• بەتتە پولۇ

    2011-03-02

    تەۋە تۈرى:گۈرۈچ تائاملار

    تىلفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق دوستىڭىزنىڭ ھازىرقى ئېنىق ئورنىنى تېپىشنى خالامسىز؟يەرشارى ئۇرۇن بەلگۈلەش سېستىمىسى سىزگە ياردەم بېرىدۇ

    بەتتە پولۇ
    خۇرۇچى
     گۈرۈچ ئېككى كلوگرام،زەنجىۋىل سۈيى ئازراق،گۆش 500گرام،سوققان كاۋاۋىچىن بىر چىمدىم،ياغ 200گرام،سامساق بىر تال،يېسۋىلەك 250گرام،پۇرچاق ئۇنى 35گرام،پىنتوزا 140گرام،سوققان زەرچىۋە بىر چىمدىم،سۇڭپىياز 70گرام،زىرە مۇۋاپىق،پەمىدۇر بىر تال.

    ئېتىش ئۇسۇلى
    1.گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ، ئىلمان سۇ بىلەن 3-4 قېتىم يۇيۇلىدۇ.

    2.سەۋزىنى قەلەمچە،گۆشنى نىپىز،يالپاق،يېسۋىلەك چاچتەك ئىنچىكە توغرىلىدۇ. پېنتوزا قىزىق سۇغا چىلاپ قۇيۇلىدۇ،سۇڭپىياز،پەمىدۇر،سامساقلار ئۇششاق توغرىلىدۇ.

    3.قازانغا 140-150گرام ياغ قۇيۇپ،7-8دەرىجە قىزىتىپ،ياخشى داغلىغاندىن كىين گۆشى شىلىۋېلىنغان سۆڭەكنى ياغقا سېلىپ رەڭگى قىزارغىچە قورۇلىدۇ.كېيىن سۆڭەكنى ئېلىۋېتىپ،پىيازنىڭ بىر قىسمىنى قازانغا سېلىپ سارغايتىپ، ئاندىن توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ ئازراق تۇز سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇلىدۇ.سەۋزە قورۇلۇپ قىزغۇچ رەڭگە كىرگەندە ، پولۇغا كىتىدىغان سۇنىڭ يېرىمىنى قۇيۇپ، ئۇنىڭغا زىرە ئازراق زەرچىۋە سېلىپ 10-15مىنۇت قاينىتىلىدۇ.زىرۋەكنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشەپ ،گۈرۈچنى سېلىپ،گۈرۈچنىڭ ئۈستىدىن بىر سانتىمېتىر كۆتۈرۈلۈپ تۇرغىدەك قايناقسۇ قۇيۇپ ، ئوتنى پەسەيتىپ ،چوغنىڭ قىزىقىدا قازان تەكشى قاينىتىلىدۇ، ئاش قايناۋاتقاندا بىر نەچچە يېرىگە تاياق سانجىلىدۇ.گۈرۈچ سۇنى ئاساسەن سىڭدۈرۈپ بولغاندا، ئاش 10-15مىنۇت دەم يىدۈرىلىدۇ.

    4.توغرالغان گۆشكە چىلانغان پۇرچاق ئۇنى،تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ،قازاندىكى 6-7 دەرىجە قىزىقلىقتىكى ياغقا گۆشنى سېلىپ قىزارتىپ قورۇپ، ئاندىن سوڭپىيازنى سېلىپ بىرـ ئىككى ئېلىشتۇرۇپ ئۇششاق چانالغان پەمىدۇرنى سېىلىپ قورۇپ ئارقىدىن يىسۋىلەكنى سېلىپ سارغايغىچە قورۇلىدۇ.قورۇش جەريانىدا زەنجىۋىل سۈيى ،كاۋاۋىچىن،مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىنىدۇ. ئاندىن ئازراق سۇ قۇيۇپ ،يۇمشاتقان پنتوزىنى ،سامساقنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.بۇ سەي لىگەنگە ئۇسۇلغان پولۇنىڭ ئۈستىگە سېلىنىدۇ.مانا بۇ بەتتە پولۇ دىيىلىدۇ.

    ئالاھىدىلىكى
    بەتتە پولۇ قىش پەسلىدە شۇنداق ئىتىلىدۇ،لېكىن ياز پەسلىدە يېسۋىلەك ئورنىغا جاڭدۇ،تەرخەمەك ،كەرەپشىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئەتسىمۇ ياكى خالىغان كۆكتات تۈرىدىن بىرنەچچە خىلىنى قوشۇپ قورۇپ ئەتسىمۇ بولىدۇ.

    分享到: