• ئائىلىلەردە شويلىنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى

    2011-01-16

    تەۋە تۈرى:

    مۇناسېۋەتلىك فىلىم

    كېرەكلىك ماتېرىياللار : گۈرۈچ ، زىرە ،گۆش ،زەنجىۋىل سۈيى ، ئۆسۈملۈك مېيى ،كاۋاۋىچىن، سەۋزە، يۇمغاق سۈت ، پەمىدۇر ،تۇز ( بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجى بويىچە تەييارلىنىدۇ) 

     

    ئېتىلىش ئۇسۇلى: گۆشنى ئىككى سانتېمىتىر چوڭلۇقتا، سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىمىز، پىيازنى يالپاقلاپ توغرايمىز، پەمىدۇر چوڭ-چوڭ پارچىلىنىپ توغرىلىدۇ، گۈرۈچ ئىسىق سۇدا ئىككى - ئۈچ قېتىم يۇيىلىدۇ.

     

    قازانغا ماينى قۇيۇپ قىزىتىپ ، ماي چۈچىگەندە، گۆشنى سېلىپ قىزارغىچە قورۇيمىز، كېيىن پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، پەمىدۇرنى، سەۋزىنى سېلىپ قورۇپ، تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز، زىرە ۋە كاۋاۋىچىن سۈيىنى سېلىپ تەمىنى تەڭشىگەندىن كېيىن ، گۈرۈچنى سېلىپ تېز-تېز ئارىلاشتۇرۇپ  پىشۇرىمىز. ئەگەر سۇ يېتىشمىسە يەنە قايناق سۇ قۇيۇشقا بولىدۇ، ( قازان قايناۋاتقاندا ئوتنى بەك كۈچلۈك قىلىۋەتمەسلىك كېرەك. شويلىنىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئېھتنياجىيا ئاساسەن سۈيىنى كۆپ ياكى ئاز قۇيۇمىز) ئاشنىڭ سۈيى تۈگەپ گۈرۈچمۇ پىشقاندا، ئۈستىگە توغراپ تەييارلانغان يۇمغاقسۈتنى سالىمىز، ئاندىن قاچىغا ئۇسۇيمىز.

     

    شويلا ئاش يۇمشاق ، يېيىشلىك بولۇپ، ياشانغانلار ، بالىلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا  بەكمۇ ماس كېلىدۇ.

     


    历史上的今天: