مائارىپىمىزغا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ.لىكىن رەئىس
نۇر.بەكرى تازا ياخشى كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ.ھەدەپ قوش تىل
مائارىپىنى يولغا قويۇشنى تەكىتلەپ،ئانا تىلنىڭ تەرەققىياتىغا
سەل قاراۋاتىدۇ.خەنزۇتىلى دۆلەت تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن
ھەربىر جۇڭگۇ پۇخراسى چوقۇم ئۈگۈنۈشكە تىگىشلىك.ئەمما
بۇ يەرلىك مىللەت تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىغا(ئانا تىلغا)
زىيانكەشلىك قىلمىغان ئاساستا ئورتاق تەرەققىي قىلىش
كىرەك ئىدى.
ئەسلىدە مەركەز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئنتايىن ياخشى كۆڭۈل بۆلۈپ ھەرخىل سىياسەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى ۋە قويۋاتىدۇ.
ئەمما ئىجرا قىلىشقا كەلگەندە ئاپتونوم رايوندىكى بىر قىسىم
رەھبىرى كادىرلار شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى مەركەزگە
تولۇق ئنكاس قىلماي،بىيىپ كەتتۇق!تەرەققىي قىلىپ كەتتۇق
دەپ مەلۇمات بەردى،ئەمما ئاشۇ بىيپ كەتكەن تەرەققىي
قىلىپ كەتكەن كىشىلەر پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرخالاس.
ئەمما كۆپچىلىك ئادەم بىيىپ كەتتىمۇ،تەرەققىيات قانچىلىك
دەرىجىدە بولدى دىگەنلەنى ئويلىمىدى.
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىنىڭ مۇئەللىمى دۆلەت دەرىجىلىك
تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئاكىمىزمۇ فىرانسىيەدە ئىنسان ھەق
ھوقۇقلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغاندىن كىيىن رەئسىمىز
نۇر.بەكرىنى لاياقەتلىك رەئىس ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقىنى
چۇنكى ئۇنىڭ قانداق بولۇپ رەئىس بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى،ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك
قىلالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
فرانسىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى فرانسىيىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى بىلەن جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇنىدا مىللەتلەر باراۋەرلىكىنىڭ قوغدالغانلىقىنى، ئەمما ئىجرا قىلىشتا بولسا بۇ باراۋەرلىكنىڭ فرانسىيىدە ئەمەلىيلەشكەنلىكى، جۇڭگودا ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا مىللىي مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە بولۇشىنى، بىرى بىرقىسىم ئەمەلدارلارنىڭ قانۇننى توغرا ئىجرا قىلمىغانلىقى، يەنە بىرى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشتا ئاجىزلىق قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سەۋەب بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ۋە قانۇنىي ئويغىنىش ھەرىكىتى قوزغاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئىلھام توختى ئاتۇش شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئىقتىساد ۋە قانۇن پەنلىرى بويىچە جۇڭگو ، پاكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق ئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان. نۆۋەتتە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.
ئىلھام توختىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن بىرى مىللەتلەر مەسىلىسىدۇر. مىللەتلەر ئارا دوستلۇق جۇڭگودا ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ئەمما بۇ ئىتتىپاقلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، باراۋەرلىك بولغاندا قەغەز يۈزىدىكى باراۋەرلىك ئەمەس ئەمەلىي ھاياتتىكى باراۋەرلىكتۇر.
http://www.uighurbiz.cn/forum/redirect.php?tid=1113&goto=lastpost#lastpostمەن بۇ توغرىسىدا ئارتۇقچە بىر نىمە دىمەي،تورداشلار تىما مەزمۇنىغا بىرلەشتۇرۇپ ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن تۈزگەن ئاپتونومىيە قانۇنغا قاراپ بىقىڭلار !
10-ماددا مىللىي ئاپتونوميىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزىلىرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
21-ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا، شۇ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىرنەچچە خىل تىل – يېزىقنى ئىشلىتىدۇ؛ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر نەچچە خىل تىل –يېزىقنى تەڭ ئىشلىتىدىغان ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل –يېزىقىنى ئاساس قىلسا بولىدۇ.
37-ماددا مىللى ئاپتونوميىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللى مائارىپنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرىدۇ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىدۇ، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى ئاچىدۇ، باشلانغۇچ مەجبۇرى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، ئوتتۇرا مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ؛ مىللى سىفەن مەكتەپلەرنى ۋە مىللەتلەر شۆيۈنلىرىنى ئېچىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كەسپىي خادىملىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.
مىللى ئاپتونوميلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاز سانلىق مىللەت چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ۋە ئىقتىسادى ناچار بولغان، ئاز سانلىق مىللەت تارماق ئولتۇراقلاشقان تاغلىق رايونلاردا قونۇپ ئوقۇشنى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىشنى ئاساس قىلغان، ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان مىللى باشلانغۇچ ۋە مىللى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاچسا بولىدۇ.
ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئاساس قىلىدىغان مەكتەپلەردىن شەرت – شارائىتى بارلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىغىدا دەرىسلىكلەرنى قوللىنىشى ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتۈش كېرەك، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقۇرى سىنىپلىرىدا ياكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى دەرىسىنى كىرگۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە قوللىنىلدىغان ئومۇمى ئەدىبىي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش لازىم.
مانا بۇلار «مىللىي تىررىتورىيلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنى»نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يىزىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزى ماددىلىرى.......
[ بۇ يازما tilsimat520 تەرپىدىن2009-03-11 01:17دە قا ]