ئىلاۋە: يېقىندا شەبنەم مۇنبىرىدە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى توغرىلىق خېلى كۆپ مۇنازىرە بولدى. ئىنكاسلارنى ئوقۇپ باقسام خېلى كۆپ ساندىكى تورداشلار ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا ھەققىدە ئانچە بىلىپ كەتمەستىنلا كاللىسىغا كەلگىنىنى سۆزلەۋېرىپتۇ، بەزىلىرى ھەتتا ھاقارەتلىك تىللار بىلەن شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى كەمسىندۇرۇپتۇ. بۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم غەش بولدى، بىراق ئاچچىقلاپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. مەن شىنجاڭ سىنىپىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، ئۆز كەچۈرمىشلىرىم ۋە كۆرگەن بىلگەنلىرىمنى رەتلەپ بۇ يازمىنى تەييارلىدىم، تورداشلارنىڭ تەپسىلى كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىلەرنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى چۈشۈنۈپ قېلىشىڭلارغا ياردىمى تىگىپ قالار.ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇتۇشى بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
«غەربىي رايونلارنى ئېچىش› سىياسىتىنى چوڭقۇر ئەمىلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق راۋاجلىنىشى، ئورتاق ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، پارتىيە مەركىزى كومتېتى ۋە گوۋۇيۇەن 2000-يىلىدىن باشلاپ ئىچكىرىدىكى بىرقانچە تەرەققىي تاپقان شەھەرلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەسس قىلىشنى قارار قىلدى. شۇ يىلى 9-ئايدا بېيجىڭ، شاڭخەي، تىيەنجىن قاتارلىق 12 شەھەر 1000نەپەر شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلدى.
ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسس قىلىنغاندىن بېرى تۆت قېتىم بىر قەدەر چوڭ كۆلەملىك كېڭەيتىش ئېلىپ بېرىلدى. بىرىنجى قېتىملىق كېڭەيتىپ قوبۇل قىلىش 2002-يىلى ئېلىپ بېرىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى 1000 نەپەردىن 1540 نەپەرگە يەتكۈزۈلدى، مەكتەپ سانى 13تىن 15كە يەتكۈزۈلدى. 2005-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ قېتىم كېڭەيتىش ئېلىپ بېرىلىپ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3075 نەپەر،3990 نەپەر، 5000 نەپەر بولدى، سىنىپ تەسس قىلغان شەھەرلەرنىڭ سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 25كە، 26گە، 28گە يەتكۈزۈلۈپ، مەكتەپلەرنىڭ سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 35كە، 45كە، 50كە يەتكۈزۈلدى. ھازىرغا قەدەر ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى 8 قارار 18685 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئوقۇغۇچىلار 12ئۆلكە ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرگە تارقالدى. 2004-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، 5000 نەپەرگە يېقىن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈدى، بۇلاردىن %90دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىردى، %85دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى.
يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار 2008-يىلىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. ھازىر شىنجاڭدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىش كەيپىياتى ناھايىتى يۇقىرى. زادى نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا شۇنچىۋالا قىزىقىدۇ؟ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن(بىز) ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇتۇشىنىڭ پايدا-زېيىنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ زادى نېمىگە ئېرىشكەنلىكىمىز توغرىسىدا ياخشىراق ئويلاپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ دەپ قارايمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قاراشلىرىمنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلايمەن.
1.دۆلەت بويىچە ئەڭ ئىلغار بولغان مائارىپ شارائىتى ۋە ‹ئىمتىھان مائارىپى›
دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي مائارىپىنىڭ ئومۇمى سۈپىتى شىنجاڭدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن. مەيلى مائارىپ ئۇل مۇئەسسەلىرى ياكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش قوشۇنى جەھەتتىن ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپى ئىچكىرى دېڭىز بويى رايونلارنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن. بىز ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا بارغاندىن كېيىن دۆلەت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مائارىپ شارائىتلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇق. دەرسلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، ئوقۇتۇش باشقۇرۇش دېگەنلەر دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن؛ مەكتەپلىرىمىزنىڭ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت ۋە ھەرقايسى پەن تەجرىبە ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، ناھايىتى مۇۋاپىق ئىشلىتىلىدۇ؛ ھەر ھەپتىسى بەلگىلىك مىقتاردا پائالىيەت ۋە ھەرخىل كۇرژۇكلار قاتارلىق ساپا دەرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ ھەر مەۋسۈمدە مۇۋاپىق بولغان چوڭ-كىچىك پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، مەسىلەن: مەكتەپ يېنىك ئاتلېتكا يىغىنى، مەكتەپ مەدەنىيەت بايرىمى، ھەرقايسى بايراملىق پائالىيەتلەر، چوڭ-كىچىك لېكسىيەلەر، ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرى، قۇرامىغا يەتكەنلەر مۇراسىمى دېگەندەك. بۇلار مەكتەپنىڭ مەۋسۈملۈك خىزمەت پىلانىغا يېزىپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ھەممىسى ئەمەلىي ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىراق بىزنىڭ ھەتتا بىر سائەتمۇ سىياسىي ئۆگىنىش دەرسىمىز يوق، بەزىلەر گۇمان قىلغاندەك ھېچكىم بىزنى سىياسىي جەھەتتىن تەربىيلىمەيدۇ. يۇقىرىدىكى جەھەتلەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇتۇشى شىنجاڭدىكىدىن مۇۋاپىق، ئىلمىي، ئەمەلىي.
مەن ئىچكىرىدە تۆت يىل تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇ يەرلەردىكى ئاساسىي مائارىپ ‹ئىمتىھان مائارىپى›نىڭ قاتتىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. شۇڭا بىزمۇ تەبئىي ھالدا ‹ئىمتىھان مائارىپى›نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدۇق. بىزنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئۆتكۈزگەن ھەربىر كۈنىمىز ئاشۇ تۈگىمەس-پۈتمەس تاپشۇرۇق، مەشىق قەغىزى، ئىمتىھان،...لار بىلەن ئۆتىدۇ، مەن بۇنى ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئېزىش دەپ قارايمەن. مەكتەپلىرىمىز يېرىم ھەربىي تۈزۈمدە باشقۇرۇلىدۇ، كۈندىلىك پائالىيەتلىرىمىز مەكتەپتىن ئىبارەت ئاشۇ كىچىككىنە دائىرىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ، بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭ سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ شۇنداق. بىز ھەركۈنى دەرس ئوقۇش، تاپشۇرۇق ئىشلەش، كىتاپ كۆرۈشلەر بىلەن ئالدىراش. ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق يۇقىرى بولغان ئۆگىنىش بېسىمى ئىچىدە بولغاچ، تاشقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىمىز ئىنتايىن ئاز، ئخىتىيارىي تەپەككۈر قىلىش ۋە كۆزىتىش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز، شۇ سەۋەبلىك بىزنىڭ كاللىمىز ئازراق مىخانىكىلىشىپ قالدى. دېمەكچىمەنكى بىزنىڭ كاللىمىزىدىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچى بىخ ھالىتىدىلا ۋەيران بولدى. كاللىمىزدا ئىلگىرىكى نۇرغۇنلىغان ئوي-خىيال، ئارزۇ-ئارمانلار بولغان، تولۇق ئوتتۇرىدا تۆت يىل ئوقۇغاندىن كېيىن بىز بۇرۇن نېمىلەرنى ئارمان قىلغانلىقىمىزنى ئەسلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق، ئېس-يادىمىزدا پەقەت ‹قانداق قىلىپ ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجە ئالالايمەن؟› دېگەن ئويلا قېپ قالدى. چۈنكى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتكەن تۆت يىللىق تولۇق ئوتتۇرا ئۆگىنىش ھاياتى بىزنىڭ بالىلىق دەۋرىمىزدىكى خىيال ۋە قىزىقىشلىرىمىزنى پاك-پاكىزە ئېقىتىپ كەتكەنىدى! بىراق يۇقىرىقىلار جۇڭگۇ يېقىنقى زامان مائارىپىنىڭ ئورتاق كېسىلى، شىنجاڭدىمۇ بۇنىڭدىن ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن.
