر زامان ياخشىغۇ؟ - قىزنىنىڭ قولىنى يەڭگىل سىققان ئانا ئۆتۈنگەن ئاھاڭدا:
_بالام، ئاللا ئۆزى بەرگەن جاننى ئۆزى ئالىدۇ، كۆڭلۈڭنى چۈشىنىۋاتىمەن، داداڭنىمۇ ئۈرۈمچىگىچە سۆرەپ كەتتىڭىلار، شىپاسى بولدىمۇ؟ قەرزىڭلار ئادا بولدى، مەرھۇم رازى، ئاللا رازى بالام، مەن ئۆز كېسىلىمنى ئۆزۈم بىلىپ تۇرۇپتىمەن، ئاناڭنىڭ ئاخىرىقى تىلىگى، داداڭ روھىنىڭ ئامانىتى، مېنىڭ كېسەللىكىمنى ھازىرچە ئاۋۇ يالغۇز ئوغلۇمغا ئۇقتۇرما، قوتاندىكى قويلارنى سېتىپ، ئۇكاڭنىڭ تويلۇقىنى يوق قىلساڭ، مەن داداڭنىڭ ئالدىغاق قايسى يۈزۈم بىلەن بارىمەن؟ ئانا ئۈچۈن ئۆز بالىسىنىڭ بەختىدىن باشقا بەخىت بارمۇ؟
جايىنا ئۆندەرەپ يىغلاپ كەتتى، ئانا ئۇنىڭ يىغىسىنى بېسىپ:
_ بولدى بالام، ۋەدە ۋەدە بولسۇن، ئاناڭنى ئىككى دۇنيا رازى بولسۇن دېسەڭ، ئاناڭنىڭ تىلىكىنى ئادا قىل، خېلى ئەقلىڭ بار ئىدىغۇ؟ ، يەنە گەپ قىلسا ئانىسىغا ئازار بېرىپ قويىدىغىنىنى سەزگەن جايىنا ئاخىرى تىنچىدى ۋە :
_ ئۇنداق بولسا ئانا، مېنىڭمۇ بىر تىلىكىم بار، سىزنىڭ ئەمدىكى ۋەزىپىڭىز ئارام ئېلىش بولسۇن، توينىڭ قالغان ئىشلىرى مېنىڭ بوينۇمدا بولىدۇ، مەن ھاززىر دەرھال ئاتلىنىمەن-دە ئەتە سەھەردە پەيدا بولىمەن رازىلىق بېرىڭ،- دەپ ئۆتۈندى، ئانىسى رازى بولغاندىن كېيىن قىزى كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتتى.
  جايىنا چايدىن كېيىن قايىتتىدە، ئارقا ياقلىرىنى( ئائىلىسىنى بولسا كېرەك)ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتىسى ئەتىگەندە قايتا پەيدا بولدى، ئۇ ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بويىنچە ئىنىسنىڭ ئالدىدا سىر بىلدۈرمەي، خۇشھال يۈرگەن قىياپەتتە بولغىنى بىلەن، قايغۇ بىلەن قان يۈتۈپ يۈردى، جانات بولسا ئاچىسىنىڭ ئانىسىنىڭ ئىشلىرىنى ئېلىپ ھەممىنى جاي-جايىغا ئورۇنلاشتۇرغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلى جايىغا چۈشتى.
  بايا دېگەن ۋاقىت كېلىپ يېزىغا كۆچىدىغان كۈنى سەھەردە، قايسى كۈنىكى دېيىشكىنى بويىنچە جايىنانىڭ ئېرى ئاغىنىسىدىن بىر كۈنلۈك سورىغان كىچىك ماشىنىسى بىلەن يېتىپ كەلدە-دە، ئاستىنى يۇمشاق قىلىپ، جامال ئانىنى ماشىنىغا ئولتۇرغۇزدى، جايىنا ئانىسىنى ئېلىپ ئېرىنىڭ دوستى ھەيدىگەن ماشىنىدا يۈرۈپ كەتتى، جانات بولسا يېزنىسى بىلەن بىرگە چارۋىلارنى ھەيدەپ ئارقىدا قالدى، ئۇلار چاقچاق قىلىشىپ يوغا چىقىشتى.
  يېزىغا كەلگەن كېيىنكى ئىشلار قۇدىلار بىلەن كېلىشكىنى بويىنچە جايىدا بولۇپ تۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئانا تېنىدىكى كېسەلنى بىر مەزگىل ئۇنۇتقان بولدى.  تويدا ئۇ ھېچنىمىدىن قىسىلمىدى، تويمۇ ئۇرۇق-تۇغقان، قوشنىلارنىڭ دوستىخانلىرىنىڭ خاسىيىتىدە ياخشى ئاخىرىلاشتى. شۇنداق قىلىپ مەرھۇمنىڭ ئامانىتى .ادا بولدى.
  توينىڭ ئەتىسى ئۇرۇق- تۇغقانلارنى رازى قىلغان جامال ئانىنىڭ مەڭزىگە، مەرھۇم ئېرىنىڭ ئامانىتىنى ئورۇندىغانلىقىدىن بولسا كېرەك  قان يۈگۈردى ۋە بارلىق بالا چاقىلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولۇشۇپ، جايىنانى ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزۇزدى، كېلىنى تېگىدىن يېزىلىق بولۇپ، يېڭى كىرگىنىگە قارىماي، قازان-قومۇش ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەنىدى، كېلىن ئۆز قولى بىلەن قايناتقان چاينى ئەدەپ بىلەن كۆتۈرۈپ كېلىپ، بوش يەردىن ئورۇن ئالدى-دە، چاي قۇيۇشقا باشلىدى، جايىنى ئانا كېلىننىڭ تۇنجى قۇيغان چېيىنى «بىسمىللا» دەپ قولىغا ئېلىپ ئاستا بىر ئوتلىغان بولدى-دە، بالىلىرىغا بىرمۇ-بىر قاراپ سۆز باشلىدى:
_ بالىىلىرىم، ئاتا-ئانىنىڭ بەختىمۇ ، بايلىقىمۇ بالا ئەمەسمۇ، ئەمدى داداڭلاردىمۇ، مەندىمۇ ئارمان يوق، بىر بىرىڭلارغا كۆيۈنىڭلار باللىرىم.
بۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئاخىرىقى ۋەسيىتى ئىكەنلىكىنى سەزگەن جايىنانىڭ يۈرەك-باغرى قان بولۇپ ئولتۇراتتى، سىردىن ىەۋەرسىز جانات بولسا بۇنى پەقەت چوڭلارنىڭ بالىلارغا قىلغان تەربىيىسى خالاس دەپ ئويلايتتى،
جايىنا ئانىسىنڭ نېمىشقا ئۆزىنى قېشىغا ئولتۇرغۇزغىنىنى بىلدى-دە، ئانىسىنىڭ گېلىدىن ئۆتمەيۋاتقان چاينى ئوغۇل بىلەن كېلىنگە ئۇقتۇرماي ئۆزىنىڭ چىنىسىگە قۇيۇپ قويدى، بىر قانچە كۈن ئۆتتى، بىراق جايىنا ئانىسىغا بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزالماي، ئۆزىنى تەستە تۇتۇپ يۈردى.
  دۇنيادا ئانا كۆڭلىدىن يۇمشاق، ئانا كۆڭلىدىن مېھرىبان، ئانا كۆڭلىدىن ئۇلۇغ نەرسە بولمىسا كېرەك، قارا، پەرزەنىتنىڭ يۈرىكىنى ياشنىنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاۋۇشى ئۈچۈن ئۆز جېنىغا پاتقان كېسەلنى «ئۇلار بىر قانچە كۈنمۇ بولسا كۈلۈپ ئۆتسۇن» دەپ يوشۇرۇپ يۈرىدۇ دېگەن ئويغا كەلگەن جايىنا، ئانىسى ھېلىقى ھەرىكەتنى قايتىلىغاندا قېشىغا بېرىپ داستىخان بېشىغا كەلدى، چايلار ئىچىپ بولۇنغاندا، جامال ئانا بوشىغان قاچىنى تۇتۇپ، كېلىنىگە مېھىر بىلەن قاراپ:
_ رەھمەت بالام، ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن، كۆپ بالىلىق، مال-دۇنيالىق بولۇڭلار، ئائىلەڭلار بەخىتلىك بولسۇن دەپ دەپ دۇئا قىلىپ، ئاستا سىڭايان بولدى.
ئانىسىنىڭ سۇ ئىچەرلىكىنىڭ(ھاياتىنىڭ) ئاز قالغىنىنى بىلگەن جايىنا بىراقلا كېچىلىرى ئانىسىنىڭ يېنىدا بولدى، ئانىسىنىڭ قېنى تۇمشۇقىغا يەتكەندە ئوغۇل ئانىسىنى دوخر=تۇرىانىغا ئاپارماقچى بولدى، بىراق ئانا ئوغۇل بىلەن كېلىننى چاقىرىپ، تۆۋەن ئاۋازدا ئالدىرىماڭلار، تويدا چارچىغان ئوخشايمەن، قارىپ موللىنى چاقىرىپ دەم سالدۇرساڭلار ئوڭلىنىپ قالىمەن دەپ كۆندۈردى ۋە ئىككى كۈندىن كېيىن، شۇ ئاينىڭ ئەڭ ئەخىرىقى جۈمە كۈنى باللىرىنى قېشىغا چاقىرىپ، كۈلۈمسىرىگەن پېتى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى.

