ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 827 - كۆرۈرمىنى
Arkan0997
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 38286
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 497
شۆھرەت: 498 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4915 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 580(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 پەن تېخنىكىدىكى تېخى يېشىلمىگەن13سىر

چۈشەندۈرىلىشى:CERNنىڭ چوڭ تىپتىكى ئېلىكترون توقۇنۇشتۇرغۇچى
رەسىم:


چۈشەندۈرىلىشى:ئاۋانگارت ناملىق
رەسىم:


چۈشەندۈرىلىشى:ئەلفا تۇراقلىق سانى ماددا بىلەن نۇرنىڭ ئۆزئارا تەسىرىنى بەلگىلەيدىغان ئىنتاين مۇھىم تۇراقلىق سان
رەسىم:


چۈشەندۈرىلىشى:يادرو يىغىلىش رېئاكسىيىسى ئادەتتىكى تېمپراتورىدا يۈز بېرەمدۇ يوق؟
رەسىم:


چۈشەندۈرىلىشى:ھاياتلىق
رەسىم:

چۈشەندۈرىلىشى:دېڭىز قاراقچىسى ناملىق تەكشۈرەش ئەسۋابنىڭ مودىلى
رەسىم:


چۈشەندۈرىلىشى:تاشقى پىلانىت ئادىمى
رەسىم:


چۈشەندۈرىلىشى:1918يۇقۇملۇق زۇكام ۋىروسى
رەسىم:


چۈشەندۈرىلىشى:ئۆلۈم
رەسىم:


چۈشەندۈرىلىشى:جىنسىيەت
رەسىم:


چۈشەندۈرىلىشى:ئەركىنلىك تەسەۋۇرى
رەسىم:


چۈشەندۈرىلىشى:بەزلىتىش دورىسى ئېففىكتى
رەسىم:


چۈشەندۈرىلىشى:ئەھۋالغا قاراپ داۋالاش ئۇسسۇلى ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى دورىنى ئاساس قىلىدىغان داۋالاش ئۇسسۇلى
رەسىم:


                                                           پەن تېخنىكىدىكى تېخى يېشىلمىگەن13سىر    
    ئەنگىلىيە«تايمىس گېزىتى»تور بېتىدىكى مايكىل.بۇكس(Michael Buchs )نىڭ«پەن تېخنىكىدىكى تېخى يېشىلمىگەن13سىر»ناملىق ماقالىسى.  
                                                 1.ئالەمنىڭ كۆپ قىسىمى يوقىلىپ كەتتى
     بىز پەقەت ئالەمنىڭ4%نى ئىگەللەپ تۇرىۋاتىمىز.  
    ئەگەر سىز چوڭ تىپتىكى ئېلىكترون توقۇنۇشتۇرغۇچ ماڭا نېمە قىلىپ بېرلەيدۇ دەپ قارىسىڭىز ماۋۇ يەكۈنگە قانداق قارايسىز:ئېلىكترون توقۇنۇشتۇرغۇچ بەلكىم پەقەت ئالەمنىڭ تۆتتىن بىرىنى تاپالىشى مۇمكىن.توقۇنۇشتۇرغۇچ ئېھتىمال ئېلىكترون توقۇنۇشتۇرغۇچ فىزىكا ئالىملىرى«غۇۋا ماددا»دەپ ئاتايدىغان زەرىچىلەرنى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن.بۇ سىرلىق «غۇۋا ماددا»لار ئالەمنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ.يەنە بىر «غۇۋا ئېنىرگىيە»بولۇپ بوشلۇق ۋە ۋاقىتنى يىمىرىۋاتقان سىرلىق كۈچتۇر.ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا،ئالەمنىڭ96پېرسەنتى بىزنىڭ سىرتىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ.
                                               2.«ئاۋانگارت»ئالەم كېمىسىدىكى غەلىتە ئەھۋال  
    ئىككى ئالەم كېمىسى فىزىكا قانۇنىيەتلىرىنى مەسخىرە قىلماقتا.  
    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ70-يىللىرى ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى(NASA)ئىككى قېتىم بوشلۇق تەكشۈرەش ئەسۋابى قويۇپ بەردى.شۇنىڭدىن باشلاپ بىر تالاي باشنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى.«ئاۋانگارت10-نومۇر»ۋە «ئاۋانگارت11-نومۇر»ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مەسئۇل كىشىنىڭ ئېتراپ قىلىشىچە،بۇ ئالەم كېمىلىرى ھەر يىلى ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىسىدن12875 كىلومېتىر چەتنەپ كەتكەن.ئەگەر ئۇلارنىڭ يىللىق352مىليون كىلومېتىر ئۇچۇس مۇساپىسىنى ئويلاشساق بۇ ئېغىش ھېچقانچە گەپ ئەمەس.لېكىن ئېغىتىش كۈچى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ پەقەت10مىليارددىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئېغىش يۈز بەردى.نەچچە ئون يىللىق ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ھەقىقىي سەۋەبى   تېپىلمىدى.                                            
3.تۇراقسىز تۇراقلىق سانلار  

    سىزنىڭ ئالەمگە بولغان تونىشىڭىزنى تەۋرىتىپ قويىدۇ.
    10يىل ئىلگىرى،فىزىكىدىكى ئاساسلىق تۇراقلىق سانلارنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكىنى بايقىدۇق.بۇ تۇراقلىق سانلار بىر قىسىم تەبىئەت ھادىسلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئىدى.يىراق پىلانېتلاردىن ئالەمنى كېسىپ ئۆتۈپ كەلگەن نۇرلار بىزگە فىزىكا قانۇنىيەتلىرىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.گەرچە فىزىكا قانۇنىيەتلىرى ۋە تۇراقلىق سانلار بىزگە تەبىئەت دۇنياسىنى تونۇش ۋە بوي سۇندۇرۇشقا ياردەم بەرگەن بولسىمۇ،ئەمما بۇ سانلار بىر خىل خام خىيال بولىشى مۇمكىن.  
                                           4.تۆۋەن تېمپراتورىلىق يادرو يىغىلىشى  
    پارتىلاشنى ھاجەت قىلمايدىغان يادرو ئېنىرگىيىسى
    1989-يىلى،ئاپەت خاراكتېرلىك پارتىلتىشنى ھاجەت قىلماي يادرو ئېنىرگىيىسى قويۇپ بېرىش نەزەرىيىسى دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى.بۇ نەزەرىيەنى يېشىشى ۋە ئىسپاتلاشقا بولغان ئۇرۇنۇشلار مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.بۇ نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ئالىملارمۇ توختاپ قالدى.لېكىن«تۆۋەن تېمپراتورىلىق يادرو يىغىلىشى»دېگەن سۆز ھەقىقىي تۈردە يوقالمىدى.1989-يىلدىن كېيىكى10يىلدا،ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە تەجرىبىخانىسى200قېتىمدىن ئارتۇق سىناق ئېلىپ بېرىپ،يادرو رېئاكسىيىسى ئۆزلىرى مۆلچەرلىگىنىدن كۆپ ئېنىرگىيە ھاسىل قىلالايدىغان قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولدى.تۆۋەن تېمپراتورىلىق يادرو يىغىلىشىنى كونترول قىلغىلى بولسا،دۇنيادىكى ئېنىرگىيە كەمچىللىك مەسىلىلىرى بىردىنلا ھەل بولاتتى.شۇڭا ئامېرىكا ئېنىرگىيە مىنىستېرلىكىنىڭ بۇ ئىشقا ئالاھىدە قىزىقىشىدىن ئەجەپلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.  
                                                   5.ھاياتلىق
    سىز پەقەت بىر بولاق خىمىلىك ماددىدىن ئازراقلا چوڭمۇ؟  
   سىزنىڭ بەدىنىڭىز جانسىز خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىمۇ؟قانداق بىر كۈچ كۆكىرىپ تۇرغان دەرەخنى قۇرۇق قاخشال قىلىپ قويىدۇ؟بىلىدىغان ئادەم يوق.تەتقىقاتچىلار ھەتتا ھاياتلىققا مەنا بېرىشتىن ۋاز كەچتى.لېكن،نۆلدىن باشلاپ ھاياتلىق يارىتىش ئۇسسۇلى ئارقىلىق چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.دۇنيادىكى تەجرىبىخانىلاردا،كىشىلەر جانلىق ماددىلاردىن خام ئەشيا ئېلىپ،بۇ خام ئەشيالارنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان شەكىلدە بىرىكتۈرۈپ چىقماقچى بولىۋاتىدۇ. =r,MK~I  
                                                6.مارستىكى مېتان
    NASAنىڭ ئالىملىرى مارستا ھاياتلىق ئىزنالىرى بارلىقىنى بايقىدى
