ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1504 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: (رىيات)<سۈرەت>دىن كەلگەن شېئري ئىلھاملار(1) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

REYAT51
   2008.6.28رىــيــات
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 30111
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1812
شۆھرەت: 2095 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 324 نۇمۇر
ياخشى باھا: 414 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-10

 (رىيات)<سۈرەت>دىن كەلگەن شېئري ئىلھاملار(1)




دىڭىز بويى


دىڭىز بويى مەيىن شامال،
سالار دىلغا شىرىن خىيال.
مەپتۇن قىلىپ ئايدەك جامال،
ئىلكىدە ئۇ بوپتۇ قامال.

دىڭىز بويى مەيىن شامال،
سالار دىلغا شىرىن خىيال.
ئارزۇيى شۇ تاپماق ۋىسال،
ئېدى ئۇنىڭ قىلىپ ئامال.

مانا بۈگۈن بۇ بىر جۈپلەر،
يىتىپ ھىجران ۋىسالىغا،
سۈرمەك بولۇپ شىرىن لەززەت،
كەپتۇ دىڭىز ساھىلىغا.

ئاھ! نېمانچە سۈپ-سۈزۈكتۇر؟
كۆك ئاسماندەك دىڭىز سۈيى.
دولقۇنلىغان شاۋقۇۈلىرى،
ئەينى مۇڭلۇق سۆيگۈ كۈيى.

ساھىلىدا دىڭىزنىڭمۇ،
بار ئېكەنغۇ بىر ھوزۇرى.
مانا شۇنداق لەززەت سۈرسە،
شاد ئۆتمەمدۇ؟ئاشىق كۈنى.



كەل نېگارىم


كەل نېگارىم كەلگىنە، گۈل بىغىمغا كەلگىنە،
خۇش تەبەسسۇم چېھرىڭدە،جىلۋە ئەيلەپ كەلگىنە!
ساڭا شەيدا بولغاچمەن،كۈتتۈم سىنى بەك ئۇزاق،
ئەنە ئاشۇ راۋاقتا، بۇنى سەن بىر بىلگىنە!

كەل نېگارىم كەلگىنە، گۈل بىغىمغا كەلگىنە،
تۇتاي ساڭا دەستىگۈل،قۇبۇل قىلىپ ئالغىنە!
ساڭا كۆيگەن يۈرەكنىڭ-تەشنالىقى بىر قانسۇن،
باغرىڭ ئىچىپ مېنى-سەن مەھكەم باغاچ ئەتكىنە!

كەل نېگارىم كەلگىنە، گۈل بىغىمغا كەلگىنە،
ئاتەش كەبى مېھرىڭنى،ماڭا ئاتاپ كەلگىنە!
پىستە بادام چاقايمەن،لەۋلىرىڭدە نېگارىم،
ئىچىپ ۋىسال شارابى،قىنىپ يايراپ كۈلگىنە!

 كەل نېگارىم كەلگىنە،گۈل بىغىمغا كەلگىنە،
بىرگە بولۇپ مەن بىلەن، شىرىن لەززەت سۈرگىنە!
ۋاپادارىڭ مەن بولاي،ھۆسىنى ئايدەك نېگارىم،
جان تەسەددۇق سەن ئۈچۈن،بۇنى ئوبدان بىلگىنە!

كەل نېگارىم كەلگىنە،گۈل بىغىمغا كەلگىنە،
گۈل بىغىمدا ھەر يانغا، نەزەر تاشلاپ كۆرگىنە!
ئەنە شۇنداق بېزىدىم، سەن ئۈچۈنلا بۇ باغنى،
گۈلزار ئارا شادخورام، سەيلە قىلىپ يۈرگىنە!

كەل نېگارىم كەلگىنە،گۈل بىغىمغا كەلگىنە،
يۈرىگىڭدىن مەن ئۈچۈن، بىر گۈل تاللاپ ئۈزگىنە!
يىتەي مەنمۇ ئارمانغا،پاك سۆيگۈڭدىن شادلىنىپ،
مەن بىلەنلا گۈزەلىم، مەڭگۈ بىرگە ئۆتكىنە!
    
بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى نېمە دېگەن گۈزەل-ھە؟

 كۆل بويىدا


تېمتاس كۆلنىڭ بويىدا، زەب چىرايلىق بىر راۋاق،
سۇ يۈزىدە شولىسى، ئەتراپلىرى چېمەنزار.
شۇ راۋاقتا ئولتۇرۇپ زەبمۇ كۈتتۈم  بەك ئۇزاق،
قاچان كېلەر سىنى دەپ، قەلبىمدىكى گۈزەل يار.

تۈن-كىچىلەر ئىلكىدە، كۆلگە قاراپ مۇڭلۇنۇپ،
شىرىن خىيال سۈرىمەن، سەن گۈزەلنىڭ ئىشقىدا.
ئاققۇلارمۇ  يۈرىدۇ، ئەنە كۆلدە جۇپ بولۇپ،
قۇشمۇ شۇنداق كۆيەركەن، مۇھاببەتنىڭ ئوتىدا.

قىنى كەلگىن نىگارىم، بولسا گەر ماڭا رايىڭ،
كەلمەي قالساڭ ناۋادا، ھالىم مېنىڭ بەك خاراب.
تۇرسا ئەنە ئاي گۈزەل، جەننەت كەبى بۇ جايىڭ،
يەنە نىچۈن كەلمەيسەن؟ بەرگىن ماڭا تىز جاۋاب.


ئايدىڭ كىچە


ئاي تولغان بۇ ئايدىڭ كىچە،
خىيال قۇشۇم كۆكتە پەرۋاز-                
ئەيلەپ يۈرەر سەن كەلگىچە،
سىنى كۈتۈپ كونا جايدا.

دىلبىرىم سەن بىلەرسەنمۇ؟
سېنى شۇنچە كۈتكىنىمنى.
ئەكسە كەلمەي قالارسەنمۇ؟
بەربات قىلىپ ئۈمۈدىمنى.

ساڭا ئاتاپ گۈلزار ئارا،
تاللاپ ئۈزدىم بىر غۇنچىنى.
گەر كەلمىسەڭ قەلبىم يارا،
قانداق تۈنەي بۇ كىچىنى.

سىنىڭ تامان قاناتلىنىپ،
كەتتى قەلىب قۇشلىرىممۇ.
كەلدىڭ ئەنە جىلۋېلىنىپ،
مېنىڭ كۈتكەن دىلبىرىممۇ.

ئايدىڭ كىچە-ئاپئاق كىچە،
ۋېسال قۇچقان شىرىن كىچە.
قانمايدىكەن يۈرەكلەر ھېچ،
مۇڭداشساقمۇ تاڭ ئاتقىچە.


شىرىن خىيال



گۈلگە قاراپ ئولتۇرۇپ شىرىن خىيال سۈرىمەن،
خىيالىمدا ھەر كۈنى سىنىڭ بىلەن يۈرىمەن.
چىڭ باقاشلاپ مەن سىنى، لەۋلىرىڭدىن سۆيۈمەن،
قېنىپ سۆيگۈ ۋېسالغا، شادلىقىمدىن كۈلىمەن.

شىرىن خىيال ئىلكىدىن-كەتسەم ئەگەر ئويغۇنۇپ،
شۇ ھامانلا قايتىدىن كۆزلىرىمنى يۇمىمەن.
يەنە كۆرسەم سىنى دەپ قايتا خىيال سۈرىمەن،
ئەمما سىنى كۆرەلمەي ئوت ئېچىدە كۈيىمەن.

ئىيتقىنا ھەي!دىلبىرىم،مېنى بۇنچە قىينىماي،
رىئاللىقتا مەن سىنى زادى قاچان كۆرىمەن؟
قانداق چىداي ئىشقىڭدا،سىنى پەقەت ئويلىماي،
تۇرساڭ شۇنداق جاھاندا،تەڭدىشى يوق نازىنىن.

كىلەرسەنمۇ؟دىلبىرىم،مەن تەرەپكە يول ئىلىپ،
زىمىستاننى ئۇزۇتۇپ،باھار كېتىپ كەلسە ياز.
ئەنە شۇ چاغ باغلاردا،كەتسە گۈللەر ئىچىلىپ،
يوللىرىڭغا راسلايتىم،گۈل بەرگىدىن-پايانداز.


ھەي! قىز...

سۆل كۆزۈڭدىن نۇرلار چاقنىتىپ،
ئوت ياقامتىڭ ؟تىپ-تېچ يۈرەككە.
ئوڭ كۆزۈڭنى سېھىرلىك قىسىپ،
كەلتۈرەمتىڭ مېنى ئىندەككە؟

يەتمەك بولساڭ مېنىڭ ۋەسلىمگە،
بول ئەدەپلىك قىزلار ئەھلىدىن.
بولغىن ئەبەت شەرمىي-ھايالىق،
چىنىپ كەتمەي ئۇيغۇر نەسلىدىن.

شۇنداق قىلساڭ سىنىڭ قىشىڭغا،
 بارار ئىدىم گۈلدەستە تىزىپ.
باغرىم ئاچسام سىنى باقاشلاپ،
كىتەر ئىدى يۈرەكلەر قىنىپ.

چۈشەندىڭمۇ؟ ھەي گۈزەل قىزچاق!
ساڭا قىلغان يۈرەك سۆزىمنى.
ئەمەل قىلىپ ئەخلاققا ھەر چاغ،
خار قىلمىغىن گۈلدەك چىغىڭنى.


سۆيگۈ نېداسى


ئەسلىتەركەن چولپاننى،
سېنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىڭ.
دىلنى مەس-خۇش قىلاركەن،
ناز-كەرەشمە سۆزلىرىڭ.

قانداق چېدار يۈرۈگۈم،
سەن كەلمىسەڭ دىلبىرىم.
سېنى سۆيۈپ قانمىسام،
ھاياتىمدا بىر قىتىم.

كەلگىنە ئاي يۈزلىگىم،
مېنى بۇنچە قىينىماي.
سېنى ئەسلەپ تۈنلىرىم ،
ئۆتتى پەقەت ئۇخلىماي.

يازدىم ئۈزمەي نەچچە رەت،
سۆيگۈ ئىزھار خىتىمنى.
چۈشەنمىدىڭ سەن پەقەت،
ساڭا ئاشىق قەلبىمنى.

بارمۇ ياكى نېگارىم،
مەندىن بۆلەك كۆيگىنىڭ؟
سېنى قىلىپ مەھلىيا،
چېن دىلىڭدىن سۆيگۈنىڭ.


ئېيتقىنا ھەي دىلبىرىم،
نىچۈن جاۋاب بەرمەيسەن؟
باردۇر مېنىڭ سۆيگۈنىم،
ئاۋار بولما دېمەيسەن؟


ئايدەك جامالىڭ

ئاناڭ سىنى تەۋەللۇت قىلغانمىدى دالىدا،
قىش زىمىستان سوغۇقتا، ئاپپاق قارنىڭ ئۈستىگە.
ئولتۇرۇپسەن گۈزەل قىز، گۈل بەرگىلەر ئارىدا،
ھۆسۈن قوشۇپ جامالىڭ قارلىق دالا ھۆسنىگە.

قار لەيلىسى خىجىل بوپ، گۈل سىياقىڭ ئالدىدا،
 قايىل بولغاچ ئۇ سىنى- ئوراپ ئاپتۇ بەرگىگە.
 قارغايلارمۇ قايىل بوپ، سىنىڭ قەيسەر روھىڭغا،
قارلىق چوققا ئۈستىدە- ھەمرا قىپتۇ ئۆزىگە.

ئەشۇ قارلىق چوققىدا- كۆرگىنىمدە مەن سىنى،
ياققان ئىدىڭ يۈرەككە- تۇنجى سۆيگۈ ئوتىنى.
ئۇچراتمىغاچ مەن تىخى بۇ جاھاندا زادىلا،
ساڭا ئوخشاش بىغۇبار ئايدەك گۈزەل پەرىنى.

سىنىڭ ئايدەك جامالىڭ ئۇرۇن ئالغاچ قەلبىمدە،
شۇندىن بىرى پەقەتلا ئۇيقۇ كەلمەس كۆزۈمگە.
يوقدۇر مەندەك جاھاندا- كۆيگەن سىنىڭ ئىشقىڭدا؟
دېسەم ساڭا نەچچە رەت، ئىشەنمىدىڭ سۆزۈمگە.


بولدى قىلغىن دىلبىرىم



ئىچىپ جانان ئالقانلىرىڭنى،
يىغىپ ئالغىن گۈللەر بەرگىنى.
ياساپ ئۇندا سۆيگۈ مەلھىمى،
شىپا تاپقۇز يۈرەك دەردىنى.

ساڭا شەيدا جانان بۇ يۈرەك،
كۆيەر خۇددى ئوتتەك ھەر كۈنى.
بولغاچ مەندە ئارزۇ ھەم تىلەك،
سۆيمەك سىنى ئاخىر بىر كۈنى.

بۇلبۇل سايرار گۈلنىڭ ئىشقىدا،
خەندان ئۇرۇپ سەھەر ھەم تۈنى.
مەن بىمارمەن سىنىڭ ئىشقىڭدا،
بىلسەڭ ئىدىڭ جانان سەن بۇنى.

يەتمىسەڭ گەر مېنىڭ ھالىمغا ،
ئوخشىتارمەن سىنى زالىمغا.
ساڭىلا مەنسۇپ پاك سۆيگۈمنى ،
ئەپ كېتەرمەن ئاخىر باقېغا.

بولدى قىلغىن دىلبىرىم ئەمدى،
سۈكۈت قىلماي جاۋاب بەر ماڭا.
ۋېسال قۇچۇش پەيتىمۇ كەلدى،
نېگار  بولاي ئۆمۆرلۈك  ساڭا.

مــەنــبــە: رىــيــات
2009-يىلى 12-مارت


[ بۇ يازما REYAT51 تەرپىدىن2009-03-12 20:15دە قايتا ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شەبنەم پۇلى:+10(ئىشەنچ)
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    http://i222.photobucket.com/albums/dd28/green_lover_4ever/Islam/islam-_1.gif
    تاھىرغا ئۆزىنىڭ زۆھراسى ياخشى، مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.       
    مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا،ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.
    ھاياتىم گوياكى دولقۇنلۇق دەريا،قىرغاققا قارايمەن مەن ئۆزۈم تەنھا.
    مەنزىلىم ۋەسلىگە يىتەلمەي تۇرۇپ،بۇ كۆڭلۈم خالىماس ئارتۇقچە ھەمرا.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-12 15:36 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    بايۋەتچە
    شەبنەم بايۋەتچىسى
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 31227
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1467
    شۆھرەت: 1468 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 370 سوم
    تۆھپە: 246 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1377(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

    تىمىڭىز ئىنتايىن ياخشى يېزلىپتۇ . سۇرەتلەرنى قايتا تەھرىرلەپ قۇيسىڭىز بىرسىمۇ چىقمىدى  

    كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    قىزلىرى بۇزۇلغان قەۋىم ۋەيران بولماي قالمايدۇ !(بايۋەتچە )


    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 15:39 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    ئىشەنچ
    قىزىم ، دۇنيا سىنىڭ قۇلۇڭدا !
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21746
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2379
    شۆھرەت: 2949 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 114668 سوم
    تۆھپە: 61 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1253(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

    ۋاي رىيات ئاكا يوللىغان سۈرەتلىرىڭىز چىقماپتىغۇ ؟ قايتا بىر تەھرىرلىۋىتەمسىز ياكى ... مىنىڭ كومپىيوتىرىمدا شۇنداق چىقىۋاتامدۇ ؟

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى


    ئەگەر دۇنيادا پاك ھەقىقىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر !!!
    ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻰ ، مەسئولىيىتى ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ بالىلىرى ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯩﺘﯩﻤﺪﯗﺭ ، خالاس .

    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 15:39 |
    ئىسمەت
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 75031
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 158
    شۆھرەت: 158 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1579 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    مىنىڭكىدىمۇ چىقمىدى. .....

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ئىسمەت(ھارامدىن ۋە گۇناھتىن چەكلەنگەن)
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 15:44 |
    سېنىڭ گۈلۈڭ
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 28366
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1705
    شۆھرەت: 1706 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7795 سوم
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 443(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    سىزگە شۇنداق ئىلھام ئېپ كەلگەن قانداق سۈرەتكىن دېسەم  ھىچ كۆرۈنمەيدا..........

      
    مەن ھامان سۈكۈتتە...
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 16:18 |
    0999yurut
    ساغلام تەندە ساپ ئەقىل
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 31008
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2520
    شۆھرەت: 2590 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 960 سوم
    تۆھپە: 225 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 211 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1115(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

    Quote:
    بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىسېنىڭ گۈلۈڭنىڭ2009-03-12 16:18 دە يوللىغان يازمىسى   :
    سىزگە شۇنداق ئىلھام ئېپ كەلگەن قانداق سۈرەتكىن دېسەم  ھىچ كۆرۈنمەيدا..........

    دىبەننى تاشلاپ قويۇپتۇغۇ ، شۇنى ئاپىرىپ يۇغۇزۇپ كورمەمسىز ..

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 16:38 |
    xahzat爱
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 68734
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 350
    شۆھرەت: 350 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3400 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 123(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

    سۈرەت يوققۇ...........بىزنىمۇ  شېئر يېزىۋىتەمدىكىن دەمسىز يە..............     

    يې...........گەپ بامىتى......!
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 16:45 |
    ئىشەنچ
    قىزىم ، دۇنيا سىنىڭ قۇلۇڭدا !
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21746
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2379
    شۆھرەت: 2949 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 114668 سوم
    تۆھپە: 61 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1253(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

    Quote:
    بۇ مەزمون5قەۋەتتىكى0999yurutنىڭ2009-03-11 20:38 دە يوللىغان يازمىسى :

    دىبەننى تاشلاپ قويۇپتۇغۇ ، شۇنى ئاپىرىپ يۇغۇزۇپ كورمەمسىز ..


    تۇغرا دەيسىز ..... رىيات ئاكا ، ئاۋۇ ئادىرسلارنى رەسىم چاپلايدىغان يەرگە چاپلاپ ئاندىن مۇقىملاشتۇرسىڭىز چىقىدۇ سۈرەتلەر . سۈرەت يوللاشنى بىلمەمسىز يا .....

    شىنجاڭ تور مەكتىپى


    ئەگەر دۇنيادا پاك ھەقىقىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر !!!
    ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻰ ، مەسئولىيىتى ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ بالىلىرى ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯩﺘﯩﻤﺪﯗﺭ ، خالاس .

    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 16:50 |
    maylamqi
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15435
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 612
    شۆھرەت: 618 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5920 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 251(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    ئاكاڭنىڭ شېرلىرىنى ياخشى ساخلاپ ياخشى رەتلەپسەن ،، تېخىمۇ تىرىش ئۇكا ئاز كۆچە كۆپ ياز ماقىما ؟

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    http://images13.51.com/120/a/a9/11/janu88/1208331369_61341000.jpg
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 17:10 |
    lopunurdiyari
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 61225
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1035
    شۆھرەت: 1036 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10370 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 395(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

    بولدىغان پاساھەتلىك شېرلاركەن رەخمەت ئەزىز قېرندىشىم.

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 17:32 |
    kok-sultan
    تەۋپىق ئىزچىسى
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26286
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 3148
    شۆھرەت: 3455 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 23580 سوم
    تۆھپە: 477 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 754 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3592(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

     

    ئىلھان دېگەن بار يەردە باردە

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 17:49 |
    Gulgina
    لوپنۇر قىزى
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 1536
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1779
    شۆھرەت: 1811 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 17815 سوم
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 76 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 855(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

    سۈرەتلەر بىلەن يازمىلىرىڭىز تولىمۇ ماسلىشىپتۇ جۇمۇ ، شۇ سۈرەتلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەندەكلا بۇلۇپ قالدىم ، ئاۋۇ     < كەل نېگارىم كەلگىنە، گۈل بىغىمغا كەلگىنە، > دىگەن يازمىڭىزغا مىنىڭ ئىسمىم خىلى چۈشۈپ قالىدىكەن ھە ، مىنىڭ ئىسمىم بىر يەردىن چىقىپ قالارمىكىن دەپ قاراپ كىتىپتىمەن تىخى ھى ھى ھى چاقچاق ھە  

    كۈڭۈل خالىغاننى قىلما
    ۋىژدانىڭ كۈتۈرگەننى قىل
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 18:16 |
    ئىشەنچ
    قىزىم ، دۇنيا سىنىڭ قۇلۇڭدا !
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21746
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2379
    شۆھرەت: 2949 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 114668 سوم
    تۆھپە: 61 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1253(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

    ئاي تەھرىرلەپ قۇيۇپتىدە بۇ تېمىنى . ئەمدى ئۇقۇسا ئۇقۇسا ئۇقۇسى كىلىدىغان تېما بۇپتۇ ، بۇ . كىرگەن كىشىلەرمۇ ھۇزورلانغۇدەك .



    ئەگەر دۇنيادا پاك ھەقىقىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر !!!
    ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻰ ، مەسئولىيىتى ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ بالىلىرى ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯩﺘﯩﻤﺪﯗﺭ ، خالاس .

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 19:28 |
    REYAT51
       2008.6.28رىــيــات
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30111
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1812
    شۆھرەت: 2095 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 70 سوم
    تۆھپە: 324 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 414 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-10

     

    Quote:
    بۇ مەزمون8قەۋەتتىكىmaylamqiنىڭ2009-03-12 17:10 دە يوللىغان يازمىسى   :
    ئاكاڭنىڭ شېرلىرىنى ياخشى ساخلاپ ياخشى رەتلەپسەن ،، تېخىمۇ تىرىش ئۇكا ئاز كۆچە كۆپ ياز ماقىما ؟

    بۇ نېمە دېگىنىڭىز تورداش؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزەمنىڭ ئىجادىيەتلىرى. ئىشەنمىسىڭىز مېنىڭ ئادرىسىمغا كېرىپ بارلىق تېمىلىرىمنى كۆرۈپ چېقىڭ!

    http://i222.photobucket.com/albums/dd28/green_lover_4ever/Islam/islam-_1.gif
    تاھىرغا ئۆزىنىڭ زۆھراسى ياخشى، مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.       
    مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا،ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.
    ھاياتىم گوياكى دولقۇنلۇق دەريا،قىرغاققا قارايمەن مەن ئۆزۈم تەنھا.
    مەنزىلىم ۋەسلىگە يىتەلمەي تۇرۇپ،بۇ كۆڭلۈم خالىماس ئارتۇقچە ھەمرا.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 20:25 |
    سېنىڭ گۈلۈڭ
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 28366
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1705
    شۆھرەت: 1706 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7795 سوم
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 443(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    بىرىنچى سۈرەت كۆڭلۈمنى ئەجەپ يېرىم قىلدا...........

      
    مەن ھامان سۈكۈتتە...
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 21:23 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » شېئىرىيەت گۈلزارى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-17 13:57, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