يېقىندا، يىپيېڭى ئاۋدى Q7 گە ياۋروپادا رەسمىي زاكاز قوبۇل قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 60900 ياۋرو (تەخمىنەن 405 مىڭ يۈەن) دىن باشلىنىدىكەن.
يېڭى بىر ئەۋلاد ئاۋدى Q7 نىڭ ئېغىرلىقى 716.5 قاداق بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئالدىنقى ئەۋلاد Q7 دىن 37 مىللىمېتىر قىسقا، كەڭلىكى 15 مىللىمېتىر تار ئىكەن. 405 مىڭ يۈەنلىك دەسلەپكى نەشرىگە 3.0TDI موتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى قۇۋۋىتى 272 ئات كۈچى، ئەڭ يۇقىرى بۇرۇلۇش مومېنتى 600NM. تىنچ ھالەتتىن سائىتىگە 100 كىلومېتىرلىق تېزلىككە چىقىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت 6.3 سېكۇنت بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى سائىتىگە 234 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. مەزكۇر نەشرىنىڭ ماي سەرپىياتى 100 كىلومېتىردا 5.7 لىتىر. كاربون تۆت ئوكسىد چىقىرىش مىقدارى ھەر كىلومېتىردا 149 گىرام.