• سۈتلۈك پولۇ

    2011-03-01

    تەۋە تۈرى:گۈرۈچ تائاملار

    تىلفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق دوستىڭىزنىڭ ھازىرقى ئېنىق ئورنىنى تېپىشنى خالامسىز؟يەرشارى ئۇرۇن بەلگۈلەش سېستىمىسى سىزگە ياردەم بېرىدۇ

    سۈتلۈك پولۇ
    خۇرۇچى
     گۈرۈچ ئككى كلوگرام،پىياز بىر تال،سۈت بىر كلوگرام،زىرە مۇۋاپىق ،ياغ 200گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،تۇرۇپ بىر كلوگرام،سۇ 500گرام.

    ئېتىش ئۇسۇلى
    1.سۈتنى قاينىتىپ قۇيىمىز،پىيازنى يالپاق،تۇرۇپ قۇناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. گۈرۈچنى 3-4 قېتىم يۇيۇپ ئىسسق سۇغا چىلاپ قۇيۇلىدۇ.
    2.ياغ 7-8 دەرىجە قىزىغاندا پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ ،تۇرۇپنى سېلىپ بوش قورۇپ،زىرە تۇزنى سېلىپ ۋە 500گرام سۇ قۇيۇپ قاينىتىلىدۇ،تۇرۇپ پىشقاندا گۈرۈچنى سېلىپ گۈرۈچ سۈيى تارتىلغاندا،قايناتقان سۈتنى قۇيۇپ ئاشنى دەملەپ پشۇرىلىدۇ.

    ئالاھىدىلىكى
     ئاش شىرنىلىك ،رەڭگى ئاق بولىدۇ.لىگەنگە سۈت يىغىلىدۇ.

    分享到:

    历史上的今天: