قوشئېرىق يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. قوشئېرىق يېزىسى (كورلا شەھىرى)
  2. قوشئېرىق يېزىسى (يەكەن ناھىيەسى)
كورلا شەھىرى

قوشئېرىق يېزىسى

قوشئېرىق يېزىسى

قوشئېرىق يېزىسى، شىنجاڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرى قارمىقىدىكى يېزا، كورلا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى قوشئېرىق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 110 كىۋادرات كېلومىتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 和什力克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
تەۋە رايون شىنجاڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرى
نوپۇسى 5640 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قوشئېرىق يېزىسى، شىنجاڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرى قارمىقىدىكى يېزا، كورلا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان.

قوشئېرىق يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرقوشئېرىق يېزىسى، كورلا شەھەرىگە قاراشلىق يېزا.

1952- يىلى قوشئېرىق يېزىسى تەسىس قىلىنغان.

1958 - يىلى گۇڭشې قۇرۇلغان.

1984 - يىلى قايتا يېزا تەسىس قىلىنغان. مەمۇرىي رايونىنىڭ كۆلىمى 110 كىۋادرات كىلومېتىر، كورلا شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك چوڭ يېزىسىنىڭ بىرى. پۈتۈن يېزىغا قاراشلىق بەش مەمۇرىي كەنت، 20 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، بىر يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئېچىش رايونى، 11 پونكىت، 5 مەكتەپ بار. ئاھالىلەر 1593 ئائىلە، ئومۇمىي نوپۇسى 5640 ئادەم، ئەمگەك كۈچى 3200 ئادەم، يېزا-كەنت تاشيولى ياسالغان. قوشئېرىق غول ئۆستەڭ ۋە يۇڭفېڭچۈ ئۆستىڭى، تەۋەسىدىكى ئاساسلىق سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرى بار. ئىقتىسادىي چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، نەشپۈت، چۈچۈكبۇيا كۆپ چىقىدۇ.

پۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5 . 60 مىڭ مو، (بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسى ئېتىز 60 مىڭ مو دۆلەت ئىلكىدىكى يەر 20 مىڭ مو)، ئاساسلىق زىرائەت نەشپۈت، چىلان، كېۋەز، بۇغداي، قوناق قاتارلىقلار بار.

ئىسلاھات ‐ ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغاندىن ئېتىبارەن، قوشئېرىق يېزىسىدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيىنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆز يېرىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كورلا شەھىرىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق  يېزا (بازار) يۆلەش، ئېچىشتەك بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ، يېزا يولىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانچلىق، چارۋىچىلىقنى تىرەك قىلىپ، كارخانا، ئۆزگىچە باغ-ئورمانچىلىق، تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەردىن قايتا پايدىلىنىشقا تايىنىپ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈگەن.

2007-يىلى، يېزا بويىچە سانائەت 68708.886 مىڭ يۈەن ، 1-كەسىپنىڭ كىرىمى 63938.886 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، 2006-يىلدىكىدىن %78.78 ئاشقان، 2-كەسىپنىڭ كىرىمى 770000 يۈەن، 2006 - يىلدىكىدىن %0.8 ئاشقان، 3-كەسىپنىڭ كىرىمى 200 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5798.07 يۈەن بولغان، 2006-يىلدىكىدىن 504 مىليون يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %7 گە يەتكەن.

قوشئېرىق يېزىسى ھاللىق يېزىغا ئايلانغان، يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت پەن-تېخنىكا خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پۈتۈن يېزىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئامما، پەن - تېخنىكا ئۆگىنىدىغان  پەن- تېخنىكىدىن پايدىلىنىدىغان، پەن-تېخنىكا، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ، پائال يول ئېچىپ ئىلگىرىلىشى، ئىتتىپاقلىق-ھەمكارلىقىنى چىڭ تۇتقان، پۈتۈن يېزىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈگەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «پەن-تېخنىكا قىشى» بولۇپ باھالاندى، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئىلغار كوللېكتىپى، يەنە كۆپ قېتىم ئوبلاست، شەھەرلىك پەن-تېخنىكا خىزمىتىدا ئىلغار بولۇپ باھالانغان.

قوشئېرىق يېزىسىدا مەركىزىي مەكتەپ قارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، باشلانغۇچ مەكتەپ تۆت، ئايرىم - ئايرىم ھالدا قوشئېرىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، قوشئېرىق يېزىسى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، ئۈستۈنكى قوشئېرىق كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى، سايئېرىق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپى، ئىتتىپاق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىقلار بار.

بۇنىڭدىن تاشقىرى،  بىر دېھقان - چارۋىچىلار مەدەنىيەت تېخنىكا مەكتىپى بار.

ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانى 116 نەپەر، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى 32 نەپەر، پېنسىيىگە چىققان خادىم 11 نەپەر، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 11 نەپەر، ئىشچى 2 نەپەر، مالىيە خادىمى 1 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانى سالاھىيىتىگە ئىگە ئوقۇتقۇچى سانى 54 نەپەر، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋانى سالاھىيىتىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار سانى 95 نەپەر، قوش تىل تەربىيىلەشكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچى 23 نەپەر، ھازىر قاتناشقان ئوقۇتقۇچى 5 نەپەر. مەكتەپ ئومۇمىي كۆلىمى71611㎡. يېزا بويىچە 30 سىنىپ بار، 2007 - يىلىغا قەدەر يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 193 نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 481 نەپەر، مەكتەپلەردىكى تۆت تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى سانى 63 نەپەر، بالىلار سىنىپى 4، ئوقۇغۇچى سانى 72 گە يەتكەن.

قوشئېرىق يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرقوشئېرىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ : مەكتەپ كۆلىمى12987㎡، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانى 35 نەپەر، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچى 23 نەپەر، ئىشچىلار 1 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال ئوقۇتقۇچى 17 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 193 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە قىز ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانى 91 نەپەر، يەتتە سىنىپ بار.

قوشئېرىق يېزىسىدىكى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ : مەكتەپ كۆلىمى14652㎡، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانى 30 نەپەر، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 30 نەپەر، ئىشچىلار 1 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال ئوقۇتقۇچى 23 نەپەر، ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانى 179 كىشى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە قىز ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانى 76 نەپەر، 6 سىنىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى ئىككى بولغان .

قوشئېرىق يېزىسى ۋە ئون مەڭلىك كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى : مەكتەپ كۆلىمى14655㎡، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانى 21 نەپەر، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 21 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال ئوقۇتقۇچى 9 نەپەر، ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانى 145 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 65 نەپەر، ئالتە سىنىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى ئىككى.

قوشئېرىق يېزىسى سايئېرىق كەنتى باشلانغۇچ مەكتەپ : مەكتەپ كۆلىمى15984㎡، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانى 22 نەپەر، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 22 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال ئوقۇتقۇچى 16 نەپەر، ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانى 111 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە قىز ئوقۇغۇچىلار سانى 51 نەپەر، 6 سىنىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى ئىككى.

قوشئېرىق يېزىسى ئىتتىپاق كەنتى باشلانغۇچ مەكتەپ : مەكتەپ كۆلىمى 13 مىڭ 333 ㎡، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانى 8 نەپەر، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 8 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال ئوقۇتقۇچى 2 نەپەر، ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانى 45 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 25 نەپەر، بەش ئوقۇتۇش سىنىپى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى ئىككى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#