:
يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك يوللاردىن ئىگىللىشىچە، يېڭى نۇسخا خەيما S7 ئاۋغۇستتا رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن، يېڭى ماشىنىغا بۇرۇنقىدەكلا 2.0L لىق ئۆزلىكىدىن گاز سۈمۈرىدىغان ۋە 1.8T لىك پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور سەپلىنىدۇ. ئىلگىرىكى ئىلتىماس سۈرىتىدە كۆرسىتىلگىنىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ماشىنىدا ئاساسلىقى سىرتقى كۆرۈنۈش، ماشىنا گەۋدىسى رازمىرىنى تەڭشىگەن.
يېڭى نۇسخا خەيما S7 دە ئاساسلىقى ئالدى يۈز قىياپىتى تەڭشەلگەن، يېڭى ماشىنا ھازىرقى نۇسخا ماشىنا تىپىنىڭ تورسىمان سالاسۇنىنى شاقىراتما شەكىللىك سالاسۇنغا ئۆزگەرتكەن، ئالدى بىخەتەرلىك لىمىدا بىر گەۋدىلەشكەن لايھىە قوللانغان، ئومۇمى تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك. ماشىنا گەۋدىسى رازمىرى جەھەتتە، يېڭى نۇسخا خەيما S7 نىڭ رازمىرى 4480/1860/1715mm، بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنا گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ھازىرقى نۇسخا ماشىنا تىپىدىن 50mm ۋە 15mm ئازايغان، كەڭلىكى 30mm ئاشقان، ئوق ئارىلىقىنى ئۆزگەرتمەي بۇرۇنقىدەكلا 2619mm لىق ئارىلىقتا ساقلاپ قالغان.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى جەھەتتە، يېڭى نۇسخا خەيما S7 گە بۇرۇنقىدەكلا 2.0L ۋە 1.8T لىك ئىككى نۇسخا ماتور سەپلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 2.0L لىق ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 150 ئات كۈچى، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 180 ن.م؛ 1.8T لىك ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 188 ئات كۈچى، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 230 ن.م؛