بۇنىڭدىن سىرىت، ‹ئىمتىھان مائارىپى› ئېلىپ كەلگەن ئۆگىنىش بېسىمى بىزنىڭ پىسخولوگىيىلىك نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگىمۇ بەلگىلىك توسالغۇلارنى ئېلىپ كەلدى. مەن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇغان بارلىق ئوقۇغۇچىلاردا بەلگىلىك پىسخولوگىيىلىك مەسىلە بار دەپ ئېيتالايمەن. بەلكىم نۇرغۇن ساۋاقداشلار مېنىڭ بۇ قارىشىمغا قارشى چىقىشى مۈمكىن. پەقەت بىز بىلەن بىرگە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى ئۆگىنىش بېسىمى يۇقىرى سەۋەبلىك ئېغىر پىسخولوگىيىلىك توسالغۇ كېلىپ چىققان ھەتتا ئۆيىگە قايتۇرۇلغان ساۋاقداشلارنى ئويلاپ باقسىڭىزلا نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق دېگەنلىكمنى بىلىۋالالايسىز. مېنىڭچە بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار، مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنىڭ كەم بولۇشى تۈپەيلى، مەن بۇلارنى بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بولالمايمەن. بىراق ئۆگىنىش بېسىمى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىمىز ھەر بىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پەخىرلىنەرلىك ئىش، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشقان، ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى توغرىلىق نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇلىرىمىز بار، ئۈمىدىمىز زور. لېكىن ئۆگىنىشىمىزنىڭ ئىچكىرىلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۆگىنىش نەتىجىمىز بارغانسىرى ئىككى قۇتۇپلىشىپ باردى. بەزىلىرىمىز ھەتتا ئۆگىنىش نەتىجىمىز كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق سەۋەبلىك، پىسخولوگىيىمىزمۇ ئۆزگىرىپ باردى، ئاستا-ئاستا ئاسان ئاچچىقلاش، ئۆز-ئۆزىنى كەمسىتىش، ئۆزىنى كونترول قىلالماسلىق قاتارلىق تالاي پىسخولوگىيىلىك ئالامەتلەر كۆرۈلدى، ئېغىر بولغان ئەھۋاللاردا ئىشتىھاسىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. ئۇندىن باشقا، بىز ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدا باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈشكە ئىنتىلىش خارەكتىرى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى، شۇنىڭدەكلا ئاسانلا ئۆز-ئۆزىنى كەمسىندۇرۇش پسخكىسىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك. ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندىن كېيىن سىنىپتا رەت-تەرتىپ تۇرغۇزىلىدۇ، ئومۇمى نەتىجىمىز يەرلىك خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇرتىمىز ۋە ئاتا-ئانىمىزدىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقان بولغاچ، ئىشلارغا نىسبەتەن سەزگۈرلىكىمىز ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى، ئاسانلا كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالىمىز. كۆپىنچە ھاللاردا سۆزلىگۈچىنىڭ ئۇنداق نىيىتى بولمىسىمۇ خاتا چۈشىنىپ قالىمىز. ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش جەھەتتە دىققىتى ئاسانلا چېچىلىپ كېتىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش پۇرسىتى
ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ يەنە بىر ياخشى تەرىپى بولسا بىزنى دۆلەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ راستىنلا بىز ئۈچۈن بىر چوڭ پايدىلىق تەرەپ، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. بىراق بۇ يەردە بىر مەسىلە مەۋجۇت. ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، ئالىي مەكتەپلەر ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشتا ئىچكىي پىلان بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، پىلاندا 200گە يېقىن ئالىي مەكتەپ ۋە ھەربىر مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى بار. (بۇ سانلار شۇ مەكتەپنىڭ شىنجاڭدىن بىۋاستە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىغا ئازراقمۇ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.) بۇ پىلان بويىچە بولغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان كەسىپ ۋە مەكتەپلەرگە كىرىش ئېھتىماللىقى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، لېكىن باشقا مەكتەپ ياكى باشقا كەسىپكە ئالمىشىپ ئوقۇشقا بولىدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن %90دىن يۇقىرى ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. مەسىلە شۇكى، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا قىزىقىشى، تاللىشى ۋە ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ئەگەر بىراۋ ئۆزى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىگەن بىر مەكتەپ ياكى كەسىپتە ئوقۇپ قالسا ئۇنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى بىلىش قىيىن بولمىسا كېرەك. بۇ بىر ھېساپتا كەلگۈسىدىكى بىر ئىختىساس ئىگىسىنى ۋەيران قىلىش بولۇپ قالىدۇ. بىراق بەزىلەر يەنىلا بىرقەدەر ئەقىللىق بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەن ئۆز-ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈپ قويماستىن، يەنىلا ناھايىتى تىرىشچانلىق بىلەن ئۆز كەسپىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، ياكى ئۆزى ياقتۇرىدىغان كەسىپكە ئالمىشىپ ئوقۇۋاتىدۇ، يەنە بەزىلىرى بىراقلا چەتئەل تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ چەتئەلدە ئوقۇشقا ئاساس ھازىرلاۋاتىدۇ. شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇمىسا ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغىلى بولمامدۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەس. ھازىر تولۇق ئوتتۇرىنى شىنجاڭدا ئوقۇغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ھەتتا بىزنىڭكىدىنمۇ ياخشىراق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتىدۇ. لېكىن تولۇق ئوتتۇرىنى شىنجاڭدا ئوقۇغان كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلار پەن ۋە تىل ئاساسىي ياخشى بولماسلىق تۈپەيلى ئۆگىنىشتە كۆپ قىينىلىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلاردا ئاسانلا بوشاڭلىق كەيپىياتى شەكىللىنىپ ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىۋاتىدۇ.
