ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 3076 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ياردەمچىسى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

otuken.cn
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 26678
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 217 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1540 سوم
تۆھپە: 225 نۇمۇر
ياخشى باھا: 122 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 515(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 ئۇيغۇرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ياردەمچىسى

توردىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئىنىڭ ئۇيغۇر دۇنياسىدا ئوموملىشىشىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزدىن تەپەككۈر قۇرۇلمىمىزغا قەدەر زور ماددى ۋە مەنىۋى ئىمكانىيەت ئېلىپ كەلدى.
بىز باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن كۈنسېرى بىزار بولىۋاتقاندا نىمە ئۈچۈن توردىن ئىبارەت بۇ تەشۋىقات قورالىغا بۇنداق يۇقۇرى باھانى بېرىمىز ؟
1-. پۇقرالارنىڭ تور ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىشىنى نازارەت قىلىشى شۇنداقلا ئىجرا باسقۇچىدا ھەمكارلىشىشى .
دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرى قايسىلا تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتمايلى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئىجابى تەرىپىنى ئاساس قىلىپ ئۇنىڭ فۇنكىسيىلىك رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىشىغا ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ.بۇ ئەلۋەتتە توردەك ھەقسىز ئەمەس بەلكى ھۆكۈمەت مەبلىغى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلدۇ. مەيلى تېلىۋىزور،رادىئو ياكى گېزىت-ژورنال بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇلاردا چوقۇمكى مەلۇم پارتىيىۋىلىككە ئىگە بولغان ئورۇن ياكى شەخسنىڭ نازارىتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادى كاپالىتى ئاستىدىلامەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ھۆكۈمەتكە تەۋە بولغان ئاپاراتلاردىن ئىبارەت.
ئەمما توردا بۇ خىل مونوپول خاراكتىرلىك نازارەت يۇقۇرقىلاردەك سېستىما دەرىجىسىگە ئىگە بولمايدۇ.ئۇنىڭ خىزمەت خاراكتىرى نوقۇل بىر تەرەپلىمىلىكنى ئاساس قىلماي ھۆكۈمەت ۋە خەلىققە ئورتاق ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ ئەھمىيەت بېرىش قانداقتۇ مەلۇم ئورگاننىڭ تەستىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلمايدۇ.ھۆكۈمەت خىراجەت سەرپ قىلماي ئەمىر پەرمانلىرىنى يەتكۈزەلىسە پۇقرامۇ قانۇنىي ھوقوقى بىلەن مەلۇم ئورۇننىڭ تەستىقىسىز بىۋاستە جەمىيەت بىلەن ئۇچىرشالايدۇ. دەل مۇشۇ ئارتۇقچىلىق ئۇنى خەلىققە تەۋە بولغان خەلىقچىل ئاپارات خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلغان.
ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر دۆلەتتە يۈرگۈزىلىۋاتقان قانۇن-سىياسەت شۇنداقلا بەزى ئىجرا تارماقلىرىدا خىزمەت داۋامىدا بايقىلىدىغان يېتەرسىزلىكلەر بولىدۇ. خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىش ۋە كېڭىشىش خىزمىتى بەزىدە ئۇزۇن مۇساپىدە ئورۇنلانسا يەنە بەزىدە ۋاقىتچانلىقى بەكمۇ قىسقا ،تېز سۈرئەتتە تەدبىر كۆرۈشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇنداق ئۆزگۈرۈشچان تەشۋىقات مۇھىتىدا پەقەت تور ئۆزىنىڭ ئاممىباپلىقى،قولايلىقلىقى شۇنداقلا ھەقىقى خەلىقچىللىقى بىلەن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. بەزى تەرەپتىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ خەلىقچىللىقى خەلق قۇرۇلتاي ئەزالىرىنىڭ رولى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە . ئارتۇقچىلىقى بولسا ئۇلاردەك ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئىگە ئەمەس. خەلق قۇرۇلتىيى مۇددەت بىلەن ئېچىلىپ تۇرىدۇ.ئەمما تور بولسا ھەركۈن ھەر سائەتتە ئاۋام بىلەن ھۆكۈمەتنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرالايدۇ.  
ئۇ ئاۋام بىلەن ھۆكۈمەتنى ئەڭ بىۋاستە ۋە قىسقا ئارىلىق بىلەن تۇتاشتۇرغىچى . باشقا نەشىر ۋاستىلىرى ياكى ئەرزىيەت ئىشخانىلىرى ئورۇنلاشقا تېگىشلىك بولغان خىزمىتىنى ،بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك قاتلاملارنىڭ كۆپلىكىدىن قاتماللىق بىلەن ئورۇنلاۋاتقان ئەھۋالدا تور ئۆزىنىڭ ئىخچام شۇنداقلا ئەركىن پائالىيەت سورۇنى بىلەن بۇ خىزمەتنى ئەڭ ياخشى ئورۇنلىيالايدۇ.
ئەسلىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى بۇ جانلىق ۋاستىگە ئالاھىدە كۆز بىلەن قاراپ ئۇنىڭ ئىقتىدارىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىش ھۆكۈمەتنىڭ شۇنداقلا ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ئىدى. ئەمما بىزدىكى ئەنئەنىۋى تەپەككۈر قاتماللىقى. ئاسمانغا تۈكۈرۈشتىن ئامال بار ساقلىنىش دەيدىغان فېئوداللىق ئىدىيەنىڭ كاساپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى تارماقلار شۇنداقلا شەخىسلەر تەرىپىدىن بۇ يېڭى شەيئىنىڭ ئالاھىدىلىكى پاسسىپ مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنىلا پارتىيە-ھۆكۈمەت تورنىڭ بىز ئېيتقاندەك مۇھىم ئورنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمەكتە.
مەيلى زوڭلىنىڭ توردا ھۆكۈمەت خىزمىتىنى نازارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىش ياكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ دوكلات بېرىشى بولسۇن ياكى تورداشلارنىڭ تور ۋاستىسى بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرىشى بولسۇن ئۇنىڭ يەنىلا ئىجابى قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرمەكتە.
2-. تور مەۋھۈم نەرسە بولسىمۇ بىراق بىز رىئاللىقتىكى ئادەم .
ئەمەلىيەتتە تورمۇ باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئوخشاشلا بىزنىڭ رىئاللىقىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ئاساس قىلىدىغان رىئالنى نەرسە. ئۇنىڭدىكى مەۋھۇملۇق ئۇقۇمىنى كۈچەيتىۋەتكىنى بولسا دەل تور دۇنياسىنى مەۋھۇم ئىسىم بىلەن زىيارەت قىلىشتۇر. ئەسلىدىكى خوشنا مىللەتلەردە مەۋھۇم ئىسىم بىلەن تورغا كىرىش ئەنئەنىسى بىزدىمۇ مۇشۇ شەكىلدە داۋاملاشقان.ئەمەلىيەتتە توردا مەۋجۇت بولىدىغان دىمكىراتىيە ئەركىنلىكى، بىزنى ئىلگىرى ھېس قىلىپ باقمىغان پىكىر بوشلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ تەمىنلەش تەبىئىلا بىزنىڭ ئىلگىركى ئاشكارا پىكىر قىلىپ كۆنمىگەن روھىيىتىمىزدە ئەنسىرەش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئەنسىرەش تورداشلارنى بالا-قازادىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولغان، مەخپى نام قوللىنىشقا ئۈندەيدۇ.
بۇ خىل ناچار پىسخىكا تورنىڭ رىئاللىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسلىق توسالغۇ.   بىز توردىكى مەۋھۇم ئوبرازىمىزنى ئاشكارىلىققا يۈزلەندۈرۈپ رىئاللىقتىكى مەۋجۇت ئادەم ۋە ئۇقۇمغا ئايلاندۇرساق بىزدىكى خەلىقچىللىق تەشۋىقاتى ئىلمى ۋە رىئالنى قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. ھازىر مەيلى دۆلەت سىرتى ياكى ئىچىدە بولسۇن بەزى زاتلار تور ئارقىلىق ،جەمىيەتكە رىئالنى بولغان پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئالدىن قەدىمىنى باستى. ئۇلار ئېنىق ئوبراز ۋە سالاھىيەت بىلەن تورغا مۇئامىلە قىلماقتا. مانا شۇندىلا تورنىڭ باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرى بىلەن بولغان پەرقى يوقۇلۇپ ئۇنىڭ ھەقىقى قىممىتى تېخىمۇ نامايەن بولىدۇ.
مەۋھۇم ئوبرازنىڭ دىگىنى توغرا سۆز بولسىمۇ ئۇنىڭ قانۇنى ئاساسى بولمىغاندەك ئىجابى تەسىرىمۇ ئوخشاشلا چوڭ بولمايدۇ.
مۇنبەردىكى نۇرغۇن ئاپتورلار ئەمەلىيەتتە رىئاللىقىمىزدىكى ئاپتورلاردىن ئىقتىدار ۋە ئىجتىھاتتا كەم ئەمەس.شۇڭا مۇنبەر يۈزىدىكى قانداقلا ئەسەر بولسۇن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ھەقىقى سالاھىيەت بىلەن ئېلان قىلساق. ئۇيغۇر تورلىرىنى ئۇيغۇرنىڭ رىئاللىقىدىكى مۇھىم قانۇنى ئاساس بىلەن تەمىنلىسەك. مەيلى چوڭ ھەجىمدىكى ماقالە ياكى قىسقا شېئىر ۋە ياكى ئاددى خەۋەر بولسۇن  ئۆزىنىڭ رىئاللىقتىكى ئېنىق ئاپتورى بىلەن بىزگە تېخىمۇ رىئالنى زوق ئاتا قىلىدۇ.
بەلكىم نۇرغۇن ئاپتورلار باشقىلارنىڭ يامان غەرەزلىك ئىنكاسلىرىدىن قورقۇپ مەۋھۇم ئىسىمنى قوللىنىشى مۈمكىن.بىراق بۇ خىل پاسسىپ مۇداپىئە بىزنى ئۆزىمىزنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىمىزدىن ئايرىپ قويىدۇ.قانداقلا ئىنكاس بولسۇن ئىنكاس بولمىغاندىن ياخشى .باشقىلار ئىنكاسقا قاراپلا سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا ھۆكۈم قىلىۋەرمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئىلمى بولغان ئىنكاس سىزگە ئويلىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلسا ھاقارەت مەزمۇنىدىكى ئىنكاس ئىنكاسچىنىڭ قىممىتىنى باھالاپ بېرىدۇ.
