كەسپىي ئادەت
(يۇمۇرلار)
1
بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بىللە ئۆيگە قايتىپتۇ، خوتۇنى ئۆيگە كىرىپلا ئىشىكنى تاقىۋېتىپتۇ. ئېرى ئىشىكنى قاققاچ توۋلاپتۇ:
-ئىشىكنى ئاچ، ئىشىكنى ئاچ، مەن تېخى كىرمىدىم!
كوچا ئاپتوبۇسىدا بېلەت ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدىغان خوتۇنى دەپتۇ:
-نېمە ۋارقىرايسەن؟ كېيىنكى قېتىملىق ئاپتوبۇسقا ئولتۇر!
2
مەلۇم ئىدارىنىڭ باشلىقى ئۇشتۇمتۇت بىر جىددىي تېلېگراممىنى تاپشۇرۇپ ئاپتۇ. تېلېگراممىدا: ئانىڭىز ئالەمدىن ئۆتتى، دادىڭىزنىڭ كېسىلى ئېغىر، تېز قايتىپ كېلىڭ، دېيىلگەن ئىكەن. ئىدارە باشلىقى تېلېگراممىنى ئوقۇپ بولۇپ قاتتىق قايغۇرۇپتۇ ۋە ياش تۆككىنىچە تېلېگراممىنىڭ قايتما تالونىغا ئىمزا قويۇپتۇ. پوچتالىيون تالوننى ئېلىپ تۇرۇپلا قاپتۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا «قوشۇلىمەن» دەپ يېزىلغان ئىكەن.
3
بىر ساياھەتچى تاكسىغا ئولتۇرۇپ ساياھەتكە چىقىپتۇ. يېرىم يولدا ئۇ بىر ئىشنى سورىماقچى بولۇپ شوپۇرنىڭ مۈرىسىگە يەڭگىل ئۇرغان ئىكەن، ئويلىمىغان يەردىن شوپۇر ئاللا-توۋا قىلىپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ. ساياھەتچى نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي دەرھال ئەپۇ سوراپتۇ:
-كەچۈرۈڭ، سىزنى چۆچۈتۈپ قويۇشۇمنى ئويلىماپتىمەن.
-ھېچقىسى يوق، كىچىككىنە ئۇقۇشماسلىق بولدى،- دەپتۇ شوپۇر،- بۈگۈن مېنىڭ تۇنجى قېتىم تاكسى ھەيدىشىم، ئىلگىرى ئىزچىل جەسەت ماشىنىسى ھەيدەيتتىم.
4
مەلۇم تېلېۋىزىيە ئىتسانسىسىنىڭ دىكتورى خەۋەر ئاڭلىتىۋاتقاندا ئۇنىڭغا بىر باغاقچە سۇنۇلۇپتۇ، ئۇ باغاقچىنى ئېلىپ ئادىتى بويىچە: «تۆۋەندە ئىستانسىمىز بايا تاپشۇرۇپ ئالغان خەۋەرنى ئاڭلىتىمىز...» دېگەچ باغاقچىنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلاپتۇ: «بۇرادەر، ئۇتتۇر چىشىڭغا پالەك چاپلىشىپ قاپتۇ...»