ئاخىرسىدىكى يۇمۇر بەك قىززىق ئىكەن .
سېغىز كەمپۇت
ئايرۇپىلان كۈتكۈچىسى:
_ بۇ يەردە سېغىز كەمپۇت بار . سېغىزنىڭ قۇلاققا پايدىسى بار ، خالىغانچە ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ ._ دەپتۇ .
بىر نەچچە سائەتتىن كىيىن ئايرۇپىلان يەرگە قۇنۇپتۇ .
بىر يولوچى :
_ خانقىز ، ما قۇلۇقۇمدىكى سېغىز كەمپۇتنى قانداق ئالىمەن؟ _ دەپتۇ .
ھورۇن ئەر-ئايال
بىر كۈنى بىر ئايال شىرە ئۈستىدىكى توپىلارنى كۈرۈپ ، خوشياقمىغان ھالدا سۈرتىۋىتىپتۇ .
يولدىشى ئىشتىن قايتىپ كىلىپ :
_ شىرەنى نىمىشقا سۈرتىۋەتتىڭىز ؟ مەن بىر دوستۇمنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرىنى خاتىرلەپ قويغان ئەمەسمۇ ؟!_ دەپ كايىپ كىتىپتۇ .
ئىشچى بىلەن باشلىق
بىر باشلىق ، بىر ئىشچىنىڭ قارا تەرگە چۈمۈپ ئىشلەۋاتقىنىنى كۈرۈپ ، يېنىغا كىلىپ ، دولىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ ھىجىيىپ:
_ ياخشى ئىشلەڭ . ئىلگىرى مەنمۇ سىزدەك ئىدىم - دەپتۇ .
ئىشچىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ :
_ سىزمۇ ياخشى ئىشلەڭ ، مەنمۇ ئىلگىرى سىزدەك ئىدىم _ دەپتۇ .