    1976-يىلى7-ئاينىڭ20-كۈنى«دېڭىز قاراقچىسى»ناملىق مارس تەكشۈرەش ئەسۋابى مارستىن تۇپراق ئەۋرىشكىسى ئېلىپ رادىئو ئاكىتىپلىق ئوزۇقلۇقلار بىلەن ئارىلاشتۇرغان،بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە قاتناشقان ئالىملار،ئەگەر تۇپراقتىن رادىئو ئاكىتىپلىق مېتان قويۇپ بېرىلسە،ئۇنداقتا بىر خىل جانلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يېگەن بولىدۇ،بۇ مارستا ھاياتلىق بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ دەپ قارىغان.ئىسپاتلار مارستا بىر قىسىم نەرسىلەر مېتان ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.بۇ ھاياتلىقمۇ؟«دېڭىز قاراقچىسى»ناملىق مارس تەكشۈرەش تەجرىبىسى ھاياتلىق بارلىقىنى چۈشەندۈردى.
                                              7.سىگنال كەلدى  
    تاشقى پىلانت ئادەملىرى يېقىنلىشىپ قالدىمۇ؟
   بۇ ئوۋچى يۇلتۇز سېستىمىسىدىن كەلگەن ئېلىكتىر ماگىنىت دولقۇنى بولۇپ،37سېكونت داۋاملاشقان،تاشقى پىلانېتتىن كەلگەن سىگنالغا خاس ئالاھىدىكى بار.شۇڭا ئاسترونوم جېررىي.ئېمان1977-يىلى8-ئاينىڭ15-كۈنى ئوخىئو شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئېلىكترونلۇق تېلىسكوپى بېسىپ چىقارغان سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ ھاياجانلانغانلىقىدىن ۋارقىرىۋېتىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.بۇ يۆلىنىشتىكى بىز بىلەن ئەڭ يېقىن پىلانتنىڭ ئارىلىقى220نۇر يىلى كېلىدۇ.ئەگەر بۇ پىلانت ئېلىكتىر ماگىنىت دولقۇنىنىڭ كېلىش مەنبەسى بولسا،ئاسترونومىيە تارىخىدىكى چوڭ ئىش بولۇپ قالىدۇ. 30 يىلدىن كېينمۇ كېلىش مەنبەسى بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا.  
                                          8.غايەت زور ۋىروس )  
     جانلىقلار تارىخنى ئۆزگەرتىپ يازدۇرىدىغان غەلىتە مەخلۇق  
    غايەت زور ۋىروس(Mimivirus)ئەسلى مەنىسى باكتىرىيەگە ئىنتايىن ئوخشايدىغان ۋىروس،مارسېلدىكى(فرانسىيە)بىر توڭلاتقۇدا ساقلانماقتا.ئۇنىڭ ھەجىمى ئادەتتىكى زۇكام ۋىروسىنىڭ 30ھەسسى كېلىدۇ.ھازىرغا قەدەر ئالىملار بايقىغان ئەڭ چوڭ ۋىروس.ئەمما بۇ ۋىروسنىڭ ئەڭ زور كۈچ-قۇدرىتى يەر شارىدىكى داۋالاش ئىشلىرىغا قارىتىلمىغان.بۇ ۋىروسنىڭ تەسىرى يەر شارىدىكى جانلىقلار تارىخىغا بولىشى مۇمكىن.بۇ غايەت زور  ۋىروسنىڭ مەلۇم جەھەتتە ئىنسانلارنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان گېن گۇرۇپپىسى بار.بۇ ۋىروسلار قارىماققا يەرشارىدىكى مەۋجۇداتلار ئەپسانىلىرىنىڭ بىر قىسىمىدەك قىلىدۇ،ھەتتا جانلىقلار تارىخىنى ئۆزگەرتىپ يېزىشقا تۈرتكە بولىشى مۇمكىن.
                                         9.ئۆلۈم  
    ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىدىغان تەدرىجىي تەرەقىيات مەسىلىسى
    نېمە ئۈچۈن ئۆلىمىز؟بۇ سوئال بىئولوگلاردا ئختىلاپ كەلتۈرۈپ چىقاردى.كۆپ يىللاردىن بېرى،ئوخشىمىغان نەزەرىيەلەر قايتا-قايتا ئانالىز قىلىنىپ يېڭى يېڭى دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىقتى.بۇلارنىڭ ئىچىدىكى جاۋاپلاردىن بىرى بولسا ئادەم مۇقەررەر ئۆلىشى كېرەك بولمىسا ئادەملەر يەرشارىغا پاتماي قالىدۇ.تەتقىقاتچىلار مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا يىپسىمان قۇرۇتلارنىڭ ئۆمرىنى خېلى ئۇزارتالايدىغان گېن تۈگۈنىنى تاپتى.ئۆلۈم سىرىنى زادى ئاچالايمىزمۇ؟  
