ھىلىمۇ ئىسىمدە، كىچىك چېغىمدا مەلىمىزگە ئىشەككە كونا خۇرجۇن ئارتقان قېرى ئادەملەر پات-پات كىلىپ تۇراتتى.بىز بۇنداق ئادەملەرنى كۆرگەندە «دىۋانە»كەلدى دەپ قېچىپ كىتەتتۇق.چۈنكى،بىزنى ئانىمىز يىغلىساڭ ،خاپا قىلساڭ ئەتە «ئىشەكلىك دىۋانە»كىلىدۇ .شۇنىڭغا بىرىۋىتىمەن دەپ قورقىتىۋەتكەن ئىدى.ئۇلار ئۆيمۇ-ئۆي كىرەتتى.ئۆي ئىگىسى بەرگەن پۇچۇق نان ياكى يېرىم تاۋاق بۇغداي ۋەياكى قۇناقنى ئېلىپ ،ئۇزاق دۇئا قىلىپ كىتىپ قالاتتى. ئۇلار داۋاملىق«سەدىقە بالانى يە،تجۋە گۇناھنى يە»دەپ ماڭاتتى.مانا ھازىر مەنمۇ چوڭ بولدۇم.«دىۋانە»لەردىنمۇ قورقمايدىغان بولدۇم. ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن شەھىرىمىزنىڭ مەركىزىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدىم.بۇ يەردىمۇ قېرى-چۆرىلەر،كىچىك يىتىم -يىسىرلەر،ھەتتابىر قىسىم ساپساق ياش بالىلار يەلىلا شۇ«سەدىقە بالانى يە،تۆۋە گۇناھنى يە»نى تەكرارلاپ ئۇياندىن-بۇيانغا مېڭىپ،يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە نەچچە يالۋۇرۇپ ئۇلار بەرگەن ئازغىنە پۇلنى ئېلىپيپلىغا راۋان بولۇپ يۈرەتتى.يەنە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش مۇنا سىۋىتى بىلەن بۇ يىل ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە كەلدىم.مەكتەپكە كۆنىشىۋالغاندىن كىيىن بالىلار بىلەن خەلقئارا چوڭ بازارنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولۇپ بۇ يەرگە كەلدۇق.بۇ يەردىمۇ بىرقىسىم قېرى،مويسىپىت كىشىلەر،ئاجىز-مېيىپلاريەنە بىرقىسىم نارىسىدە يىتىملەر يەنە شۇ«سەدىقە بالانى يە،تۆۋە گۇناھنى يە»نى تەكرارلاپ ئولتۇراتتى.مىنىڭ بۇ يەرگە كىلىشىم تازا قىش پەسلىگە توغرا كىلىپ قالغاچقىمۇ قەھرىتان سوغوقتا تىزلىنىپ ئولتۇرغان ئاشۇ «دىۋانە»لەرگە ئىچىم ئاغرىدى . مەكتەپكە قايىتقاندىن كىيىن ئويلىنىپ قالدىم.ئىلگىرىغۇ كىشىلەر نامرات،ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى ئەمەس،قورساق ئەتتىگەندە تويسا ،چۈشكە يوق چاغلاردا بەلكىم قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بولغىيتى.لىكىن ھازىرچۇ؟بىزگە زادى نىمە بولدى؟ئەجىبا، ئاشۇ مويسىپىت كىشىلىرىمىزنىڭ بالا-ۋاقىسى يوقمىدۇ؟ئاشۇ سەبىي بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى يوقمىدۇ؟ئاجىز-مېيىپلارغا ئىگە بولىدىغان بىرەيلەن چىقمايۋاتامدىغاندۇ؟بىزنىڭ بايلىرىمىز ئاچقان مەكتەپلەردىن بۇ سەبىيلەرگە ئورۇن چىقمىغانمىدۇ؟مانا بۇ سۇئاللار مىنى بىرتەرەپتىن ئويغا سالسا بىر تەرەپتىن يۈرۈكىمنى مۇجۇپ ئاغرىتىۋەتتى.ھەممىمىز بىلىمىز دۇنيادا يەھۇدىي دەيدىغان بىر مىللەت بار.ئۇلار ئىلگىرى ناھايىتى سەرسان-سەرگەندانلىقنى بېشىدىن كەچۈرگەن .لىكىن ھازىرچۇ؟ئۇلار ئەڭ باي،ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەرگە ئايلىنىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بىر ئادىتى بار باشقا مىللەتتىن دىۋانە كەلسە پۇلنى جىق بىرىپ،ئۇلارنى شۇنداق ياشاشقا ئاستىرىتتىن زورلايدۇ.ئەمما ئۆزمىللىتىدىن دىۋانە كەلسە قاتتىق ئۇرىدۇ.چۈنكى،ئۇلار بۇنداق ئىشنىڭ ناھايىتى پەس ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.ئۇلار ئەنە شۇنداق ئۆزمىللىتىدىن كەلگەنلەرنى ئۇرۇپ بۇ ئىشنىڭ ئۆزلىرىگە ماس ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلارغا باشقا ئىش تېپىپ بىرىدۇ.لىكىن ،بىزنىڭ بۇنداقلار بىلەن كارىمىز يوق.بەزىدە تېخى ئۇلارنى ئالدىلىرىغا قويىۋالغان«مۇراجىئەتنامە»لىرىنى كۆرۈپ كۈلۈپمۇ كىتىمىز.ئارىمىزدا بۇنداقلار كۆپ ئەمەسقۇ؟قېنى بىزنىڭ ساخاۋەتچىللىرىمىز؟قېنى بىزنىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىمىز؟ساناتورىيەلىرىمىز بار،ئەمما پۇلى بار قېرىلاردىن بۇنداق مويسىپىتلىرىمىزغا ئاشمايۋاتامدۇ؟قېنى بىزنىڭ ئاجىز-مېيىپلارنى يۆلەيدىغان ئورۇنلىرىمىز؟ بۇنداق ئورۇنلىرىمىز بار،ئەمما، پۇلى بار مېيىپلاردىن بۇنداق ئاجىزلىرىمىزغا ئاشمايۋاتامدۇ؟ توغرا،بۇنداق«دىۋانە»لىرىمىزنىمۇ تەنقىدلىمەي بولمايدۇ.چۈنكى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىنسانىي خىسلىتىنى ،ئەخلاق-پەزىلىتىنى،غۇرۇرىنى يۇقىتىپ بۇ ئۇسسۇلنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغانلارمۇ يوق ئەمەس. دوستلار ،ئويلىنىپ باقايلى،توغرا،«سەدىقە بالانى،تۆۋە گۇناھنى يەيدۇ».ئەمما،«سەدىقە»لىرىمىزنىڭ نەپسى يوغىناپ ئەنە شۇنداق بىرقىسىم يىتىم-يىسىرلىرىمىزنى،مويسىپىتلىرىمىزنى،ئاجىز-مېيىپلىرىمىزنى يىۋىتىپ بارىدۇ.مىللىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئازدەك،ئەمدى بۇمۇ ئەۋج ئالماقتا.دوستلار،ئەسلى بۇنداق بولسا بولمايتى.دوستلات،«كۈچ بىرلىكتە،ئىش ئۆملۈكتە».بىز بىرلىشىش ئارقىلىق خېلى-خېلى تەبىي ئاپەتلەرنى يېڭىپ كەلدۇق ۋە كىلىۋاتىمىز.ئىشىنىمەنكى، بىز چۇقۇم ئورتاق كۈچ چىقىرىپ مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كىلىۋاتقان بۇ «كىسەل»نىمۇ ساقايتالايمىز!!!!!!! |