قىسقىسى بىز كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ رىئاللىقتىكى پىكىرداشقا مۇشۇنداق ئېرىشىمىز.
3-. مۇنبەردە دىنىي تېمىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش.
مۇنبەرلەرنىڭ دەسلەپكى تەرەقىياتى ئەلۋەتتە دىنىي ئەسەرلەرنى چەكلىمىسىز يوللاش ئىمكانىيىتى بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشقان.
ھازىرقى ئەھۋالدا بەزى مۇنبەرلىرىمىز دىنىي تېمىلارغا چەك قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ خالقارا ۋەزىيەتتىكى ئىسلام كاتىگورىيىسى بىلەن خىرىستىئان دىنىنى مەزمۇنىدىكى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ زىدىيەت كەچۈرمىشلىرى جەريانىدىكى ئىختىلاپى مەسىلىلەرنىڭ ئايىقى چىقماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەلۋەتتە بۇ زىدىيەتلەرگە ھەركىمنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قارىشى بولىدۇ.بىزگە بۇ ئوخشىمىغان قاراشلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئوخشاش قاراشنى تېڭىش بەسى مۈشكۈل.
ھەممىمىزگە ئايانكى رايونىمىز دۇنيادىكى دىنىي ھاۋاسى قويۇق شۇنداقلا ئۇزۇن يىللىق دىنىي زىدىيەتلەر مەۋجۇت بولغان رايونلارنىڭ بىرى.بۇ خىل تارىخىي جەريان بۇ رايوندىكى كىشىلەردە دىنىي ئېتىقادقا نېسبەتەن رەت قىلغۇسىز مۇھەببەتنى شەكىللەندۈرگەن.سىز مەيلى كوچىدا يىقىلپ قالغان بىر ھاراقكەشكىمۇ ئىسلام دىنى ياكى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم)توغرىلىق ھاقارەت مەزمۇنىدا گەپ قىلسىڭىز ئۇنىڭ مەسلىكى شۇ ھامان يېشىلىپ ياقىڭىزدىن ئالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ تەقۋادار بولمىسىمۇ بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ يۈزىڭىزگە تۈكۈرۈشتىن يانمايدۇ.
تارىختىن بۇيان نۇرغۇنلىغان مىسسىئونېر ۋە ئىستىلاچىلارنىڭ نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىشى بىلەنمۇ بۇ رايوننىڭ ئىسلامىي ئاڭغا ۋە مۇھىتقا ئىگە ھالىتى ئۆزگەرگەن ئەمەس. بۇ رايوندىكى قاششاق ھەم نامرات بولسىمۇ ساددا ۋە جاھىل ئېتىقاد ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاسانلىقچە يوقىتىپ قويمايدۇ.
ئومومى دۇنيا ۋەزىيىتىدە باشقا مەدەنىيەت تىپلىرى ئىسلام مەدەنىيەت تەسىرىنى يوقۇتىش پىلانىنىڭ ئەسلا مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. تارىختىكى كونىستانتىنپول يەنىلا ھازىرقى ئىستانبول .ئۇ ھەرگىزمۇ يەنە ئەسلىگە قايتىپ كونىستانتىنپول بولۇپ قالمايدۇ.ئۇنى ئۆزگەرتىش پۈتۈن تۈرك خەلقىنىڭمۇ قولىدىن كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ سىمۋول بىر نەچچە ئادەمنىڭ ياكى مەلۇم رايون كىشىلىرىنىڭ قولىدىكى مۈلۈك ئەمەس.
شۇ سەۋەپتىن ماددى دۇنيانىڭ ئاۋانگارتلىرى،ئاقىللىرى بۇ خىل ئەخمىقانە خىيالنىڭ ئورنىغا نۇرغۇن ئىمكانىيەتلەرنى قوينىدا ساقلاۋاتقان بۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە مەدەنىيەتكە قۇچاق ئېچىش ۋە ماسلىشىش يولىنى تاللىۋالدى.
شۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ مېڭىش يولىمىزنى ئۆزگەرتىش مۈمكىنمۇ ؟!
مۈمكىن ئەمەس .بۇ پەقەت سەپەردە ئازراق پۇتلىكاشاڭ بولۇشتىن باشقا ئومومى نىشانغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
شۇڭا تۇرمۇشنىڭ ئەڭ كىچىك ھالقىلىرىدىن ئومومى ھەركەتلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن ئېتىقاد قارىشىنى مەسخىرە قىلىش سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ قىلىقىمىز ئەمەس.
ھازىر مىللىتىمىز ئالدىنقى ئەسىرگە ئوخشاش بۇ ئەسىردىكى تەغدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق قەدەمنى بېسىۋاتىدۇ. دۆلەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا نىسبەتەن ئىمكانىيەتلىك پوزىتسىيىمىز ئەمەليەتتە دەل بىزنىڭ تەغدىرىمىز. شۇڭا ئومومىلىققا ۋە ئىتىپاقلىققا ئەشەددى رەقىپ بولۇشقا ئۇرۇنۇش پەقەت مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلىشىدۇ.
قىسقىسى مۇنبەرلىرىمىز بىزنىڭ ئاۋازىمىز ۋە پوزىتسىيىمىز. قانداقتۇ بىر ئىككى ئادەمنىڭ ئوي-خىيالى بىلەن ھەممىمىز بىراقلا ئىشتاننى سېلىۋېتىشكە ياكى ھەممىنى رەت قىلىشقا قوشۇلمايمىز.مۇنبەر قۇرغۇچىلارنىڭ ھوقوقى ھەرگىزمۇ مۇنبەر مەزمۇنى كونتۇرۇل قىلىش دەرىجىسىدە چوڭ ئەمەس. ئۇنىڭ مەزمۇنى خەلىقنىڭ مەزمۇنى.
ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە تۇتىدىغان ئەڭ توغرا ئۇسۇلىمىز. ئەتراپتىكى رىئاللىق ئىچكى قىسىمدىكى مەدەنىيەت ھاۋاسى ۋە ئىنكاسى چوقۇمكى ماسلىشىشقا ۋە  ساقلاپ قېلىشقا مۇھتاج. مۇنبەر ئۈستىدە كۆرۈلدىغان زىدىيەتنى ئىلمى ۋە توغرا بولغان مۇنازىرە ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشقا يېتەكلەشكە بولىدۇكى ، ھەرگىزمۇ بىراقلا چەكلەش پوزىتسىيىسى بىلەن ئومومى خەلىققە قارشى چىقىشقا بولمايدۇ.
4-. تور دۇنياسى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نىمىلەرنى بېرەلەيدۇ ؟
يۇقۇرىدا ئېيتقاندەك ئىلگىرى ئېرىشىپ باقمىغان كەڭرى پىكىر بوشلۇقىنى بېرەلەيدۇ.
تور ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ مونوپوللىقىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. ئۇ ئىلگىركى مونوپوللۇقتىن ھالقىپ جەمىيىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە سىياسەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلىرىنى ۋاستىلىق ھالدا تەشۋىق قىلسا ئۇيغۇرنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزەلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق ئەركىن پائالىيەت سورۇنى بىزنى دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە تەكلىپ بېرىش شۇنداقلا ئىنكاس قىلىش قاتارلىق ھوقوقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ دەل تور باشقۇرۇش قانۇنىدىكى، تورداشلارغا بېرىلگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ھوقوقى.
بىز ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئارقىلىق مەيلى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا بولسۇن نۇرغۇن يۈز كۆرۈشمىگەن پىكىرداش،تەغدىرداش دوستلارغا ئېرىشتۇق. ئەتراپىمىزدىكى كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرساقمۇ كۆڭۈل سۇ ئىچكىدەك بىر جۈملە سۆز ئاڭلىيالمايدىغان دوستلىرىمىزغا قارىغاندا نۇرغۇن مۇنبەرداشلىرىمىزدىن ئالەمچە تەسەللى ۋە يېڭىلىقلارغا مۇيەسسەر بولدۇق.بۇ جەرياندا ئۇلار بىلەن بولغان پىكىر ئورتاقلىقى بىزنى تەغدىرداشلىق ئىچىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.
مەيلى يىراق چەت مەملىكەتلەردىكى ياكى ۋەتىنىمىزنىڭ نۇرغۇن شەھەر يېزىلىرىدىكى تورداشلىرىمىز بولسۇن ئەمەلىيەتتە بىزگە دەل تورنىڭ ئىمكانىيىتى ئاتا قىلغان سوۋغىتىدۇر.
دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىلىق ۋە ئىنسانىي ھوقوق قۇرۇلىشىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەقىياتى ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە مۇنبەرلىرىمىزنىڭ ماس قەدەمدە ماسلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. قانداقتۇ يەككە قۇتۇپلۇق خىزمەت ئۇسۇلى بۇ پىلاننىڭ يولغا قويۇلىشىدا ئۈنۈملۈك رول ئوينىيالمايدۇ. ھۆكۈمەت ۋە خەلىقنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدىلا دۆلەتنىڭ مۇددەتلىك يولغا قويغان يۇقۇرقى پىلانلىرى ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.
شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى مەيلى بۇ خىزمەتنى ئۈستىگە ئالسۇن ياكى ئالمىسۇن دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانى يەنىلا ئىزىدا توختاپ قالمايدۇ. شۇڭا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئىككىلا تەرەپ چوقۇمكى دۆلەتكە ۋە پۇخرىغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيىسى بىلەن بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتا دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
5-. مۇنبەردە زىيارەت قىلىنغۇچى چوقۇم مەشھۇر ئادەم بولىشى كېرەكمۇ ؟
مۇنبەرلەردە يازغۇچى-شائىرلار ، سەنئەتكار مۇقامچىلارنى نۇقتىلىق تۇتۇپ تەشۋىقات ئورۇنلاشتۇرۇش بىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەپەككۈرىمىزدىن ھالقىپ كېتەلمەيۋاتقان تەشۋىقات پائالىيىتى.
ئۇ ئەزەلدىنلا بىر خىل مۇقامغا چۈشۈپ قالغاچقا بىز ئۇلاردىن ئالىدىغان مەنىۋى زوق ۋە ئۈنۈم يەنىلا چەكلىك.
ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن زور قىممەتكە ئىگە مەشھۇرلىرىمىزدىن باشقىمۇ يەنە نۇرغۇنلىغان بىباھا قىممەتتىكى ئادەملىرىمىز جەمىيىتىمىزدە نۇرغۇن ساندا مەۋجۇت. مەيلى ئىشى ئىلگىرى كەلمەيۋاتقان تىجارەتچى ، ئۆمۈر بويى تېرىقچىلىق قىلغان دېھقان ۋە ياكى ئىش ئورنى تاپالماي يۈرگەن ئوقۇغۇچى ۋە ياكى نامەلۇم سەۋەپلەر بىلەن سىرتتا يۈرگەن مۇساپىر بولسۇن بۇلار ھەر بىر ئۇيغۇرغا ھەقىقى ۋەكىللىك قىلالايدىغان شەخىسلەردۇر. نىمە ئۈچۈن بىز ئومومى خەللىققە تېخىمۇ يېقىن بولغان بۇ توپنى نەزەردىن چەتتە قالدۇرىمىز ؟
