مىسىردا 27 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

مەنبە :nur.cn       يوللىغۇچى : ئەلقەم ئەنۋەر       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-17

جاھان ئاگېنتلىقى 16-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىر سوت مەھكىمىسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار رەھبىرى مۇھەممەد بەدىئى ۋە 13 نەپەر باشقۇرغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 27 كىشى ھەققىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىش قارارى چىقاردى. قاھىرە سوت مەھكىمىسى، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار رەھبىرى مۇھەممەد بەدىئى ۋە 13 نەپەر رەھبەرنىڭ ئارخىپىنى كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئۈۈچن مىسىر مۇپتىسىغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. مۇپتى ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىدۇ.

قاھىرەدىكى ساقچى ئاكادىمىيىسىدە سوتچى مۇھەممەد ناجى شاھاتا باشچىلىقىدا توپلانغان مەھكىمە، جەمئىيەتتە «رابىئە ھەرىكىتى ئىشخانىسى» دەپ بىلىنگەن داۋانىڭ قارار بېكىتىلىش سوتىنىڭ 11-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى قارار قىلدى.

داۋادا مۇھەممەد بەدىئى بىلەن بىرگە مۇسۇلمان قېرىنداشلار رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد غەزلان، ئەھمەد ئەبۇ بەرەكە، ساد ھۈسەينى ۋە سالاھ سۇلتان قاتارلىقلار سوتقا تارتىلىدۇ.

رابىئە ھەرىكىتى داۋاسى دەپ بىلىنگەن بۇ داۋادا سوت مەھكىمىسى جىنايەتچىلەرگە، مۇرسىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىن رابىئە ۋە نەھزە مەيدانلىرىدا قالايمىقانچلىق چىقىرىش ۋە دۆلەتكە قارشى ھەرىكەت ئۇيۇشتۇرۇش جىنايەتلىرىنى قاراتماقتا. جىنايەتچلەرگە بۇنىڭ بىلەن بىرگە ساقچىخانىلارغا ھۇجۇم قىلىش، شەخسى مۈلك ۋە چېركاۋلارغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئەيبلەشلەرنى قاراتماقتا.

مىسىردا مەھكىمىلەر قانۇن ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئارخىپلىرىنى قاراپ چىقىش ئۈچۈن مۇپتىغا ئەۋەتىدۇ. ئەمما مۇپتىنىڭ قارىشى ئۆلۈم جازاسىدا ئاساسلىق كۈچ ئەمەس، ئۆلۈم جازاسىدا ھۇقۇق مەھكىمە ھەيئىتىگە خاس.

مىسىردا مەنسۇرە سوت مەھكىمىسى 4 ئوخشىمىغان داۋادا جەمئىي 13 نەپەر ھەربي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققۇچىنىڭ ئارخىپلىرىنىڭ قاراپ چىقىلىشى ئۈچۈن مۇپتىغا ئەۋەتىش قارارى چىقاردى. مەنسۇرە مەھكىمىسى بۇ داۋالارنىڭ قارار بېكىتىلىش ۋاقتىنىڭ 18-ماي ۋە 22-ئىيۇندا بولۇشىنى قارار قىلدى.

مىسىر مەھكىمىسى 28-فېۋرالدا، 2013-يىلى 30-ئىيۇن نامايىشىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قاھىرەدىكى مەركىزى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبلىك 4 نەپەر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئەزاسىغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان. ۋە تەشكىلات رەھبىرى مۇھەممەد بەدىئىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى چىقارغان.

ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار بولسا، ئابدۇررەھىم مۇھەممەد ئابدۇررەھىم، مۇستاپا ئابدۇلئەزىم بەشلاۋى، مۇھەممەد ئابدۇلئەزىم بەشلاۋى، ۋە ئاتىف ئابدۇلجەلىل سەمرا….

مىسىردا 2013 تىكى ھەربىي ئۆزگىرىش ۋەقەلىرىدە قولغا ئېلىنغان بىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار قوللغىۇچىسى مۇھەممەد ھەسەن رامىزانغا 7-مارت ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.


مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز