ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 704 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: دادام مەمتىلى توختاجىنى (تەۋپىق) ئەسلەيمەن پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

anjurguli
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 22927
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 807
شۆھرەت: 847 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8900 سوم
تۆھپە: 31 نۇمۇر
ياخشى باھا: 40 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 دادام مەمتىلى توختاجىنى (تەۋپىق) ئەسلەيمەن

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرئاي تەرپىدىن (2009-03-14)دە نادىرلاندى
دادام مەمتىلى توختاجىنى (تەۋپىق) ئەسلەيمەن
(ئەسلىمە)

ئەدىبە مەمتىلى




    مەن بۇ يىل 63 ياشقا كىردىم . دادام مۇممەت ئېلى ئەپەندىنىڭ رەزىل كۈچلەر تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىگىگە 62 يىل بولدى. بۈگۈنكى مۇشۇ كۈندە ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىدە دادامنىڭ نام-شەرىپى زىكىر قىلنىۋاتىدۇ . مەن بۇنىڭ ئۈچۈن دادامدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن.
    تارىخىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مىللىتىمىزنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ ئىش-ئىزلىرى بىزدە چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە كەلگۈسىگە بولغان تولۇپ-تاشقان ئۈمۈدۋارلىق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ . يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئاجايىپ كاتتا بۇرۇلۇش، دەۋىر بۆلگۈچ ئۇلۇغ ئىش _ يۇرتىمىزدا ئاپىرىدە بولغان ئاتۇش ‹‹ ھۈسەينىيە›› مەكتىۋى بىزدە ئەنە شۇنداق ھېسيات پەيدا قىلىدىغان تارىخىمىزنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق نەمۇنىللىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ.
     بۇ بىر قېتىملىق تارىخى سەكرەش ئاساسىدا تەڭرىتېىغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى : پامىر ئېتەكلىرى، كوئېنلۇن باغرى، قۇمۇل دالىلىرىدىكى خەلق يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. جاھالەتنىڭ پەردىللىرى يىرتىلىپ، مىللەتنىڭ كۆزىنى ئاستا-ئاستا ئېچىشقا باشلىدى. شۇنداقتىمۇ يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتى يېڭى شەيئى بولغانلىقتىن ، ئۇنىڭغا قارشى مۇستەبىت ھاكىمىيەت بىلەن يەرلىك مۇتەئەسسىپ كۈچلەر بىرلىشىپ ‹‹مۇقەددەس ئىتتىپاق›› تۈزۈپ بارلىق ئىپلاس ۋاستىلەر بىلەن مەرىپەت كۈچەتلىرىنى يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋىتىشكە ئۇرۇندى. ھەتتا تەھدىت سېلىش ۋە پوپوزا قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالدى. ئۇلار خەلقنى نادانلىقتا تۇتۇپ ئىدارە قىلىش ھىيلىسىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمىدى. شۇڭا ئۇلار يېڭى مەكتەپلەرنى تاقىۋىتىش، ئوقۇتقۇچىلارنى قوغلىۋىتىش، ھەتتا تۈرمىلەرگە قاماپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ۋەھشىلىكلەرنى بىر كۈنمۇ توختاتمىدى. بىراق ۋەتەن سۆيەر ئەزىمەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىغى ، مەسلەكداشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە باتۇرلىغى ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە يول قويمىدى.
