شىنجاڭ سەھەر گېزىتى خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەر قايسى رايونلاردىكى جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا جەمئىيەتتىن 685 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان بولۇپ، خىزمەت ئورنى ئاساسەن مەھەللە خىزمىتى ئىكەن.
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خادىم قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، قوبۇل قىلىنغان خادىملار 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا ئىشقا چىقىدىكەن. بۇ قېتىملىق خادىم قوبۇل قىلىشتا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوبيېكتلار ئۈرۈمچى شەھىرى نوپۇسىدىكى، ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بولغان شۇنداقلا «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىزلىق كىنىشكىسى» بار ئەمما تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەر بولۇشى كېرەك ئىكەن، قىزىققۇچىلار مۇناسىۋەتلىك كوچا باشقارما مەھەللە كومىتېتقا بېرىپ تىزىملاتسا بولىدىكەن.