«بوز بالا »تورىدىكى
«سەرجان قابەت  ۇلى» يازغان«انا جۇرەگى» ناملىق ھېكايىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇل
  






  
[ بۇ يازما abdul تەرپىدىن2009-03-15 00:58دە قايتا تە ]

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-14, 16:24

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
ھەممىسى ھەممىمىز ئۈچۈن
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-14 22:56 |
شەبنەم تور رادىئوسى
sarkarda-1
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 41843
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 80
شۆھرەت: 81 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 800 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

ئوخخو !؟  قازاقلارمۇ مۇشۇنداق  ياخشى ئەسەر يازالايدىغىنى باركىنا!!!

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 09:56 |
شەبنەم تور رادىئوسى
abdul
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2105
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 746
شۆھرەت: 746 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7266 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 192(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىsarkarda-1نىڭ2009-03-15 09:56 دە يوللىغان يازمىسى   :
ئوخخو !؟  قازاقلارمۇ مۇشۇنداق  ياخشى ئەسەر يازالايدىغىنى باركىنا!!!

قازاقلاردىمۇ بۇنداق ھېكايىنى يازالايدىغانلار باركەن، بىراق بۇنداق ھېكەيىلەرنىڭ بازىرى كاسات.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
ھەممىسى ھەممىمىز ئۈچۈن
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 14:17 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-17 13:56, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