دۇنيادىكى ھەر قانداق قەدىمكى تىبابەتلەردە كېسەللەرنى دورا-دەرمەك بىلەن داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئوزۇقلۇق )پەرھىز بىلەن داۋالاش مەسلىسى ئۇزاقتىن بۇيان دىققەت قىلىنغان مەسىللەرنىڭ بىرىدۇر.
خۇسۇسەن تىبابىتىمىزدە ئۇزۇقلۇق مەسلىسى ، خۇددى دورا-دەرمەك تەتقىقاتىغا ئوخشاش قەدىمدىن تارتىپ ئىزچىل تەتقىق قىلىندۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ھۆكۈمالىرى <<ئوزۇقلۇقلار بىلەن داۋالاش>> (ئىلاجى بىلئەغزييە) نى داۋالاشنىڭ بىرىنچى قىسىمىغا قويغان.قەدىمكى ھۆكۈمالارنىڭ ئوزۇقلۇقشۇناسلىق ھەققىدە يازغان ناھايىتى كۆپئەسەرلىرى بار.قەدىمقى ھۆكۈمالار مۇنداق دەيدۇ ؛ ئادەم بەدىندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى ئاساسەن ئوزۇقلۇقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتكەئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق كېسەلنى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئوزۇقلۇقلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ، مۇۋاپىق ئوزۇقلۇقلار بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئادەم بەدىندىكى چوڭ تەبىب > تەبىئەت< كە ياردەم قىلىش يۇلى بىلەن داۋالاش لازىم. شۇڭا پەرھىز قائىدىلىرىنى تۇلۇق توغرا ئىجرا قىلىش كېرەك. ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالىغىلى بولغان تەقدىردە ئىلاجى بار ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشقا تىرىشىش ، ئاندىن قالسا دورا بىلەن داۋالاشقا كىرىشىشى كېرەك.
ھۆكۈمالىرىمىز كېسەللەكلەرنىڭ ئېغىز ئارقىلىق كىردىغانلىقىنى ۋە يىمەكلىكلەنىڭ مۇۋاپىق بۇلىشى ، لايىق مىقداردا ئىستىمال قىلىنىشى لازىملىقىنى ئاللا قاچان بايقاپ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىش زۆرورلىكىنى تەكىتلىگەن . ئۇلۇغ ئۇيغۇر پەيلاسوپى، شائىرى ، ھۆكۈماسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى << قۇتادغۇبلىگ>> كىتابىدا يازغان تۆۋەندىكى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق تەلىماتى بۇنىڭ جانلىق گۇۋاھىدۇر.
كېسەل گالدىن كىرەر ئۇنى چىڭ كۈزەت،
يىگىن ئاشنى تەڭشەپ، ئاز-ئاز يە پەقەت.
ئېغىزدىن كىرۇر ئاش بىلەن بۇ كېسەل،
قېرىتۇر كىشىنى يېشىدىن ئەۋۋەل.
گېلىڭنى يىغىپ سەن، دائىم ئېسەن يۈر،
قىلۇر يۈزنى سۇلغۇن كېسەل ھەر مەھەل.
تىلىسەڭ كېسەلسىز ئۆمۈر، ئەي تېكىن،
ئېتى<ئاز يە> دىگەن دورىنى يىگىن.
يۇقىردىكى بىر قانچە قۇر بېيىت ئۇيغۇر ھۆكۈمالىرى ئۇزۇقشۇناسلىق جەھەتتە نەقەدەر چۇڭقۇر بىلىم ۋە تەجىربىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى جانلىق تۈردە ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.
بۈگۈن تەرەققى تاپقان ئەللەردىمۇ ئۇزۇقشۇناسلىق تىبابەتنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى شەكىلدە راۋاجلىنىپ قالماي، بەلكى بىئولوگىيە، فىزىئولۇگىيە، ھەتتا پىسخولۇگىيە ئالىملىرى ئۇزۇقلۇقلارنىىڭ، ئادەملەرنىڭ ئىستىمال قىلىدىغان ئۇزۇقلۇقلىرى ساقلىق-كېسەللىك جەھەتتە مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، بەلكى ئادەملەرنىڭ پىسخىكىسىگە ( روھى كەيپىياتى) غا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ تەتقىق قىلىپ، تىبابىتىمىزنىڭ ئوزۇقلۇقشۇناسلىق جەھەتتىكى ئەنئەنىۋى كۆزقاراشلىرىنى زامانىۋىي ئىلىم-پەن بىلەن ئىسپاتلىدى.ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلۇق مەنبەلىرى ھايۋانلارنىڭ كۆش، ياغلىرى،سۈتلىرى، تۇخۇملىرى شۇنىڭدەك ھەرخىل كۆكتاتلار، مىۋىلەر بۇلغاندىن تاشقىرى، يەنە نۇرغۇن دانلىق زىرائەتلەر ئاساسى ئۇزۇقلۇق ئەشيالىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.