ئاي سىڭلىم . يازمىللىرىڭىزنى ياقتۇرىمەن ، ئاۋۇ رەسىمنى مانداق ئۇقۇپ باقتىم ، ئاڭلاپ باقامسىز؟
ئايغا شۇتا قۇيۇپ بەرگىن ، ئۇنىڭ روجەكلىرىن مارىلاپ باقاي . ئۇنىڭدىكى تېنىچلىقنى تۇيۇپ باقاي ، ئۇنىڭدىكى گۈزەللىككە چۈكۈپ باقاي . قىر چىر يىغا ئاۋازى ، قەغىشلىك بۇۋاق ، كۇچىلاردىن ئۈزۈلمەي ئاڭلىندىغان مەسلەرنىڭ تۈگۈمەس ناخشىسى ، يەنە كىمگىدۇر ئوخشاپ كىتىدىغان تۇنۇش چىرايلارنىڭ ،يۈرەكلىردىن سىرغىپ چۈشكەن غەليانلار ، ھەمىسى شۇ قەدەر ئازاپلىق .
سىقىلغان نەپسىم ، ھەمىمىزنىڭ چىرايى شۇ قەدەر غەيرى . دىمىققان چوڭ كومزەك ئۈستىدە ،ھالسىراپ يۈرگەن ئاخىرقى نىجاتلىقتەك .
مىھىرسىز ھەم مىھىرسىرىغان كۆزلەردىن تامچىغان مەناسىز ياشلار ، زىمىننى ئەمدى ياشارتالمايدۇ ، زىممىننىڭ سۇ سىڭمەس تاشتەك قاتقان باغرى ئەبىدىلىك ئۇيقۇغا كەتكەن .
ئۇنى تۇنۇمايمەن ، ئۇمۇ مىنى خاتىرىسىدىن پۈتۈنلەي يۇقاتقان . ھەمىمىز ناتۇنۇش . ناتۇنۇش كىشىلەر كۇچىلاردا بىر-بىرىمىزگە سۇقۇلۇپ ،قىستىلىشىپ يۈرىمىز ، يىقىلغانلىرى چەيلىنىدۇ ، مەن يۇلۇمنى داۋام ئىتىمەن .
ياشلىرىم قۇرىغان ، كۆزلىرىمدە مۇھەبەتمۇ نەپرەتمۇ يوق . ئۇلارنى ئاخشامقى بوران ئۇچرۇپ كەتتى . پەقەت يۈرۈكۈملا بىر ئارمان بىلەن سۇقىدۇ . ئايغا قاراپ باقاي ،شۇتا قۇيۇپ بەر ، ئۇ يەردە ىوشال كۈلىۋاتقان ئاخىرقى ئادەمنى كۈرۈۋىلىپ ئۈلۈپ كىتەي .