ئۈلگە كۆرسۈتۈش ياخشى ئىش ئەمما تېخىمۇ كەڭرى مەنادىكى تەغدىرداشلارغا ۋەكىل بولىدىغان ئادەمنى تەشۋىق قىلىش جەمىيىتىمىزدىكى زور سالماققا ئىگە ئادەملەر توپىغا مەلۇم تەرەپتىن بولسىمۇ جاۋاپ ئىزدەش ئىمكانىيىتىنى بېرىدۇ.
بىز ئادەتلەنگەن "كېكەچ بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن" دىگەن تەمسىلدەك يالغۇز تاغنىڭ ئىگىزلىكىگە مەپتۇن بولۇپ ئەتراپتىكى سانسىزلىغان چوققىلارنى ئۇنتۇپ قالىمىز.تاغ ئەلۋەتتە ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. چوققىلار تاغ بولالمىغان بىلەن ئۇلار تاغدىنمۇ كەڭرى زىمىننى ئىگەللەيدۇ ۋە تاغنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ قوغدايدۇ.  ناۋادا بىز ئەشۇ نەزەرگە ئېلىنمايۋاتقان مەلۇم توپنىڭ ئەزاسى توغرىلىق ياخشىراق بىر زىيارەت خاتىرىسى ئورۇنلاشتۇرساق بەلكىم ئىلگىركى مەشھۇرلار توغرىسىدىكى زىيارەتتىمۇ جىق ئۈنۈمگە شۇنداقلا كۆرۈرمەنلەرگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارغا تەغدىرداش مىليونلىغان ھەمسەپەرلىرى ئەتراپىمىزدا ياشاۋاتىدۇ.
شۇڭا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئىلگىركى تەشۋىقات ۋاستىلىرى قوللانغاندەك خىزمەت ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقى ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئەمەس. ئۇلار يەنىلا نامراتلىق ياكى خىزمىتى ئىلگىرى كەلمەسلىك ۋە باشقا تۇرمۇش بېسىملىرى ئىچىدە ئۈن-تىنسىزلىق بىلەن ئاددى ياشاۋاتىدۇ.
قىسقىسى بىز چولپانلارغا پەقەت كۆڭۈل ئېچىش مەزمۇنىدا قارايمىز ئەمما ئۆزىمىزنىڭ رىئاللىقتىكى ۋەكىللىرىمىزگە بولسا تەغدىرداشلىق تۇيغۇسى بىلەن مۇھەببەتلىك نەزەر سالىمىز.
6-. ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ساھەلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئاستىدا ئېچىۋېتىشى.
بىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنچىلىق ، يېزا-ئىگىلىك ، ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەر بىلەن ھەمكارلىق خىزمىتىنى ئىشلەش باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر تورلىرىنىڭمۇ بۇرچىدۇر.سەنئەتكار يازغۇچىلىرىمىز بىزنىڭ ھەقىقەتەن يەنە بىر بايلىقىمىز. ئۇيغۇر جەمىيىتى نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇشۇنداق بايلىقلارنى ئەتراپلىق ،دېمكىراتىك ئۇسۇلدا قېزىپ چىقىشنى نۇقتىلىق ھەركەتكە ئايلاندۇرالمىدى.
مەسىلەن قانۇنچىلىق ساھەسىدە ئۇيغۇر تورلىرى چوقۇمكى مەلۇم قانۇنىي ئاپارات ياكى ئورۇن بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى زۆرۆر .
بۇ ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقوقىنى قوغداش جەھەتتىلا ئەمەس قانۇني بۇرچىنىمۇ ئادا قىلىش جەھەتتىمۇ پايدىلىق ھەركەتتۇر. جەمىيىتىمىزدە شەخىسنىڭمۇ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى سەپلىنىۋاتقان ئەھۋالدا ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ بۇنىڭغا پاسسىپ مۇئامىلە قىلىپ زىيان تارتىشىغا بولمايدۇ. سىزگە كەلگەن مەلۇم تېلىفۇن ياكى مەلۇم شەخىسنىڭ بۇيرىقىنى سىز ئەمەس بەلكى سىز تەكلىپ قىلغان قانۇنىي ئورۇن قوبۇل قىلىدۇ. ۋە قانۇن دائىرىسىدە مۇناسىپ تەدبىر كۆرىدۇ. شۇنداقلا سىزنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان ئەسەر ياكى فىلىمنى يوللاپ قېلىشىڭىزنىڭمۇ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەملىشىدۇ.
بۇ خىل نازارەتنى قانداقتۇ ھۆكۈمەتكە تەۋە ئورگان ئەمەس بەلكى مۇستەقىل قانۇنىي ئاپاراتلار ياكى شەخىسلەر ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.شۇندىلا تورنىڭ خەلىقچىللىق خاراكتىرىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
مۇنبەر يۈزىدە مەيلى قانۇنىي بىلىملەر توغرىلىق مەسلىھەت سوراش ياكى يېڭى يولغا قويۇلغان قانۇنلارنى ئېلان قىلىش جەھەتلەردە بولسۇن نۇرغۇن ئىجابى بولغان ئۈنۈملەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇنبەر بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا رەڭدارلاشسا، ئۇلار مۇنبەر يۈزى ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ تەشۋىقات پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.مانا بۇ خىل ئورتاق باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئىككىلا تەرەپنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.

