100 مىڭ يىلدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ چىرايى قانداق بولىدۇ؟

مەنبە :ئۇزار تورى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-20

تاش قوراللار دەۋردىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ چىرايى توختىماستىن ئۆزگەرمەكتە، ئۇنداقتا نەچچە 10 مىڭ يىلدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ چىرايى قانداق بولىدۇ؟

گېن قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ چىرايىمۇ بارغانسېرى ئۆزگەرمەكتە. 100 مىڭ يىللاردىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ بېشى يوغىناپ كۆزى يۇمۇلاقلىشىپ كارتون ئادەملەرگە ئوخشاپ قېلىشى مۇمكىن. 

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» دە بىر قىسىم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان رەسىملەر ئېلان قىلىنىپ 100 مىڭ يىل كېيىنكى ئىنسانلار چىراي-تۇرقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بۇ رەسىملەرنى سەنئەتكار نىكولاي رام سىزغان. 


ھازىرقى زامان تىپىك ئەرلەر چىرايى ۋە تىپىك ئاياللار چىرايى


20 مىڭ يىلدىن كېيىن: كىشىلەرنىڭ كاللىسى تېخىمۇ چوڭىيىپ، پېشانىسىمۇ ئازراق چوڭىيىدىكەن. كۆز قارىچۇقى ئەراپىدىكى سېرىق سىزىقلار كەلگۈسىدىكى «ئالاقىلىشىش كۆزەينىكى» بولىدىكەن. 


60 مىڭ يىلدىن كېيىن: كاللىسى تېخىمۇ چوڭىيىپ، كۆزىمۇ تەرەققىي قىلىدىكەن، تېرىسى بولسا تۇتۇق رەڭگە قاراپ يۈزلىنىدىكەن. پېشانە سۆڭىكى تېخىمۇ ئېنىق بولۇپ چىقىدىكەن. بۇ كىرپىكنىڭ ئاستىدىكى كۆلەڭگە رايونىنىڭ رەڭگىنىڭ قېنىقلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. 


100 مىڭ يىلدىن كېيىن: ئادەمنىڭ يۈزى ھەقىقەتەن «ئالتۇن نىسبەت» تە بولىدىكەن، لېكىن كۆزى يوغىناپ سەل چەكتىن ئېشىپ كېتىدىكەن. كۆز پەردىسى يېشىل رەڭلىك نۇر قايتۇرىدىكەن. پېشانە سۆڭىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالدىغا چىقىدىكەن. كۆزنىڭ تۇتۇق كۈلرەڭ بولغان بۆلىكىدە يېرىم ئاي شەكىللىك قورۇق پەيدا قىلىدىكەن.

مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز