• چىلاشما گۆش

    2009-06-20

    تەۋە تۈرى:قورۇمىلار

    مۇناسېۋەتلىك فىلىم

    پىششق قوي گۆشى 200گرام،ھۆل مور ئازراق ،تۇخۇم ئككى دانە،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،چىلىغان پۇرچاق ئۇنى70گرام ،كاۋاۋىچىن ئازراق،سۇڭپىياز بىر تال،تېتىتقۇ بىر چىمدىم،سامساق تۆت چىش جاڭيۇ ئازراق،ھۆل خۇاڭخۇا سەي ئازراق،سۇيېغى بىر كلوگرام(خورايدىغىنى 70گرام)

    قورۇش ئۇسۇلى
    1.پىششق قوي گۆشىنى ئۇزۇنلىقى تۆت سانتىمىتىر،كەڭلىكى ئككى سانتىمىتىر قىلىپ يالپاقلاپ،سۇڭپىياز ئات قۇلىقى شەكلىدە ،سامساق يالپاق توغرىلىدۇ.
    2.توغرالغان گۆشكە كاۋاۋىچىن تېتىتقۇ ، تۇز ، بىر تۇخۇم ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ؛يەنە بىر تۇخۇم باشقا قاچىغا چېقىپ قويۇلىدۇ.
    3.شورپىغا جاڭيۇ،تېتىتقۇ،تۇز ،قارىمۇچ،چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا ياسىلىدۇ.
    4.قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-8دەرىجە قىزىتىپ ،گۆشنى سېلىپ سارغايتىپ پشۇرۇپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
    5.قازانغا 35گرام ياغ قۇيۇپ ،سۇڭپىياز خۇاڭخۇا سەي مورلارنى سېلىپ قورۇپ ،تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ ،قاينىغاندىن كىيىن تۇخۇمنى قۇيۇپ تۇخۇم شورپىسى ياساپ،ياغ سېپىپ پارقىرىتىپ ،تەخسىدىكى گۆشنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.
    ئالاھىدىلىكى
    گۆشى يۇمشاق ،سۈيى سۈزۈك،مەززىلىك.


    历史上的今天:





    评论

  • ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۇلۇبى (بايلىق تورى )بىلوگىنى ئۇلۇنىش قىلۋېلىڭ،http://xjue.blogbus.com http://xjue.blogbus.com/files/12292264650.jpg
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،ھۆرمەتلىك دوسلار!
    بلوگىمىزنى ئۇلنىش قىلماقچى بولسىڭز تۆۋەندىكى تۇغ ئادېرسىنى ئۇلىنشقا قۇشۇۋېلڭ، ھەمكارلاشقىنىڭزغا رەھمەت!
    بىلوگ مەنزىلى:http://xjue.blogbus.com
  • سىزبەتنى بەك چىرايلىق ياساپ سىز قۇلىڭىزدىن ياساشدىن باشقنى بىلمەمسىزhtml