يەنە يېزا-ئىگىلىكىنى مىسالغا ئالساقمۇ ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەر ۋە تۆۋەندىكى شۇغۇللانغۇچىلار ئاساسى مەنپەئەتلەنگۈچى بولىدۇ. بۇ توغرىسىدا مەيلى تېرىقچىلىق-باقمىچىلىق بىلىملىرى ياكى يېزا-ئىگىلىكىدە كەلگۈسىدە كۆرۈلدىغان قۇرغاقچىلىق ياكى ھۆلچىلىك  ،ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەلگۈسى بازاردىكى باھاسى ، باشقا دىخانچىلىق ئەشيالىرىنىڭ باھا يۈزلىنىشى ۋاھاكازالار، قاتارلىق ئۇنۋېرسال بىلىملەر بىلەن تەمىنلەش ۋە مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرۇش ئاساسى توپىنى دىخانلار ئىگەللەيدىغان بۇ مىللەت مۇنبەرلىرىنىڭ خىزمىتى.بۇ خىزمەت باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرىدەك "قۇرغاقچىلىقتىمۇ مول-ھوسول ئالدى،خەلقارا بازارنىڭ كاساپىتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتتى "دىگەندەك پەقەت ئاغرىق پەسەيتىش ئوكولىلا ئۇرىدىغان تەدبىرسىز دوختۇرنىڭ خىزمىتى بولۇپ قالسا بولمايدۇ.ئۇنىڭغا مۇنبەرنىڭ خاراكتىرىمۇ يول قويمايدۇ.
شۇڭا بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇقلارنى ۋە تەسىرگە ئۇچرىغۇچى دىخانلارنى تەكلىپ ۋە رىغبەت بىلەن مۇنبەر يۈزىگە تەكلىپ قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا ھەمكارلاشتۇرۇش تور بەتلىرىمىزنىڭ تەشۋىقات ئۈنىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر كۆزۇرى.
قىسقىسى بىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىمىزگە ھازىرچە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئەڭ يېقىن ئورۇندا تۇرۇپ دىئاگىنوز قويالايدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇلار باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرىگە قارىغاندا تېخى گودەك يېشىدا بولسىمۇ ئەمما بىز كۈتىدىغان ئۈمۈت ھەممىسىدىن چوڭ.
مۇنبەرلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى يېقىنقى ئىككى يىللىق تەرەقىياتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.
تورنىڭ يېقىن كەلگۈسى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزنىڭ تېخىمۇ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئاخىرىدا ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن ھەقسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان بارلىق تورداشلارغا سەمىمى ئېھتىرام بىلدۈرۈپ.

قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت.
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.
Abdurehim ablathan
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى.




ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ بارلىق يازمىلىرى.
http://www.choghlan.com/munbar/Tags.asp?TagID=7

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
جوڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقوق ھەركەت پىلانى يولغا قويۇلدى !
بۇ مېنىڭ ، سىزنىڭ شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج .
بۇ بىزدىن ئاشكارىلىقنى ۋە سەمىمىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.
شۇڭا ئىدىيىدىكى ئەنئەنىۋى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭى پىكىر ۋە يېڭى  روھ بىلەن ھەمكارلىشايلى.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-12 14:37 |
شەبنەم تور رادىئوسى
qqopp
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 21610
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 731
شۆھرەت: 762 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7255 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1199(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

خىلى سىستىمىلىق تەھلىل بوپتۇ .
    نىمە ئۈچۈن تاللا بازىرىغا كىرىپ مالسىتىۋىلىش قولايلىق دەيمىز ؟
چۈنكى تاللا بازىرىدا مال تۈرى تولۇق . ئەگەر شەبنەمدەك ئۇنۋىرسال تورمۇ  ئۆزىنڭ ئەۋزەللىكىنى تىخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ ھەرقايسى ساھە دىكى
كىشىلىرىمىزنىڭ ئىھتىياجىنى چىقىش قىلىپ سەھىپىلەرنى سەرخىللاشتۇرۇپ
يەنىمۇ ئىلگىرلەپ يىڭىلىق ياراتىدىغانلا بولسا ئىشىنىمەنكى تەرەققىيات
ھەممىمىزگە قۇچاق ئاچقۇسى .  

