ئايباغ يېزىسى

ئايباغ يېزىسى

ئايباغ يېزىسى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان،ئومۇمىي كۆلىمى 300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئايباغ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 300 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿依巴格乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاۋات ناھىيەسى
نوپۇسى 19521 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئايباغ يېزىسىئايباغ يېزىسى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىيغا يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقتە غوروچۆل بازىرى، جەنۇبتا تىيەنفېڭ ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، غەربىي شىمالدا تارىم ياغاچ تولاق يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى 5 كېلومىتىر. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى بىر كلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بىر يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىغان، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ئومۇميۈزلۈك راۋاجلانغان يېزا ئىگىلىك يېزىسى، يېزا تەۋەسىدە 16 مەمۇرىي كەنت، 67 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، ئاھالىسى بەش مىللەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 19521 ئادەم بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 18220 ئادەم. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 70 مىڭ مو، ئوتلاق 91 مىڭ 700 مو، ئورمان 2593 مو.

ئايباغ يېزىسىپۈتۈن يېزا تەۋەسىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى تەكشى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1039 مېتىر. كىلىمات شارائىتى بىر قەدەر ياخشى، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 46 مىللىمىتىر، قىراۋسىز مەزگىلى 210 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. سۇ-تۇپراق بايلىقى بىر قەدەر مول، تۇپراقنىڭ ئورگانىك ماددا مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، ھەر خىل زىرائەت تېرىشقا ماس كېلىدۇ، بولۇپمۇ مېۋە-چېۋە ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق، ئاساسلىق زىرائەتلىرىدىن : پاختا، بۇغداي، قوناق، شال، مايلىق دان، تاۋۇز، قوغۇن قاتارلىقلار بار.

ئايباغ يېزىسىئىسلاھات ‐ ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغاندىن ئېتىبارەن، ئايباغ يېزىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، ئىقتىساد ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. 2001 -يىلىغا كەلگەندە، پۈتۈن يېزىدىكى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 3019.5 تۈمەن يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي كىرىمى 6140.8 تۈمەن يۈەن، يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ كىرىمى 3 مىليون 100 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2621 يۈەن.

ئايباغ يېزىسىيېقىندىن بېرى، يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت ئۈزلۈكسىز يېزا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى تەدرىجىي ھالدا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، پاختا تېرىقچىلىقى، كالا، قوي باقمىچىلىقى، ئۈزۈمنى ئاساس قىلغان باغۋەنچىلىك قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپنى تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق راۋاجلىنىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى ۋە مول يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئۈزۈم قاتارلىق مېۋە-چىۋىلەرنىڭ ئۆسۈشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، ھازىرغاقەدەر، يېزا بويىچە ئۈزۈم كۆلىمى 15 مىڭ موغا يەتكەن . مېۋە بەرگەن چىلانلىق كۆلىمى 6000 مو، ئۈزۈمدىن قىلىنغان كىرىم 2 مىليون يۈەن بۇلۇپ، ساپ كىرىمنىڭ %33 نى ئىگىلەيدۇ، بۇ دېھقانلارنى بېيىتىش ۋە يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان. 

ئۈزۈم تېرىش ئىلگىرىكى ھويلا-ئارام تېرىقچىلىقىدىن ھازىرقى يول بويىغا تېرىش، چوڭ ئېتىزغا تېرىشقا تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ، ئۈزۈم سورتلىرى ئاساسلىقى مۇناقى ۋە خوتەن قىزىل ئۈزۈمى قاتارلىق سورتلارنى ئاساس قىلىدۇ. ئۈزۈم تېرىش، تىكىش، تېرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپ زەنجىرى ئاساسىي جەھەتتىن  شەكىللەندۈرۈلگەن، ھەر ئۈزۈم پىشقان پەسىلدە گۇاڭجۇ، شاڭخەي، چىڭدۇ ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى سەييارە سودىگەرلەر ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ سېتىۋالىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېچىتىش  ھۈنەر سەنئىتىدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مۇسەللەسنىڭ تەمى تاتلىق، ساپ، خۇش پۇراقلىق بۇلۇپ، باھنى كۈچەيتىش، قاننى جانلاندۇرۇپ يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، ھۆسن تۈزەش رولى بار، « ئەرلەر ماي قاچىلاش پونكىتى، ئايال ھۆسۈن تۈزەش ئورنى » دەپ نامى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭدا داڭ چىقارغان.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#