ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 94 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: بالىلاردا كۆپ كۇرۇلدىغان تارقىلىشچان يۇقۇملۇق زۇكام ( زۇكام ۋابائىي) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

osmani
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 5542
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 69
شۆھرەت: 75 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 79 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 بالىلاردا كۆپ كۇرۇلدىغان تارقىلىشچان يۇقۇملۇق زۇكام ( زۇكام ۋابائىي)

بالىلاردا كۆپ كۇرۇلدىغان تارقىلىشچان يۇقۇملۇق زۇكام




تارقىلىشچان زۇكام قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىز تارقىلدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بۇلۇپ ئەتىياز ۋە قىش پەسىلدە كۆپ ئۇچرايدۇ. قىش پەسىلدە تارقالغاندا ئېغىرراق ئۆتىدۇ. ئۇقۇش يېشىدىكى بالىلار بىلەن ئۆسمۇرلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

سەۋەبى :
بۇ كېسەل كۆپىنچە يۇقۇش يۇلى بىلەن تارالسىمۇ كېسەللەنگۇچى بالىنىڭ بەدىنىگە سوغۇق ئۇتۇپ كىتىش ، بەدىننىڭ كېسەلگە قارشىلىق كۇچىنىڭ تۆۋەنلىشىشى ، بەدىننىڭ كېسەللىنىشكە مايىللىقى قاتارلىق سەۋەپلەرنىڭ رولىمۇ چوڭ بۇلىدۇ . بۇلۇپمۇ تىنى ئاجىز بالىلارنىڭ توڭۇپ قېلىشى ، يامغۇردا قېلىش، قىزىپ كەتكەندە سوغوق سۇنى كۆپ ئىچىش ، ئىسسىق- سوغۇق ھاۋانىڭ ئالمىشىشى ، ئويناپ تەرلەپ كەتكەندە كىيىمىنى سېلىۋېتىش قاتارلىق ئىشلار سەۋەپ بۇلىدۇ. بەزىدە كىچىك بالىلارنىڭ ئۇزۇقلىنىشى ناچارلىق تۇپەيلىدىن مىڭىسى ئاجىزلىشىش ياكى مىڭە ھۆللىكى ئېشىپ كىتىش سەۋەبىدىن سوغۇق زۇكام كىلىپ چىقىدۇ.

  ئالامىتى :

   كېسەل جىددى باشلىنىدۇ. يۇقىرى قىزىتما ، توڭلاش ،باش ئاغىرىش ، دۇمبە ئاغىرىش ، پۇت- قوللار ئاغىرىش ، چارچاش قاتارلىق بەلگىلەر كۆرىلدۇ. بۇ بەلگىلەر بىر نەچچە سائەتتىن بىر ئىككى كۇنگىچە داۋام قىلغاندىن كىيىن ، گال ئاغىرىش ، قۇرۇق يۆتەل ، قاپاق ئىچكى پەردىسىگە قان تۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر مۇ كۆرىلدۇ. بەزىدە يۇقىىرقى بەلگىلەر ئانچە ئېنىق بولماي، دىمىقى پۈتۈش ، بۇرنىدىن ئاقۇش سۇيۇقلۇق ئېقىش ئارقىلىق ئىپادىلىندۇ. كېسەلنىڭ بېشى ئېغىرلىشىپ سىزىم ئەزالىرىنىڭ رولى تۆۋەنلەيدۇ، ئاغزىغا تاماق تېتىمايدۇ،
پۈتۈن بەدىنى بوشىشىپ كىتىدۇ، بەلغەمدىن بولغان زۇكامدا باشنىڭ ئېغىرلىشىشى ،سېزىم ئەزالىرىنىڭ ئاجىزلىشىىشى كۈچلۈكرەك، .ئېغىزدىن شالى ئېقىش كۆپرەك بۇلىدۇ، ئاۋازى پۈتىدۇ.
تۇمۇرى توم ، ئاستا ۋە كۈچسىز سالىدۇ، بەزىلەردە يۇقۇرقى بەلگىلەردىن باشقا ، قورساق ئاغرىش ، قورساق كۆپۈش، ئىچ سۈرۈش، قڭسڭش قاتارلىق ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ بەلگىلىرى كۆرۈلدۇ،  ئايرىملاردا تېرىگە ئەسۋە چىقىش بۇرۇن قاناشلارمۇ كۆرۈلدۇ.