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 15:04 |
شەبنەم تور رادىئوسى
atlanabd
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 11708
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 153
شۆھرەت: 154 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1177 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 576(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

   مۇشۇ ئاغىنەمنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇيمەن،ھەر قېتىم ئوقۇپ بولغىنىمدا ھاردۇقۇم چىققاندەك،پۇخادىن چىققاندەك تۇيغۇدا بولىمەن،  شۇنداقلا كۆپ تەربىيە ئالىمەن.  خۇدا پىكىرچان كاللىڭىزغا ۋە ئىككى قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. يەنە داۋاملىق ئۇيغۇرنىڭ يېغىسىنى يېغلاڭ،ئاللاھ خالىسا  ھامىنى ھامىنى بىر كۈنى كۈلكىسىنى كۆرىمىز.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 16:19 |
باياۋان
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 69469
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 787
شۆھرەت: 825 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7899 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 674(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

ئېسىل يازمىڭىزغا رەھمەت ، ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپسىز . شەبنەمدىن ئىبارەت بۇ بوستاندا ھەرقانداق مېۋە تۈرلىرىدىن بەھىر ئالالايدىكەنمىز .

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 16:55 |
tim0998
گۈزەللىك ئىزدىمە،ئۇ سەندە.
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 61829
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1137
شۆھرەت: 1263 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1250 سوم
تۆھپە: 121 نۇمۇر
ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 477(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ يازمىلىرىنى شەبنەم مۇنبىرىدىن داۋاملىق كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىرشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.تەپەككۇرلىرىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن.

تۈنۈگۈننى ئۇنۇتما!بۈگۈننى چىڭ تۇت!ئەتىنى ئويلا!
تۈنۈگۈندىن جەۋھەرلەر توپلىشىڭ مومكىن؛
بۈگۈننى چىڭ تۇتساڭ،كېيىن پۇشايمان قىلمايسەن؛
ئەتىكى توغرا نىشاننى كۆزلەپ ماڭساڭ،تاپتىن چىقىپ كەتمەيسەن!

./?u=61829
./?a=tim0998
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 17:00 |
tewelgha
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73538
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 490 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 238(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

بۇ توردىشىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى بۇرۇن كۆرۇپ باقمىغان بولساممۇ ،مۇشۇ بىر ئەسىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىرىشتىم .تەپەككۇرىڭىز ئەقلىي تەپەككۇر ، چىقارغان خۇلاسىلىرىڭىز تولىمۇ ئەمىليەتكە ئۇيغۇن ،سالمىغى ۋە ئىلمىي قىممىتى يۇقۇرى  يەكۈنلەر بولۇپتۇ. مىنىڭچە ئۇيغۇر تورلىرى  ئۆزىمىزنى تەرەقىي قىلدۇرىغان ،كەڭ خەلقىمىزنى بىيىش يولىغا باشلايدىغان ،بالىلىرىمىزنى ئىلمىي تەربىيەلەيدىغان  ،مەدەنىيىتىمىزنى پۇتۇن دۇنياغا تۇنۇتىدىغان بىر  ياخشى كۆزنەك  بولىشى كېرەك.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 19:42 |
AMIL
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24649
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 177
شۆھرەت: 178 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1730 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 864(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

تېما بولسا مۇشۇنداق بولسا ~ چاڭقىغان دىللارغا ھوزۇر ، يوقاپ كەتمەي داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز ئابدۇرېھىمكا~

ئەڭ كاتتا بايلىق _ مىللەت غۇرۇرى!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 10:35 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » شەبنەم مۇنبىرىگە تەكلىپ
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-16 17:28, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