- بۇغداي (ئاشلىق ،زىرائەت)
- بۇغداي (خام دورا)
- بۇغداي (ئۆلچەم بىرلىكى)
بۇغداي
بۇغداي ئىنسانلار ئەڭ بالدۇر تېرىپ ئۆستۈرگەن ئاشلىق زىرائىتىدۇر. قەدىمكى مىسىرنىڭ تاش ئويمىلىرىدا بۇغداي تېرىپ ئۆستۈرۈش خاتىرىلەنگەن. كىشىلەر قەدىمكى مىسىر پىرامىدا (ئېھرام) سىنىڭ تاش يوچۇقلىرىدىن بۇغداي دانلىرىنى بايقىغان بولۇپ، ئارخېئولوگلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، تەخمىنەن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا غار-ئۆڭكۈرلەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلار ياۋا بۇغداينى يېمەكلىك قىلىشقا باشلىغانىكەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇغداي تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، باشاقلىقلار ئائىلىسىنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە، يەنى يوپۇرماق تومۇرلىرى پاراللېل، غولى كاۋاك ھەم بوغۇملۇق، باشاقسىمان گۈل رېتى بولۇپ، ھەربىر كىچىك گۈلدە گۈل تاجى ياپراقچىسى بولمايدۇ، ئەمما قاسىراقچىسى بولىدۇ. بۇغداي ۋە شالغا ئوخشاش گۈلىدە مانا مۇشۇنداق قاسىراقچىسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قاسىراق گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇغداينىڭ قاسىراقچىسىدا قىلتىرىقى بولۇپ، بۇ بۇغداي سورتلىرىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ئاساسلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
تېرىش ۋە ھوسۇلىنى يىغىش پەسىللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئېلىمىزدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان بۇغدايلار ئىككى خىل فىزىئولوگىيىلىك تىپقا بۆلۈنىدۇ: بىرى، قىشلايدىغان كۈزلۈك بۇغداي؛ يەنە بىرى، بىر يىللىق يازلىق بۇغدايدىن ئىبارەت. كۈزلۈك بۇغداي ئادەتتە مۆتىدىل بەلۋاغ رايونلىرىدا 9-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا تېرىلىپ، ئىككىنچى يىلى 4-ۋە 5-ئايلاردا يىغىۋېلىنىدۇ. ئۇ ئاساسەن چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى بىلەن شىمالىي جۇڭگونىڭ قىسمەن رايونلىرىغا كۆپرەك تارقالغان. يازلىق بۇغداي ئادەتتە 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى تېرىلىپ، شۇ يىلى يىغىۋېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋېگېتاتىۋ ئۆسۈش دەۋرى بىرقەدەر قىسقا بولۇپ، ئاساسلىقى ئىچكى موڭغۇل، شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمالدىكى بىرقەدەر سوغۇق رايونلاردا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ
پۈتۈن يەر شارىدىكى بۇغداي تېرىلىدىغان يەرلەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىلىدىغان يەرلەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ئىچىدىكى ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، مەھسۇلات مىقدارىمۇ شالنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىدىن قېلىشمايدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى 3 /1 قىسىم ئاھالە بۇغداينى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.