تاغارچى بازىرى

تاغارچى بازىرى خوشۇت ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىگە سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈلگەن، باغۋەنلىك ئورتاق راۋاجلاندۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى تاغارچى بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 塔哈其镇
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاغارچى بازىرىتاغارچى بازىرى خوشۇت ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىگە سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈلگەن، باغۋەنلىك ئورتاق راۋاجلاندۇرۇلغان. يېزا بويىچە مەمۇرىي رايون كۆلىمى 176 كۋادرات كىلومېتىر، يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 71 مىڭ مو، قوتاندىكى چارۋا سانى 31936 تۇياق . يېزا ئىقتىسادىي كىرىمى 10005.2 مىليۇن يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5394.9 يۈەنگە يەتكەن. 

بازارلىق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بەش مەمۇرىي كەنت، 18 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، بىر شىپاخانا، بەش كەنت دەرىجىلىك شىپاخانا، ئىككى مەكتەپ، 11 پونكىت، ئىككى خىش زاۋۇتى، ئۈچ ئۇن زاۋۇتى، تۆت قومۇش پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، ئىككى ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى بار.

مەمۇرىي كەنىتلەردىن : زورمۇنسۇل كەنتى، چاغان بۇخ كەنتى، خويۇرمودون كەنتى، ئارۇن دۆرۋىن كەنتى قاتارلىقلار بار.

تاغارچى بازىرى نوپۇس 7999 ئادەم، كۆچمە نوپۇس 3945 ئادەم، خەنزۇ 5527 ئادەم، ئۇيغۇر 1260 ئادەم، موڭغۇل 761 ئادەم، خۇيزۇ 213 ئادەم بۇلۇپ، باشقا مىللەتلەردىن 12 ئادەم بار. ئاساسلىقى خەنزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

بازارلىق پارتكومنىڭ قارىمىقىدا 10 پارتىيە ياچېيكىسى، 242 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار. 

تاغارچى بازىرىيېڭى سىياسەت ۋە يېڭى تەدبىرلەرنىڭ پائال يېتەكلىشى ئارقىسىدا، 2007-يىلى بازار بويىچە جەمئىي 9315.78 مو يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى تاماملانغان؛ يەرنى سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش خىزمىتىدە، ئۈزۈمچىلىك تېمىتىپ سۇغىرىش 8715.78 مو، پاختا تېمىتىپ سۇغىرىش 600 مو، ھويلا-ئارام تېرىقچىلىقىنى تېمىتىپ سۇغىرىش 200 مو تاماملىنىپ، جەمئىي 8 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 2007-يىلى يېزا بويىچە بۇغداي 1200 مو؛ كۆممىقوناق 940 مىڭ مو؛ پاختا 38913 مو؛ تاتلىق ياڭيۇ 1000 مو؛ كۆكتات 1485 مو؛ تاۋۇز 112 موغا يەتكەن. كىچىك ئەگمە لاپاس 30 دىن ئاشقان، 3 مىڭ مو بېدە تېرىلغان؛ چوڭ لاپاس 2502 غا يەتكەن، كۆكتاتلارنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 18 مىڭ توننا، مەھسۇلات قىممىتى 20 مىليون يۈەن بولغان. 

تاغارچى يېزىسى2007-يىلى يېزا بويىچە 31936 تۇياق چارۋا قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە كالا 1003 تۇياق، ئات 109 تۇياق، ئېشەك 34 تۇياق، تۆگە 93 تۇياق، چوشقا 2486 تۇياق، ئۆچكە 4715 تۇياق، قوي 23732 تۇياق، توخۇ 1590 دانە بولغان. يېڭىدىن ئۈلگىلىك ئائىلىدىن توققۇز ئائىلە كۆپەيگەن بۇلۇپ، بۇ ئائىلە ئاساسلىقى قوتاندا ۋە  كۆك يەم بىلەن كالا، قوي بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ، تەرەققىيات باقمىچىلىق ئائىلىسىدىن ئىككى ئائىلە كۆپەيگەن بۇلۇپ، بۇ ئائىلە ئاساسلىقى ياۋا غاز، توز، ياۋا ئۆردەك، بۇغا قاتارلىقلارنى بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ.

سۇچىلىق قۇرۇلۇشى

بۇ سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىدا، 3.05 كىلومېتىر ئۇزۇنلىقتا سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياسالغان؛ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 12 دانە قۇدۇق قېزىلغان، يۈرۈشلەشكەن ئىمارەتلەر 65 كە يەتكەن، 2 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئۇنىۋېرسال يۇقىرى بولغان ئىككى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي مەبلىغى 1077 مىليۇن يۈەنگە يەتكەن.

يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى

يېزا بويىچە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرالايدىغان جەمئىي 173 ئۆي سېلىنغان، يەنە يېڭىدىن 162 سى سېلىنغان، قۇرۇلۇشقا 10مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

يېزا-كەنت تاشيول قۇرۇلۇشى ئەھۋالى 

 يېزا-كەنت تاشيولى 24.47 كىلومېتىرغا يەتكەن، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرالايدىغان 7 كىلومېتىرلىق ئاسفالىت يول يېڭىدىن ياسالغان، تاشيول قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 1189.4 مىليۇن يۈەن كەتكەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#