ئاقىۋىتى؛

ئىمىۋاتقان بوۋاقلار زۇكام بىلەن ئاغرىپ قالسا كۆپ ھاللاردا قوشۇمچە كېسەل بىللە كىلىدۇ، كۆپىنچە ئۆپكە ياللۇغى كېسىلى بىلەن ئاغرىيدۇ، قىزىل ، كۆكيۆتەل قاتارلىق كېسەللەر ئوڭايلا يۇقۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇرۇن ياللۇغى، كانايچە ياللۇغى، بوغۇز ئاغرىقى، قۇلاق ئاقمىسى قاتارلىق قوشۇمچە كېسەللەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
بۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان بالا ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى-يامان بۇلىشى، قۇشۇمچە كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىر- يەڭگىللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ، ئوپكە ياللۇغى قۇشۇلۇپ كەلگەنلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ناچار بۇلىدۇ.

داۋالاش؛

يىنىك زۇكامدا ئوبدان ئارام ئالدۇرۇپ، مۇۋاپىق ئۇزۇقلاندۇرۇپ ئىسسىق بېقىلسا دورا قىلمىسىمۇ ساقىيىپ قالىدۇ، ئەمما قۇشۇمچە كېسەللىكلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن
يەنىلا مۇۋاپىق دورا ئىشلەتكەن ياخشى.
بالىلارنىڭ زۇكام كېسىلىگە دورا قىلىشتا تۆۋەندىكى دورىلار مۇۋاپىق كىلىدۇ.
1) كۆك ماش، پىياز، ئاق شېكەردىن ئۈچ گىرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ، ئىسسىق ھالدا ئىچكۈزۈپ بىرىش لازىم، ئادەتتە 5-6 ياشلىق بالىلار بىرلا قىتىمدا ئىچىپ بولسا بۇلىدۇ.
2)كۆك ماشتىن مەلۇم مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، ماش يېرىلغاندىن كىيىن ماشنى سۈزىۋېتىپ، سۈيىگە ئازراق چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى سېلىپ بىردەم قاينىتىپ ، سۈيىنى قىززىق ھالدا ئىچكۇزۇپ ،چۇمكەپ ياتقۇزۇپ ، تەرلەندۇرۇلسە زۇكامنىڭ بارلىق ئالامەتلىرى خېلىلا يەڭگىللەيدۇ.
3) بىنەپشە 6 گىرام ، زۇپا 3 گىرام ، نىلۇپەر 3 گىرام ، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 6 گىرام ، زىغىر 9 گىرام ، چىلان 6دانە ، ئەنجۇر قېقى 2 دانە ، چۇچۇك بۇيا يىلتىزى 3 گىرام يۇقارقى دورىلارنى 500 مىللىلىتىر قايناق سۇدا دەملەپ سۇيىگە 2- 3 تال چاقماق قەن تاشلاپ 8- 10 ياشلىق بالىلار بىر كۇندە قىززىق ھالدا ئىچىپ بىرىش لازىم . يېشى كىچىك بالىلارغا مۇۋاپىق ھالدا مىقدارى ئازايىتپ بىرلىشى كېرەك .
4) تۆۋەندىكى زۇكام شەربىتى بىرىلسىمۇ بۇلىدۇ.
     تەركىبى : زۇپا 6 گىرام ، بىنەپشە 4 گىرام ، نىلۇپەر 3 گىرام ، سانا 3 گىرام ، قارا ئۇرۇك 6 دانە ، چىلان 11 دانە ، تەمرى ھىندى 8 گىرام ، تەرەنجىۋىل 30 گىرام بىنەپشە بىلەن سانادىن باشقىللىرنى بىر چوڭ چىنە سۇدا قاينىتىپ ئازراق يېرىم چۇشكەندە سۇيىگە 100 گىرام شېكەر سېلىپ قىيام قىلىندۇ . بىنەپشە بىلەن سانا قازاننى چۇشۇرۇش ئالدىدا سېلىندۇ.
كۇنىگە 3 قېتىم 8- 10 ياشلىق بالىلار 2 قۇشۇقتىن ، ئۇنىڭدىن كىچىكلەر ياش قورامىغا قاراپ مىقدارىنى ئازايىتپ ئىچىدۇ.
5) زۇكام بولغان بالىلاردا ئەگەر قىزىتما بولسا ئۇنداق بالىلارغا يۇقارقى دورىلارنىڭ بىرەرسىنى تاللاپ ئىشلەتكەندىن سىرىت ، تاۋۇزنى سىقىپ سۇيىنى سەل قىزىتىپ بىرىلسە قىزىتما چۇشۇرۇش ۋە سۇدۇك ھەيدەش ئارقىلىق بەدەندىكى زىيانلىق ماددىلارنى سىرىتقا چىقىرۋىتىدۇ.
  بالىلارنىڭ مىڭىسى ئاجىزلىشىش ۋە مىڭىدىكى ھۆللۈك ئېشىپ كىتىش سەۋەبىدىن بولغان زۇكامدا، مېڭنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىش كېرەك، بۇنداق بالىلارغا ئىچكۈزۈلدىغان قايناتما
ۋە شەربەتلەرگە ، گاۋزۇبان، قىزىلگۈل قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا قۇشۇپ قاينىتىش، مۇرەككەپ دورىلاردىن گاۋزۇبان ئەرەقى، خېمىرى گاۋزۇبان ئەمبىرىي قاتارلىقلاردىن ئاز-تولا يېگۈزۈپ قويۇش، گۈلقەنت بېرىش لازىم.  ئىمۋاتقان بالىلار زۇكام بولغان بولسا داۋالاش چارىللىرىنى ئىمىتىدىغان ئانىغىمۇ قىلىش لازىم.

