ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 224 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: كۆپ ئۇچرايدىغان فىلىم ھۆججىتى شەكىللىرى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

abral
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 7355
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 157
شۆھرەت: 181 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1045 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 736(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 كۆپ ئۇچرايدىغان فىلىم ھۆججىتى شەكىللىرى

كۆپ ئۇچرايدىغان فىلىم ھۆججىتى شەكىللىرى
بۇ يازمىنى كومپىيۇتېرنى يىڭى ئۈگەنگۈچى شۇنداقلا كومپىيۇتېردا كىنو كۆرۈشكە ئامراق دوسلارنىڭ كىنو فىلىم ھۆججىتى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە يوللىدىم. بىلىدىغان تورداشلارنىڭ ئارتۇقچە كايىپ كەتمەسلىكىنى سورايمەن.
بۇ يازما ئارقىلىق كۆپ ئۇچرايدىغان فىلىم ھۆججەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتمەكچىمەن. يىڭى ئۈگەنگۈچى دوسلارغا پايدىسى بولۇپ قالار.
ھازىر ھەر قانداق بىر كىنونىڭ توردا بىر نەچچە خىل ھۆججەت فورماتىدىكى نۇسخىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى RM، RMVBفورمات شەكلىدۇر. ئۇنداق بولسا ئالدى بىلەن بۇ ئىككى خىل ھۆججەت فورماتى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
RM ھۆججەت فورماتى
RM ھۆججىتى بولسا Real شىركىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان فىلىم ھۆججىتى شەكلى بولۇپ، RM ھۆججەت شەكلى ئىنگىلىزچە RealMedia دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىپ يىزىلىشىدۇر. بۇ خىل ھۆججەت شەكلى چىققاندىن كېيىنلا تور دۇنياسىدا، تور بەتلىرىدە بىۋاستە قويۇلىدىغان فىلىم ھۆججەتلىرى مودا بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ خىل ھۆججەت بىر تەرەپتىن توردىن چۈشۈرۈپ بىر تەرەپتىن قويۇش مەقسىتىگە يىتەلەيدىغان بولۇپ، بۇ خىل ھۆججەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى سىغىمى كىچىك، سۈرەت ئىنىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ خىل ھۆججەتنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، VCD قاتارلىق باشقا شەكىلدىكى فىلىم ھۆججەتلىرىنى RealProducer، قاتارلىق دىتاللاردىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ.
RMVB ھۆججەت فورماتى
RMVB ھۆججەت شەكلىمۇ Real شىركىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان فىلىم ھۆججىتى شەكلى بولۇپ، بۇ خىل ھۆججەت شەكلىدە RM ھۆججەت فورماتىغا قارىغاندا VB دىگەن ھەرپ ئارتۇق بولۇپ، بۇ ئىگىلىزچىدىكى variable bit دىگەن سۆزدىن قىسقارتىپ ئىلىنغان. (مەنسى ئۆزگىرىشچان كود نىسبىتى دىگەنگە توغرا كەلسە كېرەك) RM بىلەن RMVB نىڭ پەرقى بولسا، RM شەكلى real8.0 فورماتىدا بولۇپ، بۇ خىلدىكى فىلىملەر ئاساسلىقى VCD فىلىم ھۆججەتلىرىنى مەنبە قىلغان بولۇپ، VCD فىلىم ھۆججىتىنىڭ ئەسلىدىلا ئېنىقلىقى ياخىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئايلاندۇرغاندىن كېيىنكى فىلىم سۈپىتى ياخشى بولماي قالغان. RMVB شەكلى بولسا real9.0 فورماتى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ خىل شەكىلدىكى ھۆججەتلەر ئاساسلىقى DVD فىلىملىرىنى مەنبە قىلغان بولغاچقا سۈزۈكلۈكى ئەسلى فىلىمغا يىقىنلىشدۇ ھەمدە سىغىمى 3 ھەسسىدىن 5 ھەسسىگىچە كىچىكلەيدۇ.
MOV ھۆججەت فورماتى
MOV ھۆججىتى بولسا ئالما شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان فىلىم ھۆججىتى شەكلى بولۇپ، ئەسلى ئىنگىلىزچە Movie digital video technology دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان.بۇ خىل ھۆججەتنى ئادەتتە QuickTime ناملىق قويۇش دىتالى بىلەن قويۇلىدۇ. بۇ خىل ھۆججەتنىڭ ئالاھىدىلىكى سىستىما ئاتلىغان بولۇپ،سۈرەت ئۈنۈمى AVI دىن ئازراق ياخشى ، بىراق سىغىمى چوڭ.
ASF ھۆججەت فورماتى
ASF بولسا Advanced Streaming Format دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىپ يىزىلىشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ،سۆز مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلغاندا«يۇقۇرى دەرىجىلىك ئېقىم فورماتى» دىگەنلىك بولىدۇ. بۇ خىل ھۆججەت شەكلىنى مىكروسوفت شىركىتى RealPlayer بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقارغان، بىۋاستىلا توردا كۆرگىلى بولىدىغان بىر خىل فىلىم ھۆججىتى شەكلى. بۇ MPEG4 ھۆججەت فورماتى بويىچە پىرىسلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ،پىرىسلاش نىسبىتى ۋە سۈرەتنىڭ ئىنىقلىقى يامان ئەمەس.
WMV ھۆججەت فورماتى
WMV ھۆججەت فورماتىمۇ مىكروسوفت شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر خىل فىلىم ھۆججىتى شەكلى بولۇپ، بۇ ASF فورماتىنىڭ نەشىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. WMV دىگەن بۇ قىسقارتىلما ھۆججەت كىڭەيتىلمە نامى ئىنگىلىزچە Windows Media Video دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. بۇ خىل ھۆججەت بىر ئارتۇقچىلىقى نەشىريات سودىگەرلىرىنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى قوغدىشىغا پايدىلىق بولۇپ، ئادەتتە بىز بەزىدە WMV شەكلىدىكى بەزىبىر فىلىملەرنى چۈشۈرسەك بىزدىن توردىن قويۇشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسىنى چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنى چۈشۈرمىسەك فىلىم قويغىلى بولمايدۇ.
MPEG ھۆججەت فورماتى
MPEG ئۇقۇمى دەسلەپتە 1987- يىللىرى پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ ئىنگىلىزچىدىكى Motion Pictures Expert Group دىگەن خەتتىڭ قىسقارتىپ يىزىلىشى ئارقىلىق كەلگەن. مەنىسى « ھەركەتچان سۈرەت مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى» دىگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان فىلىم ھۆججىتى شەكلى بولۇپ، بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق كېلىپ چىققان يەنە mpg,dat, mpe,mpa,m15,m1v,mp2 قاتارلىقلار بار. MPEGفورماتى بولسا، MPEG سۈرەت، MPEG ئاۋاز ۋە MPEG سىستىمىسى (سۈرەت ۋە ئاۋازنى ماسلاشتۇرۇش)قاتارلىق ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان.بۇ خىل ھۆججەت بىز ئادەتتە دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان VCD غا ئىشلىتىلگەن ھۆججەت دەل ئۆزىدۇر. MP3 (MPEG-3)ئاۋاز ھۆججىتى بولسا،MPEG ئاۋازنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ تىپىك مىسالى.فىلىم ھۆججەتلىرى جەھەتتىن MPEG1, MPEG2 ۋە MPEG4 قاتارلىقلار بار.
AVI ھۆججەت فورماتى
AVI ھۆججىتى بولسا، ئىنگىلىزچە Audio Video Interleaved دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئاۋاز ۋە سۈرەت گىرەلىشىپ كەتكەن ھۆججەت فورماتىدۇر. بۇ خىل ھۆججەت فورماتىنى مىكروسوفت شىركىتى 1992-يىلى ئوتتۇرىغا چىقارغان.بۇ خىل ھۆججەت فورماتىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئاۋاز بىلەن بىلەن سۈرەتنى گىرەلەشتۈرۈپ، تەڭ ئىلىپ ماڭغىلى بولىدۇ، سۈرەت ئىنىقلىقى ناھايىتى ياخشى. ئەمما كەمچىلىكى ھۆججەت سىغىمى زىيادە چوڭ ، ھەمدە كونا يىڭى نەشىرلىرى ئارىسىدا بىر- بىرىنى تولۇق قوللىماسلىق ھادىسى مەۋجۇت.بۇ خىل ئەھۋالنى پەقەتلا تۈرلۈك قىستۇرما كود يېشىش پراگراممىلىرىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ.
