ئۇ تېخى گۆدەك
ئۇ دۇنياغا كۆز ئاچتى ، ئىللىق ئائىلىدە ،چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەنگەن ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىدا چوڭ بولدى . ئەمما ئۇنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشى ئۇ 6 ئايلىق بولغاندىلا ھەسرەت دېڭىزىدا ھالاك بولدى . ئىللىق ئائىلە ئاشۇ كۈندە غەرق بولدى. ئۇ دادىسىنىڭ قولىدا يىغلاۋاتاتتى . تاش يۈرەك ئاپىسى ئۇنى باقمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، يۈگرىگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .
كۈنلەر، ئايلار ، يىللار ئۆتتى . ئۇنىڭ ئانىسى شۇ چىقىپ كەتكىنىچە قايتىپ كىرمىدى . ئازاپقا چۆمگەن دادىسى نىجىس ھاراققا بېرىلىپ كەتتى. ئۇنىڭغا قارىماسلا بولىۋالدى . بۇنى كۆرگەن تۇغقان قېرىنداشلىرى ، نەچچە بالىنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ ، چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان بوۋا مومىسى ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلدى . ئۇ يا ئاتا مېھرى ، يا ئانا مېھرىنى تېتىپ باقمىغان ئىدى .
ئۇ 3ياشقا كىرگەن شۇ كۈنى ، مومىسى ئۇنى يېتلەپ < نىم بولمىسىمۇ بالىسى ئەمەسمۇ > دېگەن نىيەت بىلەن قارا دىل ئانىسىنىڭ يىنىغا باردى . ئانىسى ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى ، ھەتتا < بالا دىگەن يەنە تىپىلىدۇ ، بۇنى باقالمايىمەن ، ئۆزۈڭ بېقىش > دەپ بىچارە موماينى سىلكىپ تاشلىدى . بۇ مومايغا قاتتىق زەربە ئىلىپ كەلدۈكى ، ئىككىنچى ئۇنىڭ يىنىغا بېرىپ يالۋۇرماسلىق نىيتىگە كەلدى .
ئۇ ھەش پەش دىگۈچە تولۇقسىز 2-يىللىققا كۆچتى . تەغدىر ئۇنىڭدىن ئۆز دادىسىنى ئايرىدى . ئۇ قاتتىق ئازاپ چەكتى . ئۇنىڭ ئاپىسى ئۆز ئېرىنىڭ ئۆلىمىگە كىلىپمۇ قويمىدى . تۇرمۇش ئۇنىڭغا تولىمۇ بىمەنە تۇيۇلدى .
ئۇ كەپسىز چوڭ بولدى ، يا بوۋىسىنىڭ ، يا مومىسىنىڭ ، ۋە ياكى تۇغقانلىرىنىڭ گىپىنى قەتئىي ئاڭلىماس بولىۋالدى . نەچچە قېتېم ئەسكى ئىشلارنى قىلىپ تۇرمۇشىنى نابۇت قىلىشقائاز قالدى. نەچچە قېتىم جەمئىيەتتىكى داشقاللار بىلەن بىللە قېچىپ كەتتى . بۇ قايتا قايتا يۈز بەرگەن <پاجىئە>لەر بىچارە بوۋاينى ئاچچىقتىن يۈرەك كىسەل قىلىپ قويدى . شۇ نەۋرىسىنىڭ دەردىدىن ئۇ باشقىلاردىن نۇرغۇن گەپ ئاڭلىغان ئىدى . شۇنداق قىلىپ مومايمۇ كەتتى ، بوۋايمۇ جىمجىتقىنا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى . ئاھ خۇدا ، تەغدىر نىمىشقا بۇنداق رەھىمسىز دۇ ~؟؟
ئۇ 20ياشلارغا كىرىپ قالدى . . ئۇ تۇغقانلىرىنىڭ تەربىيلىشىگە قۇلاق سالماي ھاراق ئىچىشنى ، تاماكا چىكىشنى ئۆگەندى . ئۆيگە كىچە كىچىلەپ كىرمەس بولدى . بۇنى كۆرگەن ھاممىسى ئۇنىڭغا تەربىيە قىلدى ، ھاممىسىنىڭ تەربىيلىشى بۇنىڭغا ھار كەلدى . ئۇ ئۆيدىن بىراقلا چىقىپ كەتتى .
تۇمان باسقان بىر كۈنى ، ئۇ ئۆز ئوغۇل دوستىنى ئۆيگە ئەكىرىپ ،تۇغقانلىرىنى تىللىغۇزدى . ئۇ تېخى تۇققانلىرىنى ، ئۆزىنى بقىپ كىيمىگەننى كىيگۈزۈپ ، يىمىگەننى يىگۈزۈپ باققان ئۆز قېرىنداشلىرىنى سوتقا < مىنى باشقۇردى> دىگەن باھانە بىلەن ئەرزى قىلماقچى بولدى . بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ، ئۇنى ئەڭ چوڭ بۇرچى بىلەن باققان ھاممىسى ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ نەچچە قېتىم ئايلىنىپ چۈشتى ، نېرۋا ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى ....
كىيىن ئاڭلىشىمچە ، ئۇ ھازىر ئەينى ۋاقىتتىا تاشلىۋەتكەن ، ئۆزىدىن تانغان شۇ ناپاك ، قارا دىل ئانىسىنىڭ يېنىدا ئىكەن ... ئۇ ھازىرغىچە قايتىپ كەلمەپتۇ ... بۇ ئىش ئۇنىڭ تۇققانلىرىغا زور ئازار بېرىپتۇ . ..
ئۇ ھەممە كىشىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپلا قالماي < ئاش بەرگەنگە مۇش بەردى >
ئۇ دەل مىنىڭ نەۋرە ئاچام ئىدى ......................