ئەنگىلىيەنىڭ قارلىق يەرلىرىدە « ئالۋاستى » ئىزلىرى بايقالدى

قارلىق دالىدا بايقالغان « ئالۋاستى » نىڭ ئاياغ ئىزى

رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان دىۋىن شەھىرىدىكى « ئالۋاستى »
يېقىندا ، ئەنگىلىيەنىڭ دىۋىن شەھىرىدە تۇرۇشلۇق پىنسىيەگە چىققان بىر موماي ئۆيىنىڭ ھويلىسىدىكى قارلىق يەردە « ئالۋاستى » نىڭ ئاياغ ئىزىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان .
كىرودىيە « خەۋەرلەر » تور پونكىتىنىڭ 3- ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى ئەنگىلىيە « قۇياش گېزىتى » نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، « ئالۋاستى ئاياغ ئىزى » نىڭ دىۋىن شەھىرىدە بىرىنجى قېتىم بايقىلىشى ئەمەسكەن . تارىخى ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، كىشىلەر بۇ سىرلىق ھادىسىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1855-يىلى بايقىغان . بۇ قېتىمقى « ئالۋاستى » نىڭ ئاياغ ئىزىنى بايقىغان جىر ۋىد خانىم بۇ يۈز يىللىق سىرنىڭ ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
جىر ۋىد خانىم '' مەن زادى ئىشىنىشكە ئامالسىز ، چۈنكى بۇ ئېنىقلا يىرتقۇچ مەخلۇقلارنىڭ ئىزى ، قارلىق دالىدا بۇنىڭدىن باشقا ئىزلار يوق، بۇنىڭ زادى نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگۈم بار '' دىگەن . ئەنگىلىيە سىرلىق زوئولوگىيە مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەرمۇ بۇ ئىزلارنى تەكشۈرگىلى بارغان بۇلۇپ ، بۇ ئىزلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 25 سانتىمېتىر ئەتىراپىدا بۇلۇپ ، ئارلىقى تەخمىنەن 25 سانتىمېتىردىن 45 سانتىمېتىرغىچە كېلىدىكەن .
بۇ قېتىم بايقالغان « ئالۋاستى » نىڭ ئاياغ ئىزى 154 يىل ئىلگىرى بايقالغان ئاياغ بىلەن ئاساسەن ئوخشايدىكەن . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، ئەينى ۋاقىتتا ئاياغ ئىزىنى بايقىغان ئاھالىلەر بۇ ئىزلارنى بويلاپ تەخمىنەن 100 مىلغىچە قوغلاپ ئاخىرىدا بىر « ئالۋاستىنى » بايقىغان . سىرلىق زوئولوگىيە ئالىملىرى بۇ ئاياغ ئىزلىرىنى بەلكىم بۇغىنىڭ ئىزى بۇلۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن ، ئەمما ئۇلار يەنىلا جىدىي تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپتۇ .
http://slideshow.news.tom.com/vw/83656-1.html#picchange[ بۇ يازما arkinlik. تەرپىدىن2009-03-14 17:50دە قايت ]