ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 260 - كۆرۈرمىنى
kahar42
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 42033
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 19 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 105 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

 ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە تەكلىپ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار !
ئۇيغۇر تورچىلىقى بولۇپمۇ مۇنبەرچىلىكى يېقىندىن بۇيان ناھايىتى قىزىپ كېتىۋاتىدۇ،مۇنبەرسىز تور پونكىتلىرىنىڭ تەرەققىياتى مۇنبەرلىك تور پونكىتلىرىغا قارىغاندا ئاستىراق بولىۋاتىدۇ.
مۇنبەرلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ ۋە پەيدا بولىۋاتىدۇ. مەن تۆۋەندە مۇنبەرلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالماقچى ، ئەلىۋەتتە مېنىڭ بىلىمىمۇ چاغلىق بەزى جەھەتلەردە يەنىلا تورداشلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇنبەرلەردە ساقلىۋاتقان مەسىللەر:
1.مۇنبەرنىڭ تولۇق تەرجىمە قىلىنماسلىقى.
ھازىر PHPwind ۋەdiscuz مۇنبەر سېستىمىللىرى مۇنبەرچىلىكىمىزدە ئەڭ كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ،ئەلىۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرى بار،قايسىسىنى تاللاش مۇنبەر قورۇغۇچىنىڭ تاللىشىدا،ئەلىۋەتتە بۇنى تاللىغاندا زىيارەت قىلغۇچىلار بىلەن مۇنبەر نۇسخىللىرىنىڭ ماس كېلىش-كەلمەسلىكىنىمۇ ئويلىشىش كېرەك.بۇ ئىككىلىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى خەنزۇچە بولغاچقا ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر بۇنى تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىپ بەزىلىرى ئۆزى بىۋاستە تەرجىمە قىلغان ياكى تەرجىمە قىلغان تور پونكىتلىرىدىن سېتىۋالغان،شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش نۇسخىدىكى مۇنبەرلەر ئارىسىدا بەزىبىر تەرجىمە پەرقى كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.قارايدىغان بولساق شەبنەم،دىيارىم،سەلكىن قاتارلىق باشلامچى تور پونكىتلىرىنىڭ مۇنبەرلىرىدە ھەمىشە دېگۈدەك خەنزۇچە خەتلەرنى كۆرۈپ تۇرىمىز(مەسىلەن ئەسكەرتىشلەر،سېستىما ئەۋەتكەن قىسقا  ئۇچۇرلار قاتارلىق)،بۇ خىل  يېرىم خەنزۇچە، يېرىم ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشلەر چىققاندا ھەر بىر ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىشى تۇرغانلا گەپ،مۇنبەر بولسا بىزنىڭ قوش تىل ئۆگىنىدىغان سورونىمىز ئەمەس بەلكى ئانا تىلنى سۆيىدىغانلارنىڭ كىرىپ يازما كۆرىدىغانلارنىڭ ئورنى،ئۇيغۇرچە مۇنبەردە خەنزۇچە يېزىقنىڭ كۆرۈنىشى مۇنبەر تەرجىمە قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.مۇنبەردىكى شۇنچە كۆپ ھۆججەتلەرنى تەرجىمە قىلغان «تەرجىمان» يەنە ئازراق ۋاقتىنى چىقىرىپ ئېشىپ قالغان PHPھۆججەتلىرىنى تولۇق تەرجىمە قىلىۋەتسە ئانچە كۆپ ۋاقىتمۇ كەتمەيدۇ بەلكىم بولۇپمۇ شەبنەم،دىيارىم، سەلكىنلەرگە ئوخشاش شىركەتلىشىپ بولغانلارغا نىسبەتەن تەرجىمىنى تولۇقلىۋېتىش ئانچە ئېغىر ئىش ئەمەس.گەرچە مۇنبەر نۇسخىللىرىنىڭ توختىماي يېڭىلىنىشى مۇكەممەل ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا بەزىبىر قېيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ،تەرجىمە قىلغۇچىلار ئانا تىلىمىزنى قوغداش يۈزىسىدىن بولسىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشىنى تولۇقلىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،بىزدە ھازىر مۇنبەر ئانا تىل يېزىقىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تارقىتىش ۋاستىللىرىنىڭ بېرىگە ئايلىنىپ قالدى. مۇنبەر مەسئۇللىرى بۇ ئىشقا جىددى قاراپ ۋاقتىدا ھەل قىلىۋەتسە دېگەن ئۈمىدتىمەن.
2.مۇنبەر ھۆججەتلىرى ۋە مۇنبەر يازمىللىرىدىكى ئىملا خاتالىقلىرى:
نۇرغۇن مۇنبەرلەردە تەرجىمە قىلغان ۋاقىتتىكى ساقلىنىپ قالغان ئىملا خاتالىقلىرى ھەتتا تەرجىمە خاتالىقلىرى ئاز ئەمەس،بۇ يەنىلا شۇ«تەرجىمان»نىڭ سەۋىيىسىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى،يازما(ئىنكاس ۋە تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يوللايدىغانلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ئوخشاش بولمىغاچقا يازمىللىرىمىزدا ئاز بولمىغان ئىملا مەسىلىللىرى ساقلىنىۋاتىدۇ،ئەگەر ئۆز يازمىسىنىڭ ئىملاسىدىن گۇمانلىنىدىغانلار يۇلغۇن ئىملا تەھرىرلىگۈچكە(ئادرېسى: http://imla.yulghun.com/imla/ ) سېلىۋەتسە ئىملا خاتالىقلىرى كۆپ ئازايغان بۇلاتتى،ئىملا خاتالىقى بەزىدە سۆز خاتالىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىملا قائىدىسىگە ھەممىمىز دىققەت قىلساق، يازمىلاردا بەزىدە يەنە خەنزۇچە ۋە پىنيىن شەكىلدىكى خەتلەر چىقىۋاتىدۇ،بۇ كۆپىنچە شۇ يازما يوللىغانلارنىڭ تورغا چىققان ۋاقىتتا تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولىشى سەۋەبلىك تاقەت قىلالماي يېزىۋەتكەن يازمىللىرى،بۇ كۆرۈرمەنلەرگە نىسبەتەن بەزىبىر تىل قىيىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بۇ يازمىنى چۈشىنەلمەي قېلىشى مۇمكىن.
3.تېما كۆچۈرمىچىكى:
يېقىندىن بۇيان تېما كۆچۈرمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا خېلى كۆپ تېمىلار يوللاندى،ئوخشاش تېمىنىڭ نۇرغۇن مۇنبەرلەردە ئەكس ئېتىشى بىرىنچىدىن،ئەسلى تېما ئېلان قىلىنغان مۇنبەرگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك.ئىككىنچىدىن،ئەسلى تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەمگىكىنى ئوغرىلىغانلىق،ئۈچىچىنچىدىن يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئىزدىگۈچلەردە بىرەر نەرسە ئىزدىسە ئارقىمۇ ئارقا ئوخشاش يازما چىقىۋېلىپ ئىزدىگۈچىلەرگە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.ياخشى تېمىلارنىڭ تارقىلىشى ياخشى ئەھۋال لېكىن ھەممە نەرسىنىڭ ئېگىسى بار،ئەسلى مۇنبەرگىمۇ ھۆرمەت قىلىش ھەم ئەسلى مۇنبەرنىڭ زىيارەت مىقتارىغىمۇ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك،دەپ قارايمەن.
4.تېما سەھىپىسىنى قالايمىقان يۆتكەش:
يېقىندىن بۇيان تېما كۆرسەم ئۈستىدى ئەسكەرتىش قانداقتۇر نادىرلاندى،ئىلگىرلىتىلدى بولماستىن ...سەھىپىسىدىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كېلىندى دەپ ئەسكەرتىلىدىغان بولۇپ قالدى،بەلكىم بەزى ئاپتورلار خاتا يوللاپ قويىدىغاندۇ ئەمما بەزى ئاپتورلارنىڭ ئۆزىنىڭمۇ قارىشى بولىشى مۇمكىن ،ئاپتورلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ قارىشىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك،بەزىدە باشقۇرغۇچىلارنىڭ سەۋىىيىسى ئاپتورلارنىڭ سەۋىيىسىدىن يۇقىرى بولۇپ كېتىشى ناتايىن ئاپتورلارمۇ بىرەر نەرسىنى ئويلاپ شۇ سەھىپىگە يوللايدىغاندۇ،باشقۇرغۇچىلار چوقۇم تېما يۆتكىگەندە ئالدى بىلەن بۇ تېما نېمە ئۈچۈن بۇ سەھىپىگە يوللانغاندۇ دېگەننى ئويلاپ بېقىشى كېرەك.
5.مۇنبەردىكى يازمىلارنى كۆچۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇش:
بەزىدە ياخشى يازمىلارنى ساقلاپ قۇياي دەپ تېما كۆچۈرگەندە تېمىنى كۆچۈرگىلى بولمايدىغان ياكى سېستىما توغرىلاپ قويغان خەتلەرلا كۆچىرىلىدىغان ئەھۋاللار خېلى كۆپىيىپ قالدى،ئەمىلىيەتتە مۇنبەرگە بۇخىل ئىقتىدارنى قوشۇپ قويۇش مۇنبەرنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئەمىلىيەتتە بۇ پەقەت كومپىيوتېر سەۋىيىسى تۆۋەن ئادەمگە قارىتىلغان ھېيلە ، بۇخىل ئىقتىدار قوشۇلغان مۇنبەرلەردىكى يازمىلارنى كۆچۈرۈش ئانچە تەس ئىش ئەمەس(ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى كۆچۈرىدىغان يازمىنى تاللاپ مائۇسىنى شۇ تاللىغان يازما ئۈستىگە ئەكىلىپ قويۇۋەتمەي  كۆچۈرمەكچى بولغان يەرگە ئاپىرىپ تاشلاپ قويساقال بولىدۇ)،شۇڭا بۇنداق ئاقماس ئوسۇللارنى قوللىنىپ يۈرمىسە.
6.مۇنبەردىكى يازمىلارنى كۆرسەتمەسلىك:
نۇرغۇن كىچىك مۇنبەرلەر ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇنبەردىكى تېمىلارنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەزالىق ياكى ئىنكاس يېزىش شەرتىنى قويىدۇ،ئەمىلىيەتتە بۇمۇ توغرىدۇ ، ئەمما مۇنبەر ياخشى بولسا ئەزا بۇلىدىغانلار ئۆزلىكىدىن ئەزا بولىدۇ،مېنىڭچە بۇخىل ئوسۇلدا ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش قاقتى-سوقتا قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس،مەردنى مەيداندا سىنا دەپتىكەن، ئۇنچىلىك چۇپەيلىشىپ كەتمەڭلار.
7.تېما تەستىقلاش مۇكەممەل بولماسلىق:
نۇرغۇن ماۋزۇسى ياخشى تېمىلارنى كۆرەي دەپ چەكسە كۆرىنىدىغىنى ياخشى ماۋزو بولماستىن ئۈچۈرۈلگەن تېمىلار ، مۇنبەر باشلىقلىرى تېما تەستىقلاش ئۆتكىلىنى چىڭ توتۇپ تېمىلارنىڭ ئۆچۈرۈلىشىنىڭ ئالدىنى ئالسا !

