ئەزىز خەلقىمىزنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن، نورۇز بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا دىيارىمىز ناخشىچىلىقىدىكى ئۇستازلار، چولپانلار، يىپەك يولى ساداسى، ناۋا پروگراممىسى قاتارلىق تېلېۋىزىيە سەھنىلىرىدە ئۆزىنى نامايان قىلىپ كېلىۋاتقان ياش كۈيچىلەر ۋە ئېتوت چولپانلىرىدىن تەشكىللەنگەن، «كارۋان چوڭ تىپتىكى نەق مەيدان ئىجادىيەت سەنئەت كېچىلىكى» 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 13، 14-كۈنلىرى قەشقەر يىن رۈيلىن خەلقئارا مېھمان سارىيى زالىدا نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ. كېچىلىكتە چولپانلىرىمىزدىن ئادىل مىجىت، خەيرىگۈل ھەسەن، مەھمۇت سۇلايمان، ئابلەت ئابلىكىم، مۆمىنجان ئابلىكىم، نۇرنىسا ئابباس، ئابدۇغېنى تۇردى، ئابدۇسوپور ئىسمايىل، ئابدۇغېنى ئابلىكىم، نازۇكئاي تەۋەككۇل ۋە تېلۋىزىيە سەھنىلىرىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتقان، يېتىلىۋاتقان ياش كۈيچىلىرىمىزدىن ئېلىس ئاندېرسون (نازاكەت )، مۇھەممەدئەلى موللا، مەردان ئابلىكىم، ئەخمەتجان مامۇت، غۇلامئېلى غوپۇر، شىرئەلى مامۇت، مۇساجان خېلىل، ئاتۇش ئوغلى روزاجى ئابدۇراخمان، روزاجى ئەركىن، سەمى تۇرسۇن، ئەلىجان توختى، مىرادىلجان باھاۋۇدۇن، ئېلياس ئابدۇغېنى، ئىبراھىمجان ئەنىۋەر، مەردان ساتتار قاتارلىق كۈيچىلىرىمىز تونۇلۇۋاتقان رېژىسسور، ئاكتىيور مۇھەممەدجان ئابدۇقادىر رېژىسورلىقىدا ئەڭ زامانىۋى سەھنە تېخنىكىسى قوللىنىلغان رەڭدار سەھنىدە گۈزەل ئىجادىي كۈيلىرىنى ياڭرىتىىدۇ.
3-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان قىزغىن كەيپىياتتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش زىياپىتىگە قاتنىشىپ، داڭلىق چولپانلار ۋە ياش كۈيچىلەر بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئۇچرىشالايسىز، پىكىر ئالماشتۇرۇپ خاتىرە سۆرەتكە چۈشەلەيسىز ھەمدە كېچىلىك توغرىسىدا خالىغان ئۇچۇرغا ئىگە بولالايسىز.
3-ئاينىڭ 13، 14-كۈنى ئورۇنلىنىدىغان نومۇرلار ئىككى كۈننىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ھەممىسى نەق مەيدان ئورۇنلىنىدۇ، ئەزىزانە قەشقەردىكى چولپانلار يىغىلىشى، زامانىۋى سەھنىدىكى ياڭراق كۈيلەر، كۈلكىلىك ئېتوتلار، ھەقىقىي سەھنە ھوزۇرى سىزنى كۈتمەكتە!
بېلەت باھاسى:
كۆمۈش كارتا 100 يۈەن، ئالتۇن كارتا 200 يۈەن، ئالماس كارتا 300 يۈەن
قاشتېشى كارتا 168 يۈەن (168 يۈەن+ =مۇخپىرلارنى كۈتىۋېلىش ۋە ئاخپارات ئېلان قىلىش زىياپىتى)
پائالىيەتكە ۋاقتىدا رەتلىك كېيىنىپ كېلىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز!
بېلەت زاكاز قېلىش ۋە مەسلىھەت سوراش تېلفۇنى:
بىلەت سېتىلىدىغان ئورۇنلار:
قەشقەر يىن رۈي لىن خەلقئارا مىھمانسارىيى
ئىخلاس تاللا بازىرى ئالدى
قەشقەر جۇلا ئۈن-سىن مەركىزى (ئاق ئوردا)
قەشقەر كارۋان ئۈن-سىن مەركىزى (ھېيتگاھ)
قەشقەر ساما ئۈن-سىن مەركىزى (يېڭى بازار)
قەشقەر شەبنەم ئۈن-سىن مەركىزى (2-ئولتۇراق رايون)
قەشقەر ساغلام ھايات ئېمپورت مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى (تۈمەن يولى قەۋم سودا بازىرى 9-دۇكان)
ئاتۇش شەھرى قىران كەسپىي فىلىم ئىشلەش مەركىزى (يېڭى ئارزۇ رېستۇرانىنىڭ ئاستىدا)
ئاقتۇ ناھىيە ئۆزگىچە ئېلانچىلىق شىركىتى (خەلق غەربى يولى بارىن بىكەت يېنىدا)
كونىشەھەر ناھىيە مۇبارەك ئېلانچىلىقى (ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت ئۇدۇلىدا)
يوپۇرغا ناھىيە ئابدۇغىنىجان ئۈن-سىن دۇكىنى (ئۇرۇقچىلىق بىناسى 1-قەۋەت 18-دۇكان)
يېڭىشەھەر ناھىيە جىنخوڭ سارىيى ئۆي سېتىش مەركىزى
قەشقەر شەھرى مۇيەسسەر خانىم ھامبۇرگ بولكىخانىسى، ھاجىم كالا گۆشى ئۈگرىخانىسى، پىيادىلەر كوچىسى ئالدى، مۇقام تىياتىرخانىسى ئالدى، پوچتىخانا ئالدى، قەشقەر شەھرىدىكى ئاۋات كوچا دوقمۇشلىرىدا ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ناھىيەلەردە سېتىلىدۇ.
مەزكۇر ئېلاننى ئۈندىدار دوستلار چەمبېرىكىگە تارقىتىش ئارقىلىق ھەقسىز ئويۇن بېلىتىگە ئېرىشەلەيسىز!
مەنبەسى : ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى : uzartori