ئېچىلماي توزىغان غۇنچە
(شېئىر)
سەن ئۆتكەندە ئالىي بىلىم يۇرتىغا،
خۇشال بولغان ئىدى پۈتكۈل ئەل-ئاۋام.
دۇئا قىلغان ئاتا-ئاناڭ بەختىڭگە :
"ياخشى ئوقۇ،ئوقۇشۇڭنى قىل داۋام".
لېكىن كىلىپ ئۈرۈمچىگە سەن قىزچاق،
ئۇنتۇپ كەتتىڭ تېگى-تەكتىڭ،ئەسلىڭنى.
بىلەلمىدىڭ ساڭا كەلگەن پۇرسەتنى،
خازان قىلدىڭ ئۆزۈڭ باھار پەسلىڭنى.
زاڭلىق قىلدىڭ يېڭى كەلگەن چېغىڭدا،
كۆڭلەك كەيمەي يۈرگەن بەزى قىزلارنى.
"لېكىن مۈڭگۈز ئېشىپ كەتتى قۇلاقتىن"،
ئۇزاق ئۆتمەي ئېچىۋەتتىڭ تىزلارنى.
مانا ھازىر ئايلىق پۇلۇڭ يەتمىدى،
مۇدا بولغان كىيىم بىلەن گىرىمگە.
نەسىھەتلەر قىلىپ باقتىم"تۈزەل"دەپ،
پەرۋا قىلماي يۈرىۋەردىڭ گىپىمگە.
گەپ قىلماي يۈردىڭ ئوغوللار سېنىڭ،
سىلىسا پۇت-قولۇڭ، باشلىرىڭنى.
بەزىدە ناز قىلىپ ئېتىپ قويدۇڭ،
ئۇلارغا ئەۋرىشىم قاشلىرىڭنى.
كىتابلار بىر چەتتە قالدى"تەلمۈرۈپ"،
تېپىشقا باشلىدىڭ پۇل-پۈچەك،ئۈنچە.
ۋەلېكىن ئايلىنىپ قالدىڭ ئېچىلماي،
ۋاقىتسىز توزىغان، ئۈششىگەن غۇنچە.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم. |