جىيەن يىڭخەي (翦英海 )
دۆلەت تەۋەلىكى: جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1963-يىلى
يۇرتى: خۇنەن
مىللىتى: ئۇيغۇر( خۇنەندىكى جيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلاردىن)
ئوقۇش تارىخى: ئالىي مەكتەپ
ئوقۇغان ئالىي مەكتەپ: بېيجىڭ رادىئو ئىنىستىتۇتى
خىزمەت ئورنى: خۇاپۇ گۇرۇھى 华普集团
ۋەزىپىسى: باش لېدىر
ئاساسىي تىجارىتى: ئۆي-زىمىن تىجارىتى(بېيجىڭدا)، ئاپتۇماتىك پۇل تاپشۇرۇش سېستىمىسى، پارچە سېتىش
2002-يىلى جىيەن يىڭخەينىڭ ماشىنا توختىتىش ھەققىنى ھېساپلاش سېستىمىسى شىياڭگاڭدا بازارغا سېلىندى.ئۇ يەنە شاڭخەيدە ئۆي -زىمىن تىجارىتىگە تۇتۇش قىلىدى. ئۇنىڭ دەسلەپكى تاپاۋىتى 80-يىللارنىڭ ئاخىرى شېنجىندىكى ئېلىكتىر بۇيۇملىرى سودىسىدىن كەلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ 1991-يىلى تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا چىققان ھەمدە ئۇ يەردە سودا بىلەن شوغۇللانغاچ ئۆي-مۈلۈكچىلىككە مەبلەغ سالغان. كېيىنكى يىلى بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغان. ئۇنىڭدىن سىرت بېيجىڭدا زەنجىرسىمان تاللا بازىرى ئاچقان. ئۇنىڭ 2001-يىلىدىكى سېتىش سوممىسى 145 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.2007-يىلىدىكى سېتىش سوممىسى1.58مىليارت يۈەن بولغان. 3000دەك ئىشچى-خىزمەتچىسى بار. ئۇ مەملىكەت ئىچىدىكى زەنجىرسىمان سېتىش ساھەسىدەئۇدا10 يىل 100نىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئۇ 2003-يىللىق جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ بايلار ئىچىدە 36-ئورۇندا تۇرغان. ئۇ2003-يىلى ئېچىلغان 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان. 2007-يىلىدىكى بايلار ئىچىدە 368-ئورۇندا بولغان بولسا،2008-يىلى 727-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.(جۇڭگودا بايلار كۆپىيىپ كەتتىمۇ ياكى سودىسى بۇرۇنقىدەك تازا يۈرۈشمىدۇ قانداق؟)
قوشۇق يازمىسى
كېلىش مەنبەسى: بەيدۇ ۋە باشقا تور بىكەتلىرىدىن تېرىۋېلىندى.
[ بۇ يازما koxuk تەرپىدىن2009-03-13 15:55دە قايتا تە ]