رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە پۇلدارلىرىنى ۋە سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنى چەتئەلدىكى كاپىتالىنى رۇسىيەگە قايتۇرۇپ كېلىشكە دەۋەت قىلدى، شۇنداقلا كاپىتالىنى چەتئەل بازىرىدا داۋاملىق ساقلىماقچى بولغانلارنىڭ پۇللىرىنىڭ توڭلىتىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىدىن بېشارەت بەردى.
پۇتىن ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېدى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا ئارىلاشقانلىقى سەۋەبىدىن بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا جازا تەدبىرى قوللىنىشى مۇمكىن، ئۇ 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «چەتئەلنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىدىكى كاپىتالنى ئىشلىتىش چەكلىنىشى مۇمكىن.»
بۇلتۇر رۇسىيە كاپىتالىنىڭ سىرتقا ئېقىش مىقدارى 151 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تارىخى رېكورت ياراتتى. بۇ پۇتىننى بۇلتۇر 12-ئايدا بىر تۈرلۈك «ئالاھىدە كەچۈرۈم» تەدبىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلغان. بۇ تەدبىرگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيەگە قايتىپ كەلگەن كاپىتال باج ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئاۋارىچىلىكلەرگە ئۇچرىمايدىكەن.