                                       10.جىنسىيەت  
    تېخىمۇ ياخشى كۆپىيىش شەكلى بارمۇ؟
    جىنىسلىق كۆپىيىشنى قوللايدىغان بارلىق تەشەببۇسلار ئۆزىنى كىلونلىغىسى بارلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.جىنىسسىز كۆپىيىش بولسا ئۆزىدىكى گېنلارنى ئەۋلادىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاستە.جىنىسلىق كۆپىيىشنىڭ تۈرلەرنى تېخىمۇ  ھاياتىي كۈچكە ۋە ماسلىشىشچانلىققا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت يوق.ئەمىسە نېمىشقا جىنىسلىق كۆپىيىش ئەڭ ئاساسلىق كۆپىيىش شەكلى بولىدۇ.
                                       11.ئەركىن تەسەۋۋۇر  
    قارارىڭنى ئۆزۈڭ چىقارمىغان
    بىزنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارىمىز ۋە توپلىغان تەجرىبىلىرىمىز بىزنى ھەرىكەت قىلىش،تەپەككۇر قىلىش،تاماق يېيىش،ئوغۇرلۇق قىلىش،يالغان سۆزلەش ياكى مۇشتلىشىش قاتارلىق ئىشلارغا قارار چىقىرىشىمىزنى بەلگۈلەيدۇ.بىزنىڭ بارلىق مەدەنىيىتىمىز موشۇ نەزەرىيە ئۈستىگە قۇرۇلغان.لېكىن ئىلمىي تەتقىقاتلار بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى،ئەركىن تەسەۋۋۇر بىر خىل خاتا تۇيغۇ.چوڭ مېڭىڭىزنىڭ مەلۇم ئورنىدىكى«سەن»قارار قىلغان تۇيغۇدۇر.ئەمما بۇ خام خىيالدۇر.چوڭ مېڭىدە مۇنداق ئەرۋاھ مەۋجۇت ئەمەس.بۇ بىزنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇمىز ۋە ئەخلاق قارىشىمىزغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟بىز ئاڭنىڭ كونتىروللىقىغا ئۇچرىمايدىغانلارنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىدىن دادلىماي تۇرالايمىزمۇ؟
                                  12.بەزلەش دورىسى ئېففېكتى  
     كىم ئالداندى؟  
    بەزلەش دورىسى ئېففىكتى چوڭ مېڭىنى كونترول قىلىدىغان بىر خىل ۋاستە.دوختۇر ساڭا قايسى دورىنىڭ پايدىسى بار دېسە ئېھتىمال شۇ دورا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن.لېكىن سىز بۇنىڭ بىر كەمپۈت ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن،دورىنىڭ ئۈنىمىنى ناھايىتى قالتىس ھېس قىلىسىز،كىم مۇنداقلىقىنى ئويلاپ باقىدۇ؟ئەمەلىيەتتە،ھېچكىم بۇنىڭغا دىققەت قىلمايدۇ،چۈنكى بەزلەش ئېففىكتىغا بولغان چۈشۈنۈش تىبابەتنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتتى.بىر قىسىم كىلىنكىلىق تەجرىبىلەردە،بىر قىسىم«بەزلەش دورىلىرىدىن ئۈنۈملۈك»دورىلارنى بىمار  يەۋاتقانلىقىنى بىلگەندىلا ئاندىن ئۈنىمىنى كۆرسەتكەن.
                            13.ئەھۋالغا قاراپ داۋالاش ئۇسسۇلى :
    ناھايىتى بىمەنە بولسىمۇ يەنە نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.  
    ئەھۋالغا قاراپ داۋالاش ئۇسسۇلى بولسا بىر قىسىم گۇمانلىق ماددىلارنى سۇيۇلدۇرۇپ كۆرۈنمەيدىغان دەرىجىگە بارغاندا كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىشتۇر.بۇنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى بولمىسىمۇ،ئاز بىر قىسىم دەلىللەر بۇ ئۇسسۇلنىڭ ئۈنىمى بارلىقىنى ئۇقتۇردى.نېمە ئۈچۈن؟