     1930-يىللارغا كەلگەندە، ئاتۇشتا يەنە بىر قېتىملىق مىسلى كۈرۈلمىگەن مائارىپ ھەرىكىتى باشلاندى.مانا بۇ ھەرىكەتنىڭ باش سەركەردىسى، يېڭى مائارىپ دولقۇنىنىڭ قەيسەر جەڭچىسى ، ئوت يۈرەك شائىر ۋە كومپوزىتور دادام مەمتىلى توختاجى ئىدى. دادام ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن كاتتا خىزمەت كۆرسەتكەن ئادەم دەپ جەزم بىلەن ئېيتالايمەن . چۈنكى تارىخ ئادىل باھالىغۇچى، ھايات شاھىتلار بۇنى دەلىلى بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ . مەن دېمىسەممۇ بۇ پاكىتلارغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ.
    ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ توغرا يول دەپ تاللىۋالغان دادام مەمتىلى ئەپەندى ئۆلتۈرۈلگەندە ، مەن ئەمدىلا بىر يېرىم ياشقا كىرگەن ئىكەنمەن . ئانام مەلىكىزات خېنىم مېنى كۈتۈرۈپ يارباغدىكى گۇندىخانا دەرۋازىسى ئالدىغا ئېلىپ بارىدىكەن . مېنىڭ پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ ‹‹ بالام داداڭنى كۆرىسەن ، بۈگۈن داداڭنىڭ چىرايىنى كۆرىسەن›› دېگىنىچە ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىدىكەن .
   1937-يىلنىڭ بىر كۈنى ، ئانام مىنى كۈتۈرۈپ قەشقەر شەھرىدىكى يارباغ گۇندىخانىسىغا دادامغا تاماق ئېلىپ بېرىپتۇ . تەلەتى قۇيۇندەك بەتبەشىرە گۇندىپاي ئانامنى ئىتتىرىپ تۇرۇپ : ‹‹ ساڭا ئوخشاش ئىسيانكارنىڭ ئايالىنىڭ تامىقىنى ئالمايمىز، يوقال!›› دەپ ھاقارەت قىلغاندا، ئانام بۇ تارتقۇسىز ئەلەملەرنى ئىچىگە يۈتۈپ، ئۇ ئىپلاس گۇندىپايغا پارا بېرىپ تاماقنى مىڭ تەسلىكتە دادامغا ئەكىرگۈزۈپتۇ . ئارىدىن بىرەر سائەتچە ۋاقىت ئۆتكەندە، گۇندىپاي دادامنىڭ ئاپئاق كۆڭلىكىنى كۈتۈرۈپ چىقىپ ئانامغا بېرىپتۇ . كۆڭلەكنىڭ ئارقا تەرىپى قان ، يېڭىنىڭ ئۇچىغا بىر كىچىك قول ياغلىق چىگىپ قويۇلغان بولۇپ، ئانام بۇ ئەھۋاللارنى كۈرۈپ ھۇشىدىن كىتىپ يەرگە يىقىلىپ چۈشۈپتۇ . ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا دادامنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ ، ئانام بىتاپ بولۇپ يېتىپ قاپتۇ . شۇ ياتقانچە 3 يىل يېتىپتۇ .
   مەن 8 ياشقا كىرگەن يىلى ئانام ، دادام چىقارتىپ بەرگەن كۆڭلەكنى ماڭا كۆرسەتتى. ئۇ ماڭا چۈشەندۈرۈپ ‹‹ قىزىم كۆڭلەكتىكى قان داداڭنىڭ يۈرىكىدىن ئاققان قانلا ئەمەس، ئۇ ئاشۇ گۇندىخانىدىكى بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلاپچىلارنىڭ قېنى ، ئۇ زۇلمەت باسقان ۋەتەننىڭ كۆزىدىن ئاققان قان›› دېگىنىچە ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتى. شۇ چاغدا ئانامنىڭ ھەدىسى بۇخەلچەم بىزنىڭ يېنىمىزغا كىرىپ ‹‹كىچىك بالىلارغا ئۇنداق گەپلەرنى دېمەيدىغان›› دەپ كۆڭلەكنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
    مەن 13 ياشقا كىرگەن يىلى ياش ئانام ــــ ئەمدىلا 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان يۈرەك پارەم كۆز يۇمدى. ئاتا-ئانىسىز قارا يېتىم مەن ( ئەدىبە ) ، ھاممام بۇخەلچەمنىڭ قولىدا قالدىم . ئۇ مېنى ئۆز بالىلىرى قاتارىدا ھىمايە قىلدى. ئانىلىق مىھرىنى بېرىپ بېشىمنى سىلىدى. تاغام ئوبۇلھەسەن (ھاممامنىڭ يولدىشى) دادامنىڭ پۇت-قولى ۋە ئەقلى بولۇپ مېنى ئۆز قەلبىگە ئالدى. مەن ئىھتىياجلىق ھەممە نەرسىدىن تەڭ بەھرىمان قىلدى. دادام ھەققىدىكى ئاجايىپ ئىبرەتلىك ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىپ، ياش يۇمران قەلبىمنى ئويغاتتى.