پەرۋىش قىلىش؛

   كېسەلنى پەرۋىش قىلىش ئىنتايىن مۇھىم . بۇنىڭ ئۇچۇن كېسەل بالىنى ئۆز ئۆيىدە ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش ، ئاغرىق بالا ھاۋاسى ساپ كۇننۇرى تۇلۇق چۇشىدىغان ئۆيدە ياتقۇزىلىشى لازىم . قايناق سۇنى كۆپ ئىچكۇزۇش يۇمشاق ، ئاسان سېڭىدىغان قۇۋۋۋەتلىك تاماقلارنى بىرىش ، ياغلىق ، شىرلىك تاماقالاردىن ، ياغنىڭ بۇسىدىن ساقلىنىش لازىم . كۆكتات شورپىللىرى ، ئىللىتىلغان تۇخۇم ، تۇخۇ گۆش شورپىسى ، جىگەر قاتارلىقلار بىرىلسە بۇلىدۇ . ئاچچىق- چۇچۇك ، يەللىك نەرسىلەردىن ساقلىنىش ، كېسەل بالا تەرلىگەندىن كىيىن بېشىغا سوغۇق ئۇتۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ، بېشىنى ئىسسىق ساقلاش كېرەك . كېسەل بالا يىيەلىسە سامساقتىن بىر ئىككى چىشنى خام يىدۇرۇپ قويغاننىڭ پايدىسى بار .
مەنبە : ئەل ھېكمەت ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى
http://www.alhekmat.com/read.php?tid=106

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com003
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-14, 14:50

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-14 22:22 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تەتقىقاتى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-17 14:02, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