خۇنەن چاڭشادا يېقىندا 57 قەۋەتلىك ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۆگزىسى يېپىلدى. بۇ ئېگىز بىنا كۇبىك تىزىش شەكلىدە قوپۇرۇپ چىقىلغان بولۇپ، پۈتۈشىگە پەقەت 19 كۈنلا ۋاقىت كەتكەن، ئىشچىلار كېچە-كۈندۈز ئىشلەش ئارقىلىق كۈنىگە 3 قەۋەتنى پۈتتۈرگەن.
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش خۇنەن يۈەندا تېخنىكا گۇرۇھى (湖南远大科技集团) قارمىقىدىكى يۈەندا قۇرۇلۇش شىركىتى (远大可建公司) تەرىپىدىن سېلىنغان بولۇپ، بىنانىڭ ئېگىزلىكى 200 مېتىردىن ئاشىدىكەن، قۇرۇلۇش كۆلىمى 180 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، 3.6 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىيادىلەر كوچىسى، 19 دانە 10 مېتىر ئېگىزلىكتىكى زال، 4000 كىشلىك خىزمەت مەيدانى ۋە 800 ئائىلىلىك تۇرالغۇ ئۆينى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
يۈەندا شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىناغا مودۇللاشتۇرۇلغان ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، %95 قۇرۇلۇش مىقدارى زاۋۇت ئىچىدە تاماملانغان. بىنا تېمىغا كۆپ خىل تېخنىكىلار قوللىنىلغانلىقتىن ئادەتتىكى بىنالارغا قارىغاندا %80 ئېنېرگىيەنى تېجەپ قالالايدىكەن. ھازىر بىنا ئاساسى قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان بولۇپ، تام ۋە ئىچكى بېزەك باسقۇچىغا كىرگەن.
يۇەندا شىركىتى 2010-يىلى شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسىدە بىر كۈن ۋاقىت ئىچىدە 6 قەۋەتلىك بىنانى پۈتتۈرگەن ئىكەن، شۇ يىلى 6-ئايدا 6 كۈن ئىچىدە چاڭشادا كۆلىمى 610.83 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان، ئېگىزلىكى 50 مېتىر، جەمئىي 15 قەۋەتلىك مېھمانخانىنى پۈتتۈرگەن، 2011-يىلى 15 كۈن ئىچىدە 30 قەۋەتلىك مېھمانخانا بىناسىنى پۈتتۈرگەن.
يۇەندا شىركىتىنىڭ بۇ خىل تېز سۈرئەتتە بىنا سېلىشىغا قارىتا بەزى تورداشلار ھەيرانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن بەزى كىشىلەر «كىم ئۇ بىناغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ؟» دەپ سوئال قويغان، يەنە بەزى كىشىلەر، جۇڭگولۇقلاردا كەم بولۇۋاتقىنى سۈرئەت ئەمەس بەلكى سۈپەت، دېگەن.