«پۇل-مۇئامىلە گېزىتى» خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇچۇر بەرگۈچى كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا كىرىشكە قوشۇلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا ئەزا دۆلەتلەر 31 گە يەتتى. بۈگۈن ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر كۈنى بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيە رەسمىي ھالدا جۇڭگوغا ئىلتىماس ئېتىراپنامىسىنى سۇنغان ئىدى.
ئەنگلىيەنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئاسىيا ئۇل مۇئەسسەسە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قوشۇلۇشى پەيدا قىلغان زەنجىرسىمان تەسىر بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، مۇخبىرنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىدىن ئۇقۇشىچە، كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قوشۇلۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قارار چىقىرىش باسقۇچىدا تۇرۇۋېتىپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم دۆلەتلەر ئەڭ تېز بولغاندا 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدىكەن.