بېل گايتىېس 2009 – يىللىق دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىدە قايتا بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى

11– مارت ، «فوربېس»ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى سىتېۋىن فوربېس «فوربېس»ژورنىلىنىڭ نيۇيوركتىكى باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ، 2009 – يىللىق دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى .
پۇل مۇئامىلە كىرزىسنىڭ تەسىرىدە ، 2009 – يىللىق بايلار تىزىملىكىدىكى بايلارنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىلدىكى 1125 دىن 793 غا چۈشۈپ قالغان ، بايلار تىزىملىكىدىكى بايلارنىڭ مال – مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسىمۇ زور دەرىجىدە ئازايغان . بۇ 2003 – يىلدىن بۇيانقى بايلار تىزىملىكىدىكى بايلار سانىنىڭ تۇنجى قېتىم ئازلاپ كېتىشى ئىكەن . بېل گايتېسنىڭ بايلىقىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغاچقا ، 40 مىلياد ئامېرىكا دوللىرىلىق مال – مۈلىكى بىلەن يەنىلا دۇنيادىكى بايلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان .
12 – مارت ، چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ‹‹فوربېس ›› ژورنىلىنىڭ تور نۇسخىسى 2009 – يىللىق دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ لېدىرى بېل گايتېس قايتىدىن دۇنيادىكى بىرىنچى باي قاتارىغا ئۆتكەن .
2009 – يىللىق دۇنيا بايلار تېزىملىكىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان ئۈچ چوڭ باي:

مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ لېدىرى بېل گايتېس ، بايلىقى 40 مىلياد ئامېرىكا دوللار

ۋاررېن بۇففېت ((Warren Buffett) ، بايلىقى 37 مىلياد ئامېرىكا دوللار

مىكسىكا تېلېگراف ماگناتى كارلوس سلىم ئەيلۇ ((Carlos Slim Helú) بايلىقى 35 مىلياد ئامېرىكا دوللار
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى