ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىم!
ھەممىمىزگە مەلۇمكى«بۆرە»ئۇيغۇر تۇتىم مەدەنىيتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.مىنىڭچە كۆپىنچە ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىز بۇنى بىلسىمۇ،لىكىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ نىمەئۇچۇن «بۆرە»نى ئۆزىگە تۇتىم قىلغانلىق سەۋەبىنى
ئىنىق بىلمەسلىكى مۇمكىن،سىز تۆۋەندىكى «بۆرە»نىڭ
توققۇز خىل خاراكتىرىنى ئوقۇپ، تەپسىلي تەھلىل قىلسىڭىز
«بۆرە»نىڭ خاراكتىرىنىڭ بىزگەسوغۇققان بولۇش،ئىتتىپاق بولۇش، ئەسلىدىن تانماسلىق،ھەرقانداق ئىشتا كاللا ئىشلىتىش، ئۆز قىرىنداشلىرىغا سادىق بولۇش،ئىھتىياتچان بولۇش،ئۆز ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇش، پەرزەنتنى قانداق تەربىيلەش ، ۋىژدان-غورۇر بىلەن ياشاش دىگەندەك نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگۈتىدۇ.ئەسلىدە «بۆرە»دىكى بۇ خاراكتىرلار بىز ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىنلا بار ئىدى،لىكىن بىز ئۇيغۇرلاردا مەدەنىيەنت جەھەتتە تىخىمۇ ئالغا ئىلگىرلىمەي بىر ئىزدا توختىۋىلىش،مىللى مائارىپتىكى مەغلۇبىيەتلەر،ئەخلاق جەھەتتىكى بىر قىسىم بۇلغۇنىشلار تۈپەيلىدىن «بۆرە»نىڭ بىز ئۇيغۇرلاردىكى بەزى خاراكتىرلىرى بارغانسىرى خىرەلىشىشكە باشلىدى.قىنى تۆۋەندىكى «بۆرە»نىڭ توققۇز خىل خاراكتىرىنى ئۇقۇپ ئۇنى ھازىرقى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش پەلسەپىسىگە باغلاپ
تۇرۇپ شەبنەم مۇنبىرىمىزدە بىر مۇلاھىزە ئىلىپ بارايلى!
1.پۇرسەت كۈتۈش.«بۆرە» ئۆزى ئاجىز ۋاقىتتا قانداقتۇر ئاتالمىش غورۇر ئۈچۈن ئۆزىدىن كۈچلۈكلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ .
2.ئۆملۈك . «بۆرە» ئۆزىدىن كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولغاندا،چوقۇم كوللىكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ.
3.ئۆزىنى بىلىش.«بۆرە»نىڭمۇ ھايۋاناتلار پادىشاھى بولۇش خىيالى بار ئەلۋەتتە.لېكىن «بۆرە» ئۆزىنىڭ بەرىبىر شىر ئەمەس بەلكى «بۆرە» ئىكەنلىكىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلايدۇ .
4.سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتۇش .«بۆرە» قانداق قىلىپ ئەڭ كىچىك بەدەل بىلەن چوڭ پايدىغا ئېرىشىشنى بىلىدۇ .
5.تەڭ ئىلگىرلەپ تەڭ چېكىنىش.«بۆرە» گەرچە تەنھا يۈرۈشنى ياخشى كۆرسىمۇ لېكىن بىرلەشمە ھۇجۇمدا ئەڭ ئىتتىپاق .«بۆرە» ئەزەلدىن يارىلانغان سەبدىشىنى تاشلاپ جەڭ مەيدانىدىن چېكىنمەيدۇ .
6.ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى چۈشۈنۈش.«بۆرە» ھەرقانداق رەقىبىنى ھۆرمەت قىلىدۇ.ھەر قېتىملىق ھۈجۇمدىن بۇرۇن رەقىبىنى ياخشى چۈشىنىدۇ،رەقىبىنى سەل چاغلىمايدۇ.شۇڭا «بۆرە» ئۆز ھەركىتىدە ئاساسەن غەلىبە قىلىدۇ .
7.كۆيۈمچانلىق.ئەركەك «بۆرە» چىشى«بۆرە» ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىن تارتىپ «بۆرە»كۈچۈگى تۇغۇلۇپ تاكى مۇستەقىل ھەركەت قىلغۇچە ئانا-بالىنى قوغدايدۇ.
8.پەرزەنت تەربىيسى.«بۆرە» بالىسى مۇستەقىل ھەركەت قىلىش يېشىغا يەتكەن ھامان بالىسىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. چۈنكى«بۆرە»نىڭ پەلسەپەسى بولسا:ياكى «بۆرە» بول، بولمىسا قوي بولۇپ يەم بولدىن ئىبارەت !
9.ئەركىنلىكنى سۆيۈش.«بۆرە» ئەركىن،تەنھا يۈرۈپ ئاشلىقتىن ئۆلۈشكە رازىكى بىر پارچە تەييار لوقما ئۈچۈن باشقىلارغا قۇيرۇق شىپاڭشىتمايدۇ.
مەنبە :«بۆرە»نىڭ توققۇز خىل خاراكتىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەرمىلەر ژۇرنىلىدىن ئىلىندى.
[ بۇ يازما تىلسىمات تەرپىدىن2009-03-15 02:24دە قايتا ]