مەنبە:سەلكىن مۇنبىرى.


تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com003
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-13, 05:34

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
قاشقا سانساڭ كۆزگە،كشىگە سانساڭ ئۆزگە!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-13 13:02 |
شەبنەم تور رادىئوسى
lopunurdiyari
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 61225
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1032
شۆھرەت: 1033 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10340 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 378(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

بۇنىڭغا يەنىلا شۇ مۇتەخەسىسلەر باش قاتتۇرمىسا بىزلەر بىلەلمىگۈدەكمىز.

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-13 13:41 |
شەبنەم تور رادىئوسى
xjaks
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 63866
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 559
شۆھرەت: 1060 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4891 سوم
تۆھپە: 28 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 692(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

سەل چۇشىنكسىز كەن جۇمۇ ؟

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
ياخشى ئادەم ئولسىمۇ ياخشى نامى ئۆچمىگەي
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-13 13:44 |
Shebnem2008
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 138
شۆھرەت: 139 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1325 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 339(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

كەچتە كۆرەيچۇ. ھازىر ئىشىمنى قىلىۋالاي.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-13 15:12 |
abdul
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2105
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 746
شۆھرەت: 746 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7266 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 192(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

چۈشەنمىدىم، سۆزلىمەيمەن.

ھەممىسى ھەممىمىز ئۈچۈن
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-13 15:57 |
nariya
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 75124
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

بۇلارنىڭ جاۋابىنى ھەممىگە قادىر ئاللاھ بىلىدۇ...

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-13 16:50 |
sarkarda-1
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 41843
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 80
شۆھرەت: 81 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 800 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 182(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

يەنە بىر سىر قاپتۇمۇ-نېمە؟!  يەنى ياڭاق مېغىزى سىرتقى شەكلنىڭ ئادەم چوڭ مېڭە پوستلاق  قەۋىتىنىڭ سىرتقى يۈزىگە ئوخشايدىغانلىقى.

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-13 16:51 |
美国总统
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 64057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 517
شۆھرەت: 518 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 636(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

مەن تىرىشىپ ئۇسىرلارنى يېشىمەن!!!!!!!!!!!!!!!!!       

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-13 17:22 |
巧克力
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 34388
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 51
شۆھرەت: 52 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 469 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 512(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13

 

ئاللا ھەممىگە قادىر!!!!!!!!!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-13 19:14 |
kyb5
ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 28934
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 250
شۆھرەت: 265 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2540 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1263(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

ھەقىقەتەن ئىزلىنىشقا ئەرزىيدىغان تىمىلاركەن ئىزلىنىپ تەتقىلغان ئىنسان بۇسىرلارنى يېشىش قېيىنغا يوختىمايدۇ.

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-13 20:29 |
OYQIBOY
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 70456
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 128
شۆھرەت: 142 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1216 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

اللە نىڭ ھېكىمىتى چەكسىزدۇر ۋە بىز ئاددىي كاللىمىز بىلەن بىلىپ بولالمايمىز،اللە بىزگە بىلدۈرۈشنى خالىغاننى بىلىمىز ،بىلدۈرۈشنى خالىمىغانلارنى بىلمەيمىز.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
اللە ئەڭ شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-13 22:20 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » پەن-تېخنىكا
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-16 17:29, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