بۇ كەمچىلىكلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كېيىنكى ۋاقىتلاردا AVI فورماتىنىڭ بىر نەچچە خىل نۇسخىلىرى پەيدا بولدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر كۆپرەك ئۇچرايدىغانلىرى DivX ۋە Xvid
DivX فورماتى بولسا مىكروسوفتنىڭ MPEG4 فىلىم ھۆججىتى شەكلى بىلەن MP3 ئاۋاز ھۆججىتى شەكلىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا پەيدا بولغان AVI ھۆججەت شەكلى بولۇپ، بۇ خىل ھۆججەت DVD نىڭ ئىھتىياجى بىلەن مەيدانغا كەلگەن.بۇ خىل ھۆججەت فورماتىدىكى فىلىملەرنىڭ سۈرەت سۈزۈكلۈكى DVD نىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ،ئەمما سىغىمى DVD نىڭ سىغىمىدىن 5 ھەسسىدىن 15 ھەسسىگىچە كىچىك بولىدۇ.يەنى بىر 120 مىنۇتلۇق4.3 گىگابايت چوڭلۇقتىكى DVD دىسكىسىنى بۇ خىل شەكلىدە پىرىسلىغاندا سۈزۈكلۈكى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا 600 مىگابايت ئەتراپىغا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.ھەمدە ھازىرقى DVD ئاپاراتلىرىدا بىۋاستە قويۇشقا بولىدۇ.
Xvid فورماتى بولسا 2002-يىلى ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ ھىساپتا 2-ئەۋلات MPEG4 تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن AVI ھۆججەت شەكلىدۇر. بۇ خىل فورماتنىڭ كودى ئىچىۋىتىلگەن بولۇپ، Xvid بىلەن DivX نىڭ سۈرەت كۆرسىتىش ئۈنۈمى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، Xvid نىڭ ئالاھىدىلىكى سېغىم جەھەتتە بولۇپ، ئوخشاش كودلاش ئۆلچىمى ئاستىدا Xvid نىڭ سىغىمى DivX غا قارىغاندا كىچىك بولۇپ، سىز بىر فىلىمنىڭ 1 دىسكىلىق ۋە ئىككى دىسكىلىق نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈپ كۆرسىڭىز، بۇ ئىككىسىنىڭ سۈرەت ئىنىقلىقىنىڭ ئوخشاشلىقىنى بايقايسىز. مانا بۇ دەل Xvid بىلەن DivX نىڭ پەرقى بولۇپ، 2 دىسكىلىق DivX فورماتى ئىشلىتىلگەن، بىر دىسىكىلىق Xvid فورماتى ئىشلىتىلگەندۇر.
VOB ھۆججەت فورماتى
VOB ھۆججىتى ئادەتتە DVD دىسكىلىرىدا ئىشلىتىلگەن فىلىم ھۆججىتى شەكلى بولۇپ، بۇ خىل فورماتتىكى ھۆججەت MPEG2 كودلاش شەكلى بويىچە كودلانغان ھۆججەت بولۇپ، بۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى سۈرەت ئىنىقلىقى يۇقۇرى بولۇش، DVD ئاپاراتىدا تۈرلۈك تىزىملىكلەر بويىچە تاللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولۇش ، تۈرلۈك يېزىق ھۆججەتلىرىنى يۈكلىگىلى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە . كەمچىلىكى بۇ خىل ھۆججەتنىڭ سىغىمى چوڭ بولۇپ، ئادەتتە بىر سائەت يىگىرمە مىنۇتلۇق بىر كىنو ئۈچۈن بىر DVD دىسكىسىغا 4.3 گىگابايت ئەتراپىدا بوشلۇق ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ھۆججەت شەكلىنى كومپىيۇتېرغا بىۋاستە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قولايسىز ھەم قاتتىق دىسكا بوشلۇقىنى كۆپ ئىگەللەپ كېتىدۇ.
FLV ھۆججەت فورماتى
FLV ھۆججىتى بولسا يىقىندىن بېرى توردا بىۋاستە فىلىم قويۇشقا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان يىڭى شەكىلدىكى فىلىم ھۆججىتى شەكلى بولۇپ،ئىنگىلىزچە FLASH VIDEO دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر.بۇ خىل ھۆججەت شەكلى Flash MX تارقىتىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان بولۇپ، سىغىمى كېچىك، سۈرەت ئېنىقلىقى ياخشى بولۇش،فىلىم قويۇش دىتاللىرىغا تايانماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تىزلا توردا فىلىم تارقىتىش ھۆججەت شەكلىگە ئايلىنىپ قالدى. ھازىرقى youtube، 56.com دىگەندەك تور بەتلىرىدە تارقىتىلىۋاتقان فىلىم ھۆججەتلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىل شەكىلنى قوللانغان.

مەنبە : ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى

تېما تەستىقلىغۇچى : kuraxjan
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-09, 14:08

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
http://ilkitap.blogbus.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-09 21:35 |
شەبنەم تور رادىئوسى
UYGHURAAA
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 62532
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 933
شۆھرەت: 1463 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8514 سوم
تۆھپە: 17 نۇمۇر
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 423(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

رەھمەت       مەن ئىھتىياجلىق تىما ئىكەن.

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-09 22:18 |
شەبنەم تور رادىئوسى
aziz-gul
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 54667
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 476
شۆھرەت: 487 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4359 سوم
تۆھپە: 2 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1300(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

ۋاھ  بەزىلىرىنى بىلمەيدىكەنمەن ئەمدى بىلۋالدىم ..تېما ئىگسىگەكۆپ رەخمەت    

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
ئالغا!!!!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-09 22:22 |
subi2009
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 69854
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 272
شۆھرەت: 272 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2720 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 81(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

مەن باشقۇرغۇچىلاردىن،،،، Smaroy ،،،،،،،،،،،،دىگەن لاتا شوۋىچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تەكشۇرۇپ ماڭا ئۇچۇر ئارقىلىق ئېيتىپ بىرىشىنى سەمىمى ئۇمۇت قىلىمەن،،،،،بۇ تۇنگۇزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ماڭا ئىنىقلاپ بەرگەن بولساڭلار،،،،بۇ  مۇناپىق ئىتنىڭ باللىسىنىڭ قايسى تۇنگۇزنىڭ بۇرنىدىن چۇشكەن نىجىز ئىكەنلىكىنى بىلىۋالسام،،،،مۇنبەردىكى بەزى ئۇقۇشماسلىلارمۇ ھەل بولغان بولاتتى.
تامام.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-10 00:17 |
Shebnem2008
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 138
شۆھرەت: 139 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1325 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 339(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

Quote:
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىaziz-gulنىڭ2009-03-09 22:22 دە يوللىغان يازمىسى   :
ۋاھ  بەزىلىرىنى بىلمەيدىكەنمەن ئەمدى بىلۋالدىم ..تېما ئىگسىگەكۆپ رەخمەت    

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-10 11:07 |
tundikiyultuz
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73700
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

رەخمەت مەن بىلۋېلېشقا تىگشلىك بىلىملەركەن رەخمەت سىزگە ،

مەن بىر يېڭى ئۈگەنگۈچى ، قانداق قىلغاندا  AVI ھۆججەت شەكلنى بىر 120 مىنۇتلۇق4.3 گىگابايت چوڭلۇقتىكى DVD پىلاستىنكىسغا ئويغىلى بۇلىدۇ ، بىلدىغانلار ياردەم قلساڭلار ، بوپتىكەن،پەقەت ئۇيالمىدىم ،
tanha.2009@163.com
qq:1084562391

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-11 19:33 |
subi2009
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 69854
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 272
شۆھرەت: 272 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2720 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 81(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

ئالدى بىلەن كۇمپىيۇتورىڭىزدا  كې دۇ قى بۇلىشى كىرەك ،،ئاندىن نىرو دەپ دەي كىلې قىلدىغان بىر  سىستېما بار

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-11 22:43 |
subi2009
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 69854
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 272
شۆھرەت: 272 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2720 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 81(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

http://www.onlinedown.net/soft/3185.htm
مانا  بۇ بۇ سېيتمىنىڭ ئادىرسى ..بەك ئاددى  سىناپ بىقىڭ

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-11 22:45 |
tundikiyultuz
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73700
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

subi2009 رەخمەت
منىڭ كومپيۇتۇرۇ مغا  Ner o Burning ROM 8.3.13.0
قاچلاغلىك ، مەن  ئادەتتە ،dvdپىلاستىنكىسنى vob شەكلىدە ئۇيۇپ باققان كومپيۇتۇر دا dvd.، كېلېېجى بار ، ،،پىلاستىنكىلارنى نورمال ئۇيدۇ ،لىكىن   AVI ھۆججەت شەكلنى ئۇيالمىدىم  ،قانداق قىلغاندا  AVI ھۆججەت شەكلنى بىر 120 مىنۇتلۇق4.3 گىگابايت چوڭلۇقتىكى DVD پىلاستىنكىسغا ئويغىلى بۇلىدۇ
  AVI ھۆججەت شەكلنى ئەكىرسەم ھۇججەت فورماتى توغرائەمەس  دەپ تۇرۇۋالدى ، ياكى پىرسلايدىغان بېرەر دىتال قاچىلىشىم كىرەكمۇ ؟ پەقەت
بىلەلمىىدىم .بىلدىغانلار ياردەم قىلغان بولساڭلار،
tanha.2009@163.com
تېما ئىگسىگە كۆپ  رەخمەت

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 18:34 |
tundikiyultuz
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73700
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

ياردەم قىلدىغانلار يوقمۇ؟

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-14 22:43 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » كومپىيۇتېردىن سۇئال-جاۋابلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-16 17:28, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