‹‹شۇڭقارنىڭ بالىسى چوقۇم شۇڭقار بولىشى كېرەك›› دەپ ماڭا ئىلھام بەخىش ئەتتى. بىراق ، شارائىت ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىگى تۈپەيلى مەكتەپتە ئانچە ئوقۇيالمىدىم، دادامنى ئويلىسام غۇرۇرۇم ئازاپلىنىدۇ . ئۇنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئاقلىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆكۈنىمەن.
    17 ياشقا كىرگەندە ھاممام ۋە تاغاملار مېنى بىر ياخشى ئادەمگە ــ ئابدۇقادىر ئەپەندىگە ياتلىق قىلدى. مەن ئۇ كىشىدىن تۆت پەرزەنتلىك بولدۇم . 1969-يىلى ئائىلىمىزنى زۇلمەت باستى : يولدىشىم ئابدۇقادىر ۋاپات بولدى. چۆچۈرىدەك تۆت بالا بىلەن قالدىم. ئاچارچىلىق يىللىرى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹‹مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى›› دەۋرى بولغاچقا ، گېزەندىنىڭ بالىسى، بۇزۇق ئۇنسۇرنىڭ بالىسى دېگەن قارا تۆھمەت ئىچىدە قالدىم . ھاياتىمدىكى ئەڭ ئېغىر ھاقارەتلەرگە دۇچ كەلدىم . باشقىلاردىن ھاقارەت تايىقى يېگەن چېغىمدا ئۈنسىز ياش تۈكۈپ، دادام مۇھەممەت ئېلىنى چۇڭقۇر ئەسلىدىم . مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ھاممام بۇخەلچەم ۋە تاغام ئوبۇلھەسەن بىزگە يەنە باشپاناھ بولدى. بىزنىڭ ئازاپلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئازاپلىرى بولدى. بىز بۇ تەتۈر پەلەكنىڭ قىسمەتلىرىگە بەرداشلىق بەردۇق . تاغام ئوبۇلھەسەن دائىم : ‹‹ ئوقۇتقۇچىنىڭ ، ئىنقىلاپچىنىڭ قىزى جانلىق، پىداكار بولۇشى كېرەك›› دەپ تەسەللى ۋە ئىلھام بەردى.
    1976-يىلى كىچىك قىزىم مەھبۇبە خېنىمنى ئېلىپ ئىلىغا چىقىپ كەتتىم . غۇلجا شەرق مەھەللىسىدە ئۇلۇغ ئالىم ، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى كاتتا مائارىپچى مەرھۇم ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ ئوغلى ئابدۇقادىر دامۇللام ( ئابدۇقادىر دامۇللام ۋاپات بولغان چاغدا قورساقتا قالغان ئوغۇل، دادىسىنىڭ ئىسمى قويۇلغان) بىلەن دادام مۇھەممەت ئېلى ئەپەندىنىڭ ئوقۇغۇچىسى غوجى ھاجىمنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشتىم . ئۇلار ماڭا ئاتىدارچىلىق قىلدى. ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇۋاتقان دادامنىڭ ئەينى چاغدىكى پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل ئاۋاز قوشقان ئىزچىللىرىغا خەت-مەكتۇپ يوللاپ ماڭا ماددىي جەھەتتىن ياردەمدە بولدى. قورو-جاي ئېلىپ بەردى. قەشقەردە قېپقالغان بالىلىرىمنى غۇلجىغا ياندۇرۇپ چىقتىم . ئۇلارنى ئوقۇتۇپ قاتارغا قوشتۇم . كىچىك قىزىم مەھبۇبە دادامنىڭ ئورنىنى بېسىپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئىشلەۋاتىدۇ . ئۇ ھەرھالدا بىر ئاقارتقۇچى بولۇپ قالدى . مەن قىزىمنىڭ ئاشۇ سەبى بالىلارغا دەرس بېرىۋاتقان ھالىتىنى كۆرگىنمىدە ، دادامنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى جەڭگىۋار سىماسىنى ئەسكە ئالىمەن.
   مەن ياشىنىپ قالدىم. دادام ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم ۋە ئاڭلىغانلىرىم - يازغۇچى ئىبراھىمگە بىر قوليازما سۈپىتىدە ھاۋالە قىلىندى. ئۇ ماتىرىياللار خەلق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان بىر ياخشى ئەسەر بولۇپ قالسا، دېگەن ئۈمىدتىمەن .
   ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا كارامەت كۆرسەتكەن ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇپلار ، ئابدۇقادىر دامۇللام ، تەجەللى ، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ، تۇرسۇن ئەپەندى ۋە دادام مۇھەممەت ئېلى ئەپەندىدەك ئاۋانگارتلارنى خەلقىمىز مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرىدۇ .


                                                                                1999-يىلى يانۋار ، قەشقەر


    ئىبراھىم ئالپ تېكىن تەييارلىغان: ‹‹مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى›› توپلامىدىن ئېلىندى .

تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرئاي
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-14, 12:44

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
كۆڭلۈڭنىڭ ئارامىدا بولۇشىنى ئىستىسەڭ ، پاك-دىيانەتلىك بول.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-14 20:34 |
شەبنەم تور رادىئوسى
xjaks
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 63866
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 559
شۆھرەت: 1060 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4891 سوم
تۆھپە: 28 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 692(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

ئوت يۇرەك شائىر  مەمتىلى ئەپەندى خەلىقىمىز قەلبىدىن مەڭگۇ ئوچمەيدۇ ....

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
ياخشى ئادەم ئولسىمۇ ياخشى نامى ئۆچمىگەي
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 20:48 |
شەبنەم تور رادىئوسى
ئۇيغۇرئاي
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 22655
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2789
شۆھرەت: 3025 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 28190 سوم
تۆھپە: 679 نۇمۇر
ياخشى باھا: 503 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-26

 

مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرىنى 2004 ئوقۇغاندىن باشلاپ ساقلاپ كىلىۋاتىمەن
ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن مەرىپەتچىنىڭ

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى


ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 20:49 |
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6201
شۆھرەت: 6428 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 250 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 276 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1443(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

چۇقۇم ئەسلەش كېرەك، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
./read.php?tid-62328.html
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 20:57 |
qqopp
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 21610
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 731
شۆھرەت: 762 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7255 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1199(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

زىمىندا يانغايمۇ مەشئەل زۇلمەتتىن يىراق تۇرسا ؟
ياخشىغۇ مەشئەل ياققۇچى دىللاردا يادلىنىپ تۇرسا .
ئىلىم قەدرىگە يەتسەك بىز ، بىلىملىك سانالساق يەنە ،
ئەجدات روھى كۈلمەمدۇ ئۇلاربىزگە ھەمدەمدە تۇرسا .
  
   بىز قەۋمىمىز ئۈچۈن ئىسسىققانلىرىنى بىجانىدىل تەسەددۇق قىلىشقا قادىر
ۋە نايىل بولا لىغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ ياتقان جايىنىڭ جەننەت بولىشىنى ھەرۋاقىت تىلەيمىز .
   ئەمما مىللىتىمىز نىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتكە يۈز تۇتقان ئوغۇل قىزلىرىنى كۆرگەندە  ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاشقا ئامالسىز قالغاندا قانداق ئويلايمىز ؟
  ئىلگىرى نۇرغۇن - نۇرغۇن ئەجدات بىز ئۈچۈن قىنىنى تۆكۈپ ، بىز ئۈچۈن جىنىنى سىلىپ بەرگەن ، نىمىشقا ؟؟؟؟؟
  بىز تەزىيەنى تىلەكلەر بىلەنلا بىلدۈرمەي  ، ئويغۇنۇشقا تىرىشايلى !!!!!!
ھەر ساھە - ھەر كەسىپتە بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ ئىلگر كىلەرگە جاۋاپ
  قىلىپ ،كىينكىلەرگە ئۈلگە بولۇشقا تىرىشايلى !!!!!

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 21:10 |
Oyghakjan
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 74875
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 75(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

ئۇلۇغ اللە ئاشۇ ئوغلانلىرىمىز،ئاشۇ ئاتىلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 21:15 |
Abduqopal315
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 71569
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 191
شۆھرەت: 191 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1860 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 158(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

بۇ خىل ئۇلۇغ روھنى ھازىر تېخەمۇ قەدىرلەشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ .

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 21:15 |
tuzqe
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 76303
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

شۇنداق بىر كىشىنىڭ پەرزەنتى بولغىنىڭىزغا پەخىرلىنىڭ.  لىكىن تەۋپىق ئەپەندىنىڭ بالىسى دىگەن نامغا لايىق ياشىماق بەك تەس جۇمۇڭ.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 21:19 |
heniya
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 39350
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 90
شۆھرەت: 91 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 900 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-14

 

بايام  تېخى  كىتابخانىغا  كىرگەن  ئىدىم .  قارىسام مەمتىلى  تەۋپىق  ئاكامنىڭ  شېئىرلار  توپلىمىنى  ،  كىتابخانا  جاھازىللىرىدا  توپا  بېسىپ   تۇرۇپتۇ .  ئىخىتيارسىز  ھالدا  پاكىز  سۈرتۈپ  قويدۇم .  كۆڭلۈم  شۇنداق  يېرىم  بولدى...

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 21:27 |
بأره
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 63757
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1115
شۆھرەت: 10134 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2122 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 575(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

ئوت يۇرەك شائىر  مەمتىلى ئەپەندى خەلىقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ھايات! ....

ئۆتمۈشىنى بلمىگەن مىللەت كەلگۈسىگمۇ ئىگە بۇلالمايدۇ!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 21:31 |
halise
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68683
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 280 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 137(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-14

 

ئاللا رەھمەت قىلسۇن شۇ باتۇر ئوغلانلارغا!بىز ئۇلاردىن ئۈگىنشىمىز كېرەك.ئۇلارنىڭ قەيسەر جانپىدا روھى ئاۋام قەلبىدە مەڭگۈ توپا باسمايدۇ.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 21:37 |
qirchin
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73535
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 134(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

ئۇيغۇرلاردىن مەمتېلى ئەپەندىمدەك يېنە بىر قەتتى قايىتماس مائارىپچى چىقىپ باقمىدى.........

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 21:47 |
artunga
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 61125
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 64
شۆھرەت: 65 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 640 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 74(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

ئۇ بىزنىڭ پەخرىمىز ،بىز ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ھەرگىزمۇ يادىمىزدىن چىقارمايمىز!

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 22:38 |
xayih
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 12829
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 375
شۆھرەت: 386 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3750 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 283(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-14

 

بىز مۇئەللىم ،يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز.

تالاي يىللار زۇلمەتتە تىنەپ خار بولدۇق،
ئىلىم-ئىرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق.
خۇراپاتتا قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار،
كۆزلىرىمىز قارىغۇ،كۆپ ناچار بولدۇق.

بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى،
بىز ۋەتەننىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان گۈلى.
ئوقۇتىمىز ئەۋلاتنى يېڭى پەن بىلەن،
پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ئۇلى.

يورۇق تاڭغا تەلپۈندى ۋىلايىتىمىز،
ئىلىم بىلەن تىكلىنەر ئىناۋىتىمىز.
مەنبە بولدى ئىرپانغا يۇرتىمىز ئاتۇش،
ئىرپان بىلەن ئېچىلغاي سائادىتىمىز.

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 22:55 |
باياۋان
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 69469
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 787
شۆھرەت: 825 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7899 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 674(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

./read.php?tid-89576-keyword-.html
قېنى ، بۇ ئادرېسقا كىرىپ تېخىمۇ مول مەزمۇنلاردىن بەھىر ئېلىڭلار ، دوسىتلار .

چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 23:31 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » تارىخ بەتلىرى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-16 17:33, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