3.تىل ئۆگىنىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە مىللىي ئاڭدىكى ئۆزگىرىش
باشقا بىر يۆنىلىشتىن قارىغاندا، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇتۇشىنى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى بىلەن ئىچكىرىدىكى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتۇر. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز دېگەندە، بىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئوقۇشىمىزدىكى يەنە بىر ئاساسلىق مەقسەت خەنزۇتىلىنى ياخشى ئىگىلەشتۇر. تىل مەدەنىيەت يۈكلىمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىياتىنىڭ تارىخى گۇۋاھچىسى. ئۇ بىر مىللەتنىڭ تارىخى مەدەنىيىتى، قىممەت قارىشى، ئىجتىمائىي دىنىي ئېتقادى، مىللىي غورۇرى قاتارلىق چوڭقۇر قاتلامدىكى نەرسىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ. ئادەم ئىككىنجى بىر تىلنى ئۆگىنىش جەريانىدا، جەزمەن ئاشۇ تىل ئۆزىگە يۈكلىگەن مەدەنىيەت بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆزگە مەدەنىيەتنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىمىزنى ئىنتايىن ياخشى بىلىمىز. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەنمىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، خەنزۇ مەدەنىيىتى ئارىسىدىكى ئۆز مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئامىللارنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى ‹ئارقىدا قالغان، قالاق، مودىدىن قالدى› دېسەك، ئۇنى تاشلىۋەتسەك بولمايدۇ. مۇھىتقا ماسلىشالىغانلارنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى، نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مىللىي مەدەنىيىتىمىز نېمە ئۈچۈن بىز بىر قانچە دەۋر كىشىلىرىگە كەلگەندە ئارقىدا قېلىپ قالىدۇ؟ سەۋەبى بىز ئۇنىڭغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمىدۇق، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرمىدۇق، ئۇنى مۈكەممەللەشتۈرمىدۇق، ئۇنى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرمىدۇق. مىللىي مەدەنىيەت توغرىلىق نۇرغۇن گۈزەل سۆزلەرنى ئېيتىقان بولساقمۇ پەقەت ئېغىزدا توختاپ قالدى. ئىچكىرىگە ئوقۇشقا كەلگەنلەر ئارىسىدىمۇ خېلى كۆپ سانلىقلار خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىش زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىپ، لۇشۈننىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلغاندەك «پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىش›› پوزېتسىيىسىدە بولدى. بىراق بۇلار يەنىلا نىسبەتەن ناھايىتى ئاز ساندا. مەن يېقىندا مەكتەپ تورى (xiaonei.com) دا بۇ ھەقتە بىر بىلەت تاشلاش ئېلىپ بارغان ئىدىم، كىشىنى خۇشھاللاندۇرىدىغىنى يېرىمدىن كۆپرەك ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارئۆزىنى مىللىي ئېڭى كۈچەيگەن دەپ قارايدىكەن.
