• قېرىن قورۇمىسى

    2011-01-16

    تەۋە تۈرى:قورۇمىلار

    تىلفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق دوستىڭىزنىڭ ھازىرقى ئېنىق ئورنىنى تېپىشنى خالامسىز؟يەرشارى ئۇرۇن بەلگۈلەش سېستىمىسى سىزگە ياردەم بېرىدۇ

    خۇرۇچى
    قوينىڭ قېرىنى 500گرام،تېتىتقۇ بىر چىمدىم،پالەك ئككى تۈپ،قارىمۇچ ئازراق،سۇڭپىياز بىر تال،كۈنجۈت يېغى ئازراق،سامساق تۆت چىش ،سۇ يېغى 500گرام،پۇرچاق ئۇنى ئازراق،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا
    قورۇش ئۇسۇلى
    1.قوينىڭ قېرىنىنى ياخشى كۆپتۈرۈپ(تۆۋەندە چۈشەندۈرۈش بار) خش شەكلىدە توغراپ،تور شەكلىدە تۈشۈك گۈل چىقىرىپ بولۇپ،نىپىز يالپاقلاپ توغراپ،تۇز ،تېتىتقۇ،كۈنجۈت يېغى ،چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ئارلاشتۇرۇپ،تەييارلىنىدۇ؛سۇڭپىياز،سامساق يالپاقلاپ توغرىلىدۇ،پالەك قىسقا ياپراق توغرىلىدۇ.
    2.بىر قاچىغا شورپىغا سوققان قارىمۇچ ،تېتىتقۇ،تۇز،چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
    3.قازانغا ياغ قۇيۇپ 5-6دەرىجە قىزىتىپ ،قېرىننى سېلىپ،چالا پشۇرۇپ ئېلىپ قاچىدا قويۇلىدۇ.
    4.قازانغا 35گرام ياغ قۇيۇپ ،سۇڭپىياز،سامساق،پالەك سېلىپ قورۇپ،چالا پىشقان قرىننى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ ئككى قېتىم ئۆرۈپ،كۈنجۈت يېغى سېپىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ
    قېرىننى يۇيۇش ئۇسۇلى
    قېرىننى قول گۆيگۈدەك سۇغا 3-5مىنۇت چىلاپ قۇيۇپ، سۈزۈپ ئېلىپ ئۈستىدىكى تىرىپىنى قىرىۋىتىپ،سوغوق سۇدا چايقىلىدۇ.

    قېرىننى كۆپتۈرۈش ئۇسۇلى
    قېرىننى شولتا سۈيىگە 15مىنۇت چىلاپ،ئاندىن شۇ سۇدا 15 مىنۇت قاينىتىپ پشۇرۇپ ئېلىپ ،داغ سۇغا سېلىپ يەنە قاينىتىپ شولتاتەمىنى چىقىرىۋىتىمىز ( سۇنى ئۈچ قېتىم ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن 30-40مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ) ،كېيىن سوغاق سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ،لازىم ۋاختىدا ئىشلىتىدۇ.
    ئالاھىدىلىكى
    قېرىن كۆپكەن ،يۇمشاق يىيىشلىك بولىدۇ.

    分享到: