ھىجران ناخشىسى(گۈلخان)
ئاپتۇرى:پاتىگۈل غۇپۇر گۈلخان
گۈللەرنىڭ قېتىغا مۇكتىڭ ئىھتىمال،
شاماللار ئەپ كەلدى ھىدىڭنى جېنىم.
يۈرەكتىن قان كەبى سىرغىيدۇ ھىجران،
كەلسەڭچۇ يېنىمغا يەنە بىر قېتىم.
سېغىنىش لىق تولغان تۇنۇش كوچاڭدىن،
ئايرىلدى قۇشلارمۇ ئەمدى بىر-بىرلەپ.
ساقلىدىم بەك ئۇزاق،ئۇزاق يىل سىنى،
ئاڭلانماس ناخشىمۇ تىمتاسلىق ئەجەپ.
سۈكۈتكە يەم بولۇپ كەتمىسۇن ئۆمرۈم،
سەن ئۈچۈن ئەقىدە باغلىدىم پەقەت.
ئازاپ رەڭ تۇرمۇشتىن تاپىمەن مەنا،
ئامرىغىم مەن سىنى كۈتسەم تائەبەت.
بۇ ئارزۇ-ئارمانىم بەربات بولمىسۇن،
ھىجرانلىق كۈنۈمنى تۈگەتكىن تۈگەت.
ئازاپلار تۈگۈسۇن تاپايلى ۋىسال،
تاڭ ئاتسۇن ماڭىمۇ كۈلسۇن مۇھەببەت。
ئاپتۇر:قەشقەر يېڭشەھەر ناھىيلىك جىنتەي باشلانغۇچ مەكتىۋىدە.