بەزىلەر بىزنى شىنجاڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن مىللىي مەدەنىيەت مۇھىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان مۇھىتتا ياشايدۇ، بۇ ئەھۋالدا ناھايىتى ئوڭايلا مىللىي كىملىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ دەپ گۇمان قىلشماقتا. بۇ گەپ قارىماققا راستتەكلا بىلىنسىمۇ ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. بىز شىنجاڭدىكى چاغدا ئەتراپىمىزدىكىلىرى ئاساسەن ئوخشاش مىللەت كىشىلىرى، ۋە ئورتاق مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرى، بىز ئاساسەن مىللىي پەرقنى ھېس قىلمايمىز، مىللەت دېگەن بۇ ئۇقۇممۇ كاللىمىزدا ئانچە روشەن ئەكىس ئەتمەيدۇ. بىراق بىز ئىچكىرىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئادەتلىرىمىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى خەنزۇلارنىڭكى بىلەن بولغان زور پەررقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز، ھەمدە شۇ ھامانلا ئۆزىمىزنىڭ خەنزۇلاردىن كۆپ پەرقلىق بولغان بىر مەدەنىيەت توپى ــــ مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ھەقىقىي يوسۇندا تونۇپ يېتىمىز. يەنى بىز «مىللەت تۇيغۇسى››نى ھەقىقىي ھېس قىلىمىز. نۇرغۇن مىللىي مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى دەل ئاشۇ چاغدا بىلىپ يېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن گېزى كەلگەن چاغدا ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ئۇلارغا بىر تونۇتۇپ قويۇشقا ئالدىرايمىز. مەكتەپنىڭ «مەدەنىيەت بايرىمى›› قاتارلىق پائالىيەتلىرىدە ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى تەشۋىق قىلىمىز. مەدەنىيىتىمىز باشقىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ۋاقىتتا ئۆز مەدەنىيىتىمىزدىن سۆيۈنۈپ كېتىمىز. باشقىلار مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا بىزنىڭ ئۆرپ-ئادەت، كىيىنىش، يۈرۈش تۇرۇشلىرىمىزنى كەمسۇندۇرسا بىز ھەرگىزمۇ بوزەك بولۇپ قاراپ تۇرمايمىز، ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئېغىزىنى ئاچالماس قىلىۋىتىمىز. مانا بۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىكى كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىمىزگە بولغان ھەقىقىي سادىقلىقى ۋە چىن مۇھەببىتى. بىز يەنە باشقىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆز ۋە ياشاش ئادەتلىرىنى ئۆزىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىمىزدىكى نۇرغۇن ئىللەتلەرنى تۈزەتتۇق، ساپايىمىزنى يۇقىرى كۆتۈردۇق. بەزىلەر بىزنى «ئۆزگىرىپ كەتتى، ئەسلىنى ئۇنۇتتى دېيىشتى››، ھەتتا «57-مىللەت›› دېگۈچىلەرمۇ بولدى. بىراق بىز ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاپ يۇقىرى ساپالىق بولۇپ كەتكىنىنى كۆرمىدۇق، ئۇلارنىڭ يەنىلا شۇ پىتنە-پاسات، كەيپى-ساپا، ئويۇن-تاماشا... لار ئارىسىدىن نېرى بولمىغىنىنى كۆردۇق.
4.ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەسس قىلىش مەقسىدى ۋە نەتىجىسى
ئەينى چاغدا بىز ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا شۇنچە قىزىقىشىمىزدىكى سەۋەپ، بىز بۇ سىنىپلارنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنى كۆزدە تۇتقان. ئۇنداقتا ئاپتونۇم رايون ئىچكىرى دېڭىز بويى شەھەرلىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسس قىلىشتىكى مەقسەت نېمە؟ مائارىپ مېنىستىرلىكى 2002-يىلى 9-ئايدا تارقاتقان «ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخا) ››نىڭ بىرىنجى تارمىقىدا مۇنداق يېزىلغان: ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنى ۋە مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمىلىلىيلەشتۈرۈپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ،باشتىن-ئاخىر مائارىپ خىزمىتىنىڭ «ئۈچكە يۈزلەندۈرۈش›› ۋە «تۆتنى بىرلەشتۈرۈش›› تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈچۈن كومپارتىيە رەھبەرلىكىنى قوللايدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا چىڭ تۇرىدىغان، غايىلىك، ئەخلاقلىق، ئىنتىزامچان، ئەقلىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتىن تەڭ تەرەققىي قىلغان، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، سوتسىيالىستىك زامانىۋېلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى تىكلىگەن ئۆلچەملىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيلەپ چىقىدۇ. بۇ سۆزلەر بىزنىڭ دىققەت ئېتبارىمىزنى ئانچە قوزغىمايدۇ. بىز ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە تىزىملاتقان چاغدا، ئاتا-ئانىلىرىمىز «شىنجاڭ سىنىپلىرىنى ھۆكۈمەت قۇردى، ئەگەر بالىلىرىمىزنى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇشقا ئەۋەتسەك، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت چوقۇم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ھۆكۈمەت شۇنچە كۆپ پۇل چىقىم قىلىغان بولغاندىن كېيىن، بالىلارنى چوقۇم بەدەل تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ (يەنى ئىش تېپىپ بېرىدۇ) ›› دەپ ئويلىغان ئىدى. ئۇ چاغدا بىز كىچىك بولغاچقا ئىچكىرىدە ئوقۇشنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى بىلىپ كەتمەيتتۇق، پەقەت بالىلارچە قىزىقىشلا بار ئىدى. ئەينى چاغدا ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ بۇنداق ئويلىغانلىقى ئىنتايىن نورمال بىر ئىش، ھەممىمىز بىلىمىز «بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقماس.›› ئۇلار ئىزچىل مۇشۇنداق ئويلاپ كەلدى، بۇنىڭمۇ ھېچنەرى خاتا ئەمەس، چۈنكى ئوقۇشتىن مەخسەت ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىش، ياشاش كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئېھتىياجى.
2008-يىلى 6-ئايدا بىرىنجى قارارلىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار (ئاز بىر قىسىم ئوقۇش مۇددىتى 5 يىل بولغان ياكى ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغانلاردىن باشقا) ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ جەمئىيەتكە يۈزلەندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پىداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغانلارنى ئاپتونۇم رايون ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندىن سىرت، كۆپ ساندىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئۆزلىرى خىزمەت تېپىشقا بۇيرۇلدى. ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. ھېچ بولمىغاندا ئالىي مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇغان خەنزۇ ساۋاقداشلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار ئېرىشكەن تەمىنات ناھايىتى ناچار بولدى. ئىچكىرىدە ئىختىساس ئىگىلىرى ئېشىپ-تېشىپ تۇرسىمۇ ئۇلارنىڭ زور كۆپ سانلىقلىرى ياخشى خىزمەتكە ئېرىشەلەيدۇ-يۇ، بىز ئىختىساس ئىگىلىرى ئېھتىياجنى قامدىيالمايۋاتقان شىنجاڭدا تۇرۇپمۇ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشەلمەيمىز. بۇ ئەلۋەتتە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي شارائىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بىراق ھەر يىلى بىر ئىككى مىڭ ئادەمنى ئەڭ ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەن شۇنچە چوڭ شىنجاڭ ئۈچۈن قۇمغا سۇ سەپكەندەكلا ئىش. بۇ ھۆكۈمەت چوقۇم بىزگە ئىش تېپىپ بەرمىسە بولمايدۇ دېگەن گەپ ئەمەس، لېكىن ھۆكۈمەت قايسى ئورۇنلارنىڭ بىزدەكلەرگە ئېھتىياجلىق، قانداق ئورۇنلاردا بىز ئۆزىمىزنىڭ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، ئۆز قىممىتىمىزنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزنى بىلىشى كېرەك ئىدى. بەلكىم مەسىلە ئۆزىمىزدىدۇر، بەلكىم ئۆزىمىز كەسپىي ۋە ئۇنۋېرسال ساپايىمىزنى ياخشىراق يۇقىرى كۆتۈرمەي، شىنجاڭ كۈتكەن ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولالمىغاندىمىز، يا بەلكى ھۆكۈمەت بىزنى تەربىيلەش جەريانىدا بىزنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۈتكىنىدەك ئادەم بولماي قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ قالدىمۇ، ئىشقىلىپ بۇ يەردە بىر مەسىلە مەۋجۇت. لېكىن مەن ئىشىنىمەنكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇغانلار ئۆز زىممىمىزدىكى يۈكنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلىمىز، بىزدە يۇرت ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، بىز ھەتتا شىنجاڭ پۇل چىقىرىپ تەربىيلىمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىمىزغا جاۋاپ قايتۇرۇش، شىنجاڭ خەلقىگە، مىللىتىمىزگە تۆھپە قوشۇش بۇرچىمىزنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز، بىزمۇ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەندىشە قىلىمىز، ئۆز يۇرتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقت تەييار تۇرىمىز ، چۈنكى ئۇ بىزلەرگە مۇھتاج!
[ بۇ يازما mestane تەرپىدىن2009-03-12 16:53دە قايتا ]