  بۇيازما شەبنەم مۇنبىرىگە يوللاندى!
ئاپتورنىڭ يازمىسىغا ھۆرمەت قىلىڭلار
ئەگەر قىممىتى بار ئىكەن دەپ كۆچۈرمەكچى بولغانلار تېمىنىڭ كۆچۈرۈش نىسبىتىنى %60 تىدىن يۇقىرىلىتىۋەتمىسەڭلار ھەمدە داۋامى شەبنەم مۇنبىرىدە دەپ ئەسكەرتىپ ئادرېسىنى كۆچۈرۈپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

تېما تەستىقلىغۇچى : DEWRAN
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-13, 17:35

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-13 22:59 |
شەبنەم تور رادىئوسى
1949
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28622
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 247
شۆھرەت: 288 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2328 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 431(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

 

تېمىلارنى كۆچۈرۈش ئىشىنى ئادەمدە ئازراق ئەخلاق قارىشى بولمىسا چەكلەپ بولغىلى بولمايدىكەن، بەزى تور بەتلەر ھەتتا بەزى تور بەتلەردىكى مەزمۇنلارنى پۈتۈنلەي يۆتكىۋالغىلى ئاز قالىدىكەن.

چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 02:41 |
شەبنەم تور رادىئوسى
kahar42
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 42033
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 19 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 105 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

 

ffff






ااا بۇ تېما ئەجەپ يالغۇز قاپتا

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 22:13 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » مۇنبەر مەخسۇس سەھىپىسى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-27 21:39, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