شىجىر يېزىسى

شىجىر بازىرى

شىجىر بازىرى شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسىنىڭ شەھەر غەربىگە 23 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى شىجىر بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 122 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 西吉尔镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسى
نوپۇسى 8385 ئادەم
ماشىنا كودى 新B

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئورنى

شىجىر بازىرىشىجىر بازىرى شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسىنىڭ شەھەر غەربىگە 23 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى دۇڭچېڭ بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي ئۆزبېك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ئېگىنبۇلاق يېزىسى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ لوچىتەي بازىرى بىلەن چېگرالانغان. پۈتۈن بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 122 كۋادرات كىلومېتىر.

كىلىماتى

شىجىر بازىرىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق يېرىم قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا تەۋە، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃6، قىروسىز مەزگىلى 154 كۈن، يىللىق كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2800 ~ 3000 سائەت، ئىسسىقلىق مىقدارى مول، ھاۋا تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 292.4 مىللىمېتىر، يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2020 مىللىمېتىر. پۈتۈن بازاردىكى بىردىن بىر سۇ مەنبەسى قارلىق تاغ ئىچكىرىسىدىكى شىمىگو دەرياسى، يىللىق ئېقىم مىقدارى 8 مىليون 870 مىڭ كۇب مېتىر، يەر ئاستى سۇ زاپىسى 12 مىليون كۇب مېتىر، يىللىق ئېچىشقا بولىدىغان مىقدارى 7 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ.

تەبىئىي بايلىقى

شىجىر بازىرىشىجىر بازىردىكى پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق كۆلىمى 16 مىڭ مو بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 67 مىڭ 600 مو، بۇنىڭ ئىچىدە سۇغىرىلىدىغان يەر كۆلىمى 30 مىڭ مو، تاغلىق قۇرغاق يەر كۆلىمى 37 مىڭ 600 مو. 2004-يىلى، 2352.2 مو يەردە ئورمان بىنا قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە: تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش كۆلىمى 1052.7 مو، ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 692 مو، ئىھاتە ئورمان كۆلىمى 207.5 مو، تۆت قاقاسلىقتا ئورمان بىنا قىلىشتا تاماملانغان كۆلىمى 300 مو، 105 مىڭ مو يەردە كۆچەت يېتىشتۈرۈلگەن. ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، پۇرچاق، قوناق، ئارپا، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن نوقۇت، گۈللۈك سەي پۇرچاق، سېرىق پۇرچاق، قىزىلگۈل، گازىر تاۋۇز، زىغىر، كۆكتات ئۇرۇقى، بېدە قاتارلىقلار بار، مورى ناھىيەسىدىكى نۇقتىلىق چارۋىچىلىق يېزا-بازارلارنىڭ بىرى.

شىجىر بازارغا قاراشلىق: شىجىر كەنتى، ئالمىلىق باغ كەنتى، تۇنجۋاڭ كەنتى ۋە شىمىگو كەنتى قاتارلىق تۆت كەنت ئاھالە كومىتېتى، 20 پونكىت (بەش بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان پونكىت، 15تارماق باشقۇرۇش پونكىتى) بار.

ئومۇمىي ئائىلە سانى 2265 ئائىلە، نوپۇسى 8385 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 1850 ئائىلىلىك، 8084 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەت 63 ئائىلىلىك، 298 ئادەم، ئاساسلىقى ئۇيغۇر، خۇيزۇ، زاڭزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان.

شىجىر بازىرىبازار بويىچە جەمئىي 10 پارتىيە باش ياچېيكىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە: پارتىيە باش ياچېيكىسى تۆت، ئورگان ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ياچېيكا ئالتە. بازار بويىچە پارتىيە ئەزاسى 39 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال پارتىيە ئەزاسى 38 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 6 نەپەر، چارۋىچى پارتىيە ئەزاسى 314 نەپەر، 3 پېشقەدەملەر 95 نەپەر. بازار بويىچە جەمئىي رايون، ئوبلاست، ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇندىن 20 سى بار بولۇپ، ئومۇمىي مەدەنىي ئورۇن سانىنىڭ %76 نى ئىگەللىگەن، ناھىيە بويىچە مەدەنىي ئورۇن ئەڭ كۆپ بولغان بىر بازار.

شىجىر بازىرىدا سانائەت كارخانىسىدىن: ھىڭ ئاچچىقسۇ، جاڭيۇ زاۋۇتى، 3-ئاشلىق، ھاراق زاۋۇتى، ئۇن زاۋۇتى، بۈركۈت نۇقۇت زاۋۇتى، خىش زاۋۇتى قاتارلىق 25 سانائەت كارخانىسى بار. 41 سودا تور-نوقتىسى، 1 مەركىزىي يولۇچىلار بېكەت، 60 يەككە ترانسپورت كەسپى ئورۇن، 15 مۇلازىمەت كەسپى ماگزىنى بار.

شىجىر بازىرىئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن : ھىڭ ئاچچىقسۇ قىيامى، ئۈچ ئاشلىق ئاق ھاراق، نوقۇت تالقىنى، سۇ يېغى، ئۇن، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار بار.

1994-يىلى 11-ئايدا، شىجىر يېزىسى شىجىر بازىرىغا  ئۆزگەرتىلگەن، 1998-يىلى، شىجىر بازىرى سانجى ئوبلاستى تەرىپىدىن ئوبلاست دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك يېزا-بازار دەپ نام بېرىلگەن.

2003-يىلى، شىجىر بازىرى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن نۇقتىلىق 100 ئىشتاتلىق بازارلارنىڭ بىرى، سانجى ئوبلاستى تەرىپىدىن 17 نۇقتىلىق ئىشتاتلىق بازارلارنىڭ بىرى قىلىپ بىكىتىلگەن.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#