ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 119 - كۆرۈرمىنى
dikkat06
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 76183
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 ھەشەمەتنىڭ ئىقرارى(قوشاق)

    1

مېنىڭكى بىر ئىنىم بار،

ئىسمى ئۇنىڭ خۇشامەت.

ئىسىڭلاردا بولسۇنكى،

مىنىڭ ئىسمىم ھەشەمەت.

             2

تۇغۇلغانتىم مەن ئەسلى،

باي-غوجاملارئۆيىدە.

كىرىپ بولدۇم ھازىر مەن،

نامراتلارنىڭ ئۆيىگە.

              3

مەن ئارقىلىق تالىشار،

ھەممە ئادەم چوڭچىلىق.

بولۇپ كىتەر نەچچە كۈن،

باياشاتلىق،توقچىلىق.

              4

توقچىلىقتىن كىيىنكى،

كۈنلەر بولار دوزاختەك.

ئاچ بالىلارنىڭ چىرايى،

خۇددى قۇرۇق قوۋزاختەك.

                5

ئېيىتقان ئىدى ئۆمەرجان،

"ھەشەمەت"ناخشىنى.

نادان بولغاچ قوللىدى،

خەلقىم مەندەك"ياخشى"نى.

                6

مەن شەھەرگە كەلگەندە،

قۇبۇل قىلدى مائاشلىق.

"قاتارچاي"دەپ ئاتالدىم،

پۇلنى بۇزدىم ئاساسلىق.

                  7

ئويۇشتۇردى ھەركۈنى ،

مېنى لوبەن ئانىلار.

ئىشقا بارماي ئۆيىدە،

بالا باقتى ئاتىلار.

              8

رېستۇراندىن يانغاندا،

ئانا بولدى غەرق مەست.

ئۆيگە بېرىپ ئاتىدىن،

قۇتۇلمىقى بەكمۇ تەس.

                 9

بالدۇر كەلدىم ئانىدىن،

ئۆيگە، ئاتىنىڭ قېشىغا.

چېقىشتۇرۇپ ئانىنى،

"بالا" تاپتىم  بېشىغا.

                 10

ئانا ئۆيگە كىرگەندە،

"يوقال-دىدى،-كۆزۈمدىن.

يولۋاس قايىتماس ئىزىدىن،

يانالماسمەن سۆزۈمدىن."

               11

شۇنداق قىلىپ بۇ ئاتا،

تالاق قىلدى ئانىنى.

يىتىم قىلدى بىر ياشلىق،

نارەسىدە  بالىنى.

              12

قانمىدى بۇۋاق بالا،

ئانا سۈتى،مېھرىگە.

"نەيفىڭ"ئىچكەچ ئاق چىراي،

قان يۈگۈرمەي چېھرىگە.

               13

دەيدىغانغا گىپىم جىق،

قىلدىم نۇرغۇن يامان ئىش.

ھەتتا، مەن بار سورۇندا،

ياز بولىدۇ سوغوق قىش.

                14

ئەمدى كىلەي جان دوستلار،

خۇشامەتكە _ ئىنىمگە.

تارقالغاچ ئۇ بەك تىزلا،

پاتمىدى ئۆز تىنىگە.

                15

تارقالدى ئۇ ئەڭ ئاۋۋال،

ئىدارە ،زاۋۇت،ئورگانغا.

يول باشلىدى چوڭ سۈپەت،

يانچۇقى پۇلغا تولغانغا.

              16

ئۇ ئارقىلىق جايلاشتى،

پۇلى بارلار خىزمەتكە.

ئىرىشتى ھەم باشلىقمۇ،

خېلى جىقلا  نىممەتكە.

                17

كۆزى چۈشتى دەللىنىڭ،

خەلقىمىزنىڭ پۇلىغا.

كەسىپ قىلىپ ئىنىمنى،

پالتا چاپتى  پۇتىغا.

                  18

پايدا ئالدى بۇ دەللە،

قورساق سالدى ھارام يەپ.

"نابۇت قىلسام خەلىقنى،

بولار ئىشلار تامام دەپ."

              19

ئۇنىڭ ئويى بەك ياقتى،

ئىنىم بىلەن ماڭىمۇ.

شۇڭا ئۇنى قوللىدۇق،

"پايسا تەگسۇن ساڭىمۇ."

               20

شۇنىڭ بىلەن بۇ دەللە،

دىدى بىراۋغا  "ھۇجۇم قىلىپ"-

"جايلاشتۇراي بالاڭنى،

راسلا تۈمەن نەخ قىلىپ."

                21

بىراۋ دىدى يالۋۇرۇپ:

"جايلاشتۇرساڭ بالامنى،

نەخ قىلىپ بىرەي پۇلنى مەن،

سېتىپ قويۇم، كالامنى."

                22

شۇنداق قىلىپ بۇ دەللە،

ئالدى تۈمەن نەخ پۇلنى،

لېكىن قىلدى بالا ئىشسىز،

تاپالمىدى ھىچ يولنى.

                   23

بىراۋ ئۇردى ئۆزىنى،

يۈز كىلەلمەي بالىغا.

قالدى يەرلەر تېرىقسىز،

ئۆزى يۈرەر دالىدا.

              24

دىمەك بىراۋ  زەربىدە،

بولۇپ قالدى كاج،ساراڭ.

جىمى ئەلگە تارالدى،

تەئەججۇپلۇق"ساز"پاراڭ.

               25

مانا شۇنداق يامان بىز،

ئىنىم بىلەن ئىككىمىز.

ئوڭ كەلگەندە خەلىقنى،

نابۇت قىلىپ ،بۇزىمىز.

             26

خۇشامەت بولسا ئىنىم،

مەنكى ئۇنىڭ ئاكىسى.

ئويناشماڭلار بىز بىلەن،

جىمى ئىنسان بالىسى.



مەنبە:ئۆز قەلىمىم

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com003
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-14, 13:59

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-14 21:23 |
شەبنەم تور رادىئوسى
_Malika_
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 29977
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 666
شۆھرەت: 667 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6331 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 415(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

كەچتە ياخشى تىمىدىن بىرنى كۆرگىنىمدىن بەكلا خۇش بولدۇم،قەلىمىڭىز توختىمىغاي

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 22:08 |
شەبنەم تور رادىئوسى
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6208
شۆھرەت: 6435 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 276 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1450(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

ھەشەمەت توغىرىسىدىكى بۇ قوساق ئىسىل چىقىپتۇ

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
./read.php?tid-62328.html
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 23:10 |
otyak
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 22209
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1604
شۆھرەت: 1720 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 16110 سوم
تۆھپە: 198 نۇمۇر
ياخشى باھا: 231 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 484(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

ھەي ئاشۇ دەللىلەردىن قۇتۇلالماي يۇرۇيدىغان ئوخشايمىز . بۇنىڭسىز ھىچ ئىش ئاقمىسا قانداق قىلارمىز ؟ نەسلى قۇرىسۇن ، كۆزى كۆرمەس، پۇتى ماڭالماس بولۇپ قالغاي.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 00:10 |
美国总统
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 64057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 528
شۆھرەت: 529 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 647(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

قوشاقتەكلام قۇشاقكەنغۇ بۇ!!!!!!!!               

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 10:55 |
dikkat06
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 76183
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

قوشاقتەكلام قۇشاقكەنغۇ بۇ!!!!!!!!              
  
    قۇشاق  قۇشاقتەك بولماي قانداق بولسا بۇلىتى؟
  سىزگە باشقىچە قۇشاق لازىممىتى يا؟!!!!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 12:48 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » شېئىرىيەت گۈلزارى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-17 